تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ شىنجاڭ جاۋاب قەغىزىنى ئورتاق پۈتىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بىردەك مۇنداق بىلدۈردى −

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ شىنجاڭ جاۋاب قەغىزىنى ئورتاق پۈتىمىز

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، ئالىي مائارىپ ساھەسىدە قىزغىن ئىنكاس ۋە كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «توققۇز جەزمەن»نى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى مۇساپىدە، تەرەققىياتتىن ئىبارەت بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ شىنجاڭ جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرىمىز.

كوئېنلۇن بانكىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۇڭلەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ شانلىق نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ، ئۇ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم نەتىجىسى، بىزنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكلەيدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەڭگۈ بوشىشىپ قالمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن يېڭى نەتىجە يارىتىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى ئوبرازنى نامايان قىلىمىز.

شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى جيەنجۈن مۇنداق بىلدۈردى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىدىن ئەقىل - پاراسەت، كۈچ - قۇۋۋەت ئېلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرىمىز.

«مەن <3 - ئەۋلاد كانچى>، بۈگۈنكى كۈندە ئاتا - ئانامنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر بىلىمەن. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەسلىي مەقسەتنى ياخشى ساقلاش، بۇرچنى ياخشى زىممىگە ئېلىشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ بولغان يېڭى مۇساپىدىكى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرەيمەن» دېدى شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى فۇكاڭ مېتال تاۋلاش زاۋۇتى ئېنېرگىيە سېخىنىڭ بىخەتەرلىك خادىمى ياقۇپ ئىمىنجان.

شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى جۈن مۇنداق دېدى: شىركەتتىكى بارلىق خىزمەتچىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەڭگۈ ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرىدۇ! «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىركىتىمىز ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابىتى دورىگەرلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەتقىقات مەركىزى، ئىشلەپچىقىرىش، ياساش مەركىزى، پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى توپلاش مەركىزى ۋە جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان، كېڭەيتىدىغان تاشقى ئالاقە مەركىزى بەرپا قىلىدۇ.

«مەن مائارىپ مەركىزىدىن ئىبارەت بۇ قىزىل بازىنى ياخشى ساقلاپ، قىزىل گېننىڭ قەتئىي ۋارىسى، قىزىل ھېكايىنىڭ قالتىس چۈشەندۈرگۈچىسى، قىزىل روھنىڭ جانلىق شەرھلىگۈچىسى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن» دېدى شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى − «شىنيې يولى» مائارىپ مەركىزىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى لى سۇيا قەتئىيلىك بىلەن.

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بانكا باشلىقى جياڭ چۈنشىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن بانكىدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى كونكرېت خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.

(مۇخبىر شى شىن، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ يۇڭفېي، جاۋ شىيا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شى ۋېيجيا، ئەن خۇي، چېن دەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.