تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، لاياقەتلىك بولغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، لاياقەتلىك بولغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، تارىخ، رېئاللىق، كەلگۈسى تۇتاشتۇرۇلغان، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇ تۇتاشتۇرۇلغان، ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، بۇ، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى بولۇپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى مۇساپىنى ياخشى مېڭىش ئۈچۈن يەنىمۇ ئېنىق ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ھازىرقى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىپ، مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش، مۇھاكىمە قىلىشقا تەشكىللەپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى مۇھىم بازىلىق رولىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىك تەرتىپ ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەت ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى، مەۋقەسى، ماسلىشىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ھەر ساھە ئامما ئارىسىدا ئورتاق تونۇش تارقىتىپ، پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى ئىدىيە ۋە جەمئىيەت ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت، كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، تەشۋىقاتنى ياخشى تۇتۇشقا كۈچەپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇش ئاكتىپ كۈچىنى كەڭ مۇجەسسەملەش كېرەك. مەركەزنى چۆرىدەپ چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، دىققەتنى «كېڭىشىش»تىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش سۈپەتلىك ماركىسى يارىتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.