تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلايلى، مەڭگۈ كەڭ ئەۋج ئالدۇرايلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

روھنىڭ كۈچى چەكسىز بولىدۇ. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، جاسارىتىنىڭ يەنىلا ئۇرغۇپ تۇرۇشى، قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىدىكى سەۋەب، دەل ئاشۇنداق ئىنقىلاب قىلىشقا جان پىدالىق كۆرسىتىش قوشۇلغان قۇدرەتلىك روھقا تايانغانلىقىدا.

«100 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پېشۋالىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان، غايىسىنى قەتئىي ساقلايدىغان، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان، بۇرچنى زىممىگە ئالىدىغان، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، پارتىيەگە سادىق بولغان، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى شەكىللەندۈردى، بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەنىۋى مەنبەسى.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، 100 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى مۇپەسسەل يىغىنچاقلاپ، تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق جاكارلىدى: «بىز داۋاملىق تۈردە شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىپ، مەڭگۈ كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك!»

100 يىل مابەينىدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، غايىسىنى قەتئىي ساقلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ماركسىزم ۋە كوممۇنىزم، سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىقاد، ئەقىدە كوممۇنىستلارنىڭ جان تومۇرى ۋە جېنى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا ماركسىزمنى ئۆز بايرىقىغا ئېنىق يېزىپ، كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالىي غايىسى قىلىپ بېكىتتى. 100 يىلدىن بۇيان، دەل ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات مۇساپىسىدە ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا تەۋرەنمىگەنلىكى ئۈچۈنلا، پارتىيەمىز چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، پۈتۈن پارتىيەنى «ئورتاق تىل»غا ئىگە قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى ياراتتى، بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىلەش يولىدىكى جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، غايە - ئېتىقاد ئوتى تۇتاشتۇرۇلغان ھامان غايەت زور مەنىۋى كۈچ ھاسىل بولىدۇ. 100 يىلدىن بۇيان، سانسىزلىغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلدى، بوشاشماي كۈرەش قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدىنى ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىشى قىلىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئىشىنىپ، پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ئۆز خىزمەت ئورنىدا قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، يۈكسەك غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتماقتا.

100 يىل مابەينىدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىغا سىڭگەن بىر قىزىل لىنىيە. 100 يىلدىن بۇيان، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن، قانداق دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى؛ مەيلى قانچىلىك زور خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كېلىشتىن، مەيلى قانچىلىك زور قۇربان بېرىش ۋە بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىدىن قىلچە تەۋرەنمىدى. شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنغىچە، شىڭيې يولىدىن فۇشىڭ يولىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەرلەرنى يېڭىپ، جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلدى، جاسارەت بىلەن قۇدرەت تېپىشنى كۆزلىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ باردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دەل مۇشۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلىغاچقا، پارتىيەمىز ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدىمۇ تەرەققىي قىلىپ زورىيالىدى، ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالغا يولۇققاندىمۇ قاتمۇقات مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتەلىدى، ھالىدىن كېتىپ ئوڭۇشسىز ئەھۋالدا قالغاندىمۇ قەيسەرلىك بىلەن غەيرەتكە كېلەلىدى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى پارتىيەمىزنى مەڭگۈ چىڭ ساقلاشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە، پارتىيەمىزنى قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرماقتا.

100 يىل مابەينىدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. پارتىيەمىز دۆلەتتە ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك بولۇۋاتقان، مىللەت خەۋپ - خەتەر، قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان پەيتتە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا دۆلەت، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ دولقۇنىغا ئاتلىنىپ، باسقان ھەربىر قەدىمىدە كۈرەش ئىچىدىن ھاياتلىق يولى تاپتى، تەرەققىي قىلدى، غەلىبىگە ئېرىشتى. دۇنيادا ھېچقانداق پارتىيە پارتىيەمىزدەك بۇنداق كۆپ جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارغا ئۇچرىغان ئەمەس، بۇنداق كۆپ ھايات - ماماتلىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئەمەس، بۇنداق كۆپ ئېچىنىشلىق قۇربانلىقلارنى بەرگەن ئەمەس. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز كۈرەش قىلىش داۋامىدا دۇنياغا كەلدى، كۈرەش قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلدى، كۈرەش قىلىش داۋامىدا زورايدى. تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، پارتىيەمىز كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقماسلىق، خەۋپ - خەتەردىن قورقماسلىق، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىش خىسلىتى ۋە پەزىلىتىنى تاۋلاپ چىقتى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى.

100 يىل مابەينىدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. پارتىيەگە سادىق بولۇش كوممۇنىستلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي پەزىلىتى. پارتىيەمىز باسقان ھەربىر قەدىمىدە سانسىزلىغان خەۋپ - خەتەر ۋە ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، لېكىن ھەرقانداق قىيىنچىلىق بىزنى باش ئەگدۈرەلمىدى، ھەرقانداق دۈشمەن بىزنى يىقىتالمىدى، بۇنىڭدا مىليونلىغان پارتىيە ئەزاسىنىڭ سادىقلىقىغا تاياندۇق. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخى دەل پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش تارىخى. سانسىزلىغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقىتى ۋە قىزغىن مۇھەببىتىنى قەلبىگە چىڭ پۈكۈپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى، ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى بېغىشلىدى. پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك يۈكسەك ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، خەلققە بەخت يارىتىشتەك ئومۇمىي ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتەك ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلاپ، خەلققە بەخت يارىتىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دەيدىغان ئالىيجاناب مېھىر - مۇھەببىتىنى شەرھلەش، بۇ، ھەربىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىدا بولۇشقا تېگىشلىك قىممەت ئىنتىلىشى.

تارىخ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، روھ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش داۋامىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى بەرپا قىلىپ، روشەن سىياسىي پەزىلىتىنى تاۋلاپ چىقتى. بۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقلار زامان - ماكان ھالقىپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا يېڭىلىنىپ، پارتىيەنىڭ قەتئىي ئېتىقادى، تۈپ ئاساسىي مەقسىتى، ئېسىل ئىستىلىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىپ ئۆزىنى بېغىشلاش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتەك ئۇلۇغ پەزىلىتىنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ تومۇرىغا چوڭقۇر سىڭىپ، بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىزنى مول ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى. دەل ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيەمىز تەرەققىي قىلىپ 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە بولغان، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان، مۇھىم، زور يەر شارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان، دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلاندى.

«ئىككى 100 يىل»نىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ تاڭ نۇرى ئالدىمىزدا، ئىستىقبالىمىز پارلاق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز تەستە تېپىلىدىغان پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز، شۇنداقلا كەسكىن خىرىسقىمۇ دۇچ كېلىۋاتىمىز. كۈرەش نىشانىغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا قانچە يۈزلەنگەنسېرى، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى شۇنچە ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىپ، مەڭگۈ كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇپ، غايە - ئېتىقادنى تېخىمۇ چىڭىتىش، سىياسىي پەزىلەتنى تېخىمۇ ساپلاشتۇرۇش، كۈرەش قىلىش روھىنى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىلىش، كۈرەش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرساقلا، بىز چوقۇم نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەر داۋامىدا، ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ يېڭى مەنىۋى تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ چىقالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.