تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​تىرىشىپ جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بىردەك مۇنداق بىلدۈردى −

​تىرىشىپ جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس ۋە كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: سۆزنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك تارىخى ۋە ئۇلۇغ تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، تېخىمۇ گۈزەل يېڭى سەھىپە پۈتىمىز.

ئەمدىلا شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن چىن يەنكې بېيجىڭدىن شايار ناھىيەسىگە قايتىپ كېلىپلا دەرھال پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلار، ئاممىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللىدى. «بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشقا تەربىيەلىشىمىز، يېتەكلىشىمىز كېرەك» دېدى چىن يەنكې.

خوتەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئادىل ئوسمان مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى بىزنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىمىز، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىزگە قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى».

ئارا تۈرۈك ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى شۈ شېڭفېي مۇنداق دېدى: ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماي، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىمىز.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لوۋ ۋېيرۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەگە بولغان ھۆرمەت ۋە قىزغىن مۇھەببەتنى خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.

«باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزنى ھەسسىلەپ پەخىرلەندۈردى، ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى. بىز ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق سۆزنىڭ روھىنىڭ ئالتاي تۇپرىقىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولىمىز» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لەن شېڭشىن.

«بىز بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت، دېگەن داۋلىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى مۇساپىدە ئەسلىي مەقسەتنى تېخىمۇ قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىمىز» دېدى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەشكىلات - تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى ليۇ يۈنا.

«مەن بېيجىڭغا بېرىپ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق يۈرۈشلۈك پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا مۇيەسسەر بولدۇم، نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئىككى قېتىم كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئىدىيەم پاكلاندى، پارتىيەۋىلىكىم تاۋلاندى، روھىم ئىلھاملاندى! بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز» دېدى ئەمدىلا شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن مارالبېشى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياۋ نىڭ.

(مۇخبىر گې يوۋجۈن، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، پەرىزات ئابدۇل، ۋېي يوڭگۇي، دۇ جيەنخۇي، جاڭ تىڭ، سۇڭ ياۋېن، جەزىرە، سۇڭ ۋېيگو، جاڭ رۇيلىن، خەن چىنيەن، رايىدە)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.