− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا
□گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 12 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىسى سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈلدى، 100 يىلدىن بۇيان پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققانلىقىمىز تەنتەنىلىك جاكارلاندى، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى مۇپەسسەل يىغىنچاقلىنىپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى توققۇز جەھەتتىكى قىممەتلىك تەجرىبە ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپ، بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىندى، بۇ ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىشى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئىگىلەش، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. باش شۇجىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققانلىقىمىز توغرىسىدىكى تەنتەنىلىك جاكارسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، باش شۇجىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى يۈكسەك باھاسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، باش شۇجىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت باش تېمىنى چۆرىدەپ قوشقان تارىخىي تۆھپىسى توغرىسىدىكى ئىلمىي يەكۈنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، باش شۇجىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇش روھى توغرىسىدىكى مۇپەسسەل خۇلاسىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، باش شۇجىنىڭ پارتىيە قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتقۇچىلار توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، باش شۇجىنىڭ تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش قىممەتلىك تەجرىبىلىرى توغرىسىدىكى سىستېمىلىق يىغىنچاقلىشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، باش شۇجىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، باش شۇجىنىڭ ياشلاردىن ئۈمىد كۈتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سەمىمىي ئۈمىدىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، باش شۇجىنىڭ بارلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى توغرىسىدىكى دەۋر چاقىرىقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، باش شۇجىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىش ئۇلۇغۋار ئىشلىرى توغرىسىدىكى كەلگۈسى نەزەرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 يىلدا، يېڭى بىر دۇنيا يارىتىلدى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق داستاننى يېزىپ چىقتى؛ 100 يىللىق مۇساپىدە، پارتىيەنىڭ نۇرى تىيانشاننى يورۇتتى، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭ تارىخىدىكى تەرەققىيات، ئىلگىرىلەشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.