تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«بىر ئاسما يولنى ئۆزگەرتىپ، بىر بۆلەك تاشيول ياسىغاندىلا، ئاممىغا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرگىلى بولىدۇ»

− شى جىنپىڭنىڭ پۇقرالارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋېي يۈكۇن، جاۋ ۋېنجۈن، دىڭ يىچۈەن

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتا تەرەققىياتقا تايىنىش، تەرەققىياتتا ئاۋۋال قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتناش ئىشلىرىغا باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، پۇقرالارنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىدىن غەم قىلىپ، كۆپ قېتىم ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ قاتناش - تىرانسپورت خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، قاتناش - تىرانسپورت تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

پۇقرالارنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش

يېزىلارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشىنىڭ ئاساسى قاتناشتا. يېزا رايونلىرى، بولۇپمۇ نامرات رايونلارنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە باشتىن - ئاخىر زور سالماقنى ئىگىلىدى.

يۈننەن بىلەن شىزاڭ تۇتىشىدىغان جايغا جايلاشقان يۈننەن گۇڭشەن دۇلۇڭزۇ - نۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دۇلۇڭجياڭ يېزىسى دۇلۇڭ مىللىتى ئاساسلىق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، بۇ جاينىڭ تاغلىرى ئېگىز، جىلغىلىرى چوڭقۇر، تەبىئىي شارائىتى ناچار بولۇپ، ئىلگىرى يۈننەن، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ نامرات، قالاق رايون ئىدى. دۇلۇڭجياڭ يېزىسىنىڭ يول قاتنىشى ياخشىمۇ - ياخشى ئەمەسمۇ؟ يۇرتداشلارنىڭ سەپەرگە چىقىشى قولايلىقمۇ - قولايلىق ئەمەسمۇ؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنى ئىزچىل كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.

2014 - يىلى يېڭى يىلنىڭ ئالدىنقى كۈنى، يۈننەن ئۆلكىسى گۇڭشەن ناھىيەسىدىكى كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان گاۋلى گۇڭشەن - دۇلۇڭجياڭ تاشيولى تونېلىنىڭ پات ئارىدا تۇتاشتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى دوكلات قىلدى.

خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى: «گاۋلى گۇڭشەن - دۇلۇڭجياڭ تاشيولى تونېلىنىڭ پات ئارىدا تۇتاشتۇرۇلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، دۇلۇڭ مىللىتىدىن بولغان يۇرتداشلارنى تەبرىكلەيمەن! دۇلۇڭ مىللىتى ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇ، تۇرمۇش شارائىتى بىرقەدەر جاپالىق، مەن سىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىڭلارنى ئىزچىل كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم».

ھەربىر سۆزگە سەمىمىي چوڭقۇر مۇھەببەت يۇغۇرۇلغان.

بىر يىلدىن كېيىن، 2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، يۈننەن كۇنمىڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ، ئەينى چاغدا خەت يازغان بەش كادىر، ئامما ۋە دۇلۇڭ مىللىتىدىن بولغان ئىككى ئايالنى كۇنمىڭ شەھىرىگە تەكلىپ قىلىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى.

كەچقۇرۇن، ئۆزى تۇرۇشلۇق مېھمانساراينىڭ مەجلىسخانىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇلۇڭ مىللىتىدىن بولغان «پېشقەدەم ھاكىم» گاۋ دېرۇڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇزۇن چىۋىق ئورۇندۇقتا بىللە ئولتۇردى، كۆپچىلىك بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، دۇلۇڭ مىللىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا فىلىمنى كۆردى.

«ئەسلىدە تاغدىن چىقىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتەتتى؟» دەپ سورىدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

«ئازادلىقتىن ئىلگىرى شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ گاۋلىدىكى گۇڭشەن تېغىدىن ھالقىپ گۇڭشەن ناھىيەسىگە بېرىپ كېلىشىگە يېرىم ئاي كېتەتتى؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن پىيادىلەر يولى، ھارۋا يولى ياسىلىپ بىر قېتىم بېرىپ كېلىشكە ئالتە - يەتتە كۈن كېتىدىغان بولدى؛ 1999 - يىلى دۇلۇڭجياڭغا ئاددىي تاشيول تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، قېلىن قار تاغ يولىنى توسۇۋالمىسىلا، يەتتە - سەككىز سائەت ئىچىدە ناھىيە بازىرىغا يېتىپ بارغىلى بولىدىغان بولدى؛ بۈگۈنكى كۈندە تونېلدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈچ سائەتتىلا ناھىيە بازىرىغا بارغىلى بولىدۇ» دېدى گاۋ دېرۇڭ.

دۇلۇڭجياڭ تاشيولى دۇلۇڭ مىللىتى ئاممىسىنىڭ سىرت بىلەن ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشتىكى بىردىنبىر يولى، دۇلۇڭ مىللىتىدىن بولغان قېرىنداشلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى. بۈگۈنكى كۈندە، تاشيول تونېلىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى يەنە ساياھەتچىلىكنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى بەس - بەستە كېلىشكە جەلپ قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى تىك يار ئۈستىگە جايلاشقان سىچۇەن دالياڭشەن تېغىنىڭ ئاتۇلېر كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىنىڭ قىيىن بولۇشىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ناھايىتى بىئارام بولدۇم.» 2017 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «تىك يار كەنتى» توغرىسىدىكى تېلېۋىزىيە ئاخبارات خەۋىرىنى تىلغا ئالغاندا، كۆيۈنۈش ھېسسىياتى ھەربىر سۆزىدە ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شۇ يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، «تىك يار كەنتى»دىكى كەنت ئاھالىلىرى چىۋىق ۋە كالتەكتىن ياسالغان 17 بۆلەك «ئاسمان شوتىسى» بىلەن خوشلىشىپ، 2500دىن ئارتۇق پولات تۇرۇبىدىن تۈزۈلگەن «پولات شوتىلىق يول»نى ئىشلىتىدىغان بولدى. 2020 - يىلى 5 - ئايدا، كەنت ئاھالىلىرى كەينى - كەينىدىن جاۋجۆ ناھىيەسىگە جايلاشقان نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ناھىيە بازىرىدىكى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەس كۈرەش نىشانى قىلىپ، يېزا رايونلىرى، بولۇپمۇ نامرات رايونلارنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 4 مىليون 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، شارائىتى ھازىرلانغان يېزا - بازار ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەرگە %100 قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئاپتوبۇس قاتنىدى، 556 مىڭ ئىشتاتلىق كەنتتە بىۋاسىتە پوچتا ئالاقىسى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۈستبېشىنى توپا - چاڭ بېسىش، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى لايغا مىلىنىپ كېتىش» تارىخقا ئايلاندى، پۇقرالار «ئۆيدىن چىقسىلا قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول بولۇش، يول بويىدىلا ئاپتوبۇسقا چىقالايدىغان بولۇش» تەدرىجىي رېئاللىققا ئايلاندى.

قاتناش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش

بېيىش ئۈچۈن، ئاۋۋال يول ياساش كېرەك. يېزىلاردا يول بولمىسا، بېيىش قىيىن بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا كۈچ قوشۇشتىكى مۇھىم رولىغا ئىنتايىن دىققەت قىلدى.

ۋۇلىڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان خۇنەن شياڭشى تۇجيازۇ مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىشۇ شەھىرىنىڭ ئەيجەي بازىرىدا تاغلار خەتەرلىك، تىك بولۇپ، قاتناش قولايسىز ئىدى. قالاق قاتناش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، شۇ جاي 2007 - يىلى 10 - ئايدا كۆۋرۈك سېلىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ياسىدى، 2012 - يىلى 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئەيجەي ئالاھىدە چوڭ ئاسما كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلىنىپ يۈرۈشتۈرۈلدى. بۇ چوڭ كۆۋرۈك خۇنەن، چۇڭچىڭ، گۇيجوۋ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىكى بىرقانچە چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىنى تۇتاشتۇرۇپ، شياڭشى ئوبلاستىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قاتناش بوغما ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

بۇ چوڭ كۆۋرۈكنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈش ئەھۋالى قانداقراق؟ شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بۇ ئارقىلىق ياخشىلاندىمۇ - يوق؟ 2013 - يىلى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەيجەي ئالاھىدە چوڭ ئاسما كۆۋرۈكىگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، شياڭشى ئوبلاستىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قاتناش شارائىتىدا زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ يېزا - كەنت يول تورىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەنلىكىنى ئىگىلەپ، باش شۇجى ناھايىتى خۇشال بولدى.

«نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدا، قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە شارائىتلىرىنى ياخشىلاش ئىنتايىن مۇھىم، بۇ جەھەتتە سالماقنى ئاشۇرۇپ، داۋاملىق قوللاش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ كەڭ دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىدىن زور ئۈمىد كۈتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئەيجەي ئالاھىدە چوڭ ئاسما كۆۋرۈكى بىلەن ئەيجەي تىك يار ئەينەكلىك ئاسما يولى، دېخاڭ مياۋجەي قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بىرلىكتە دېخاڭ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنى ھاسىل قىلدى، بارغانسېرى كۆپ يەرلىك پۇقرا مياۋزۇ كەشتىسى تىكىش، پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىش ئارقىلىق، ئىشىكى ئالدىدىلا «ساياھەت تامىقى» يېيەلىدى.

يوللار راۋان بولسا، ھەممە كەسىپ گۈللىنىدۇ. خۇددى شياڭشى ئوبلاستىغا ئوخشاش، نۇرغۇن نامرات رايوندا بايلىق كەمچىل ئەمەس، يوللار تۇتاشتۇرۇلمىغاچقا، راۋان بولمىغاچقا، پۇقرالار سىرتقا چىقالماي، تۇرمۇشى بارغانسېرى نامراتلىشىپ كەتكەن. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتا، قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش ئىنتايىن مۇھىم.

«بولۇپمۇ بەزى نامرات رايونلاردا بىر ئاسما يولنى ئۆزگەرتىپ، بىر بۆلەك تاشيول ياسىغاندىلا، ئاممىغا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرگىلى بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا تاشيولىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى.

سىچۇەن جاۋجۆ ناھىيەسى سەنچاخې يېزىسى سەنخې كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جىخاۋ يېچيۇ ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇرۇنقى ئاشۇ كۆرۈنۈشنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدۇ − باش شۇجى شى جىنپىڭ تاغ ئارىسىدىكى ئەگرى - بۈگرى كەتكەن چىغىر يولنى بويلاپ، ئوڭغۇل - دوڭغۇل يولدا مېڭىپ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كېلىپ، پاكار ھويلا ئىشىكىدىن ئۆتۈپ، ئۆيگە كىردى.

2018 - يىلى چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى لياڭشەن رايونىدا ئۇدا قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تېز تۆۋەنلەپ كەتتى. لياڭشەن ئوبلاستىدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنخې كەنتىگە كېلىپ، جىخاۋ يېچيۇنىڭ ئۆيىگە كىردى.

«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا ھەربىر مىللەت، ھەربىر ئائىلىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ جىخاۋ يېچيۇنىڭ كۆز چاناقلىرى ئىسسىق ياشقا تولدى.

دېڭىز يۈزىدىن 2500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ قىرىغا جايلاشقان سەنخې كەنتى تىپىك يىزۇلار كەنتى بولۇپ، قاتناش شارائىتى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئارقىدا قالغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي يېڭىدىن كەنتكە تۇتىشىدىغان تاشيول ياساپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، كەنت قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى. يول راۋانلاشتى، شۇ جاينىڭ كەسىپ تەرەققىياتىمۇ تېزلەشتى، ياڭيۇ، خۇاجياۋ، ياڭاق قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تاغدىن چىقىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى يىلدىن - يىلغا ئاشتى.

ھازىر، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلگەن چاغدا ماڭغان كەنتكە تۇتىشىدىغان ئوڭغۇل - دوڭغۇل پاتقاق يول پاكىز، رەتلىك بولغان ئاسفالت يولغا ئۆزگەردى. «باش شۇجى كەلگەن چاغدا يوللار ئوڭغۇل - دوڭغۇل ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق يولدا ماڭمايدىغان بولدۇق!» دېدى جىخاۋ يېچيۇ.

يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىدا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى كەنت - بازارلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كەڭ دېھقانلارنىڭ بىخەتەر، قولاي سەپەرگە چىقىشىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك؛

تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا تاشيوللىرىنى ياخشى ياساش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئاسراش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛

يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قاتناش بوغما ھالىتىنى تەدرىجىي تۈگىتىش كېرەك...

يېڭى ۋەزىيەتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا تاشيول تەرەققىياتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، كەڭ دېھقانلارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن «ياخشى رېتسېپ» يېزىپ بەردى.

قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يولىنى پىلانلاش

دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كۈچلۈك پورت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش يېڭى مەزگىلدە قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى مۇھىم تېما. قانداق قىلىپ پورتنى زورايتىش، كۈچەيتىشكە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.

2019 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، تيەنجىندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىن پورتىدىكى پىرىستانغا كېلىپ، پورت پىرىستانىنىڭ مەشغۇلاتى ۋە ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ قولۇمنى تۇتقاندا، خۇددى ئۆيدىكىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندەك يېقىملىق ھېس قىلدىم.» شۇ چاغدىكى كۆرۈنۈش تيەنجىن پورتى تىنچ ئوكيان خەلقئارا كونتېينېر پىرىستانى چەكلىك شىركىتى مەشغۇلات قىلىش - يۈرۈشتۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ شوپۇرى لى تاۋنىڭ ھېلىھەم كۆز ئالدىدىن كەتمەيدۇ.

«ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا، قاتناشنى، بولۇپمۇ دېڭىز تىرانسپورتىنى ئالدى بىلەن كۈچەيتىش كېرەك.» ئورۇنلاشتۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۈكسەك ئىرادە بىلەن تىرىشىپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاقىل پورت، يېشىل پورت بەرپا قىلىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە « بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

ھازىر، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتنى تېزلىتىۋاتقان بۇ پورت دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پورت بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە: پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلىنغان كۆپ تۈرلۈك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، دۇنيادىكى 200 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى 800 نەچچە پورت بىلەن سودا ئالاقىسىنى ساقلىدى، تاشقى سودا سۇ يولى ئۈنۈمى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

بىر كۆۋرۈك جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇردى، بىر يول ھەممە تەرەپكە تۇتاشتى. ھەرىكەتچان جۇڭگو جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىدىغان ھاياتىي كۈچكە تولدى.

تيەنئەنمېننىڭ دەل جەنۇبىغا 46 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتى خۇددى سۇمۇرغقا ئوخشاش قانىتىنى كېرىپ تۇراتتى. چىڭقى چۈش ۋاقتىدا، قۇياش نۇرى مىس رەڭلىك ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئۆگزىسىگە چۈشۈپ، جۇلالىنىپ كۆزنى قاماشتۇراتتى.

ۋاقىتنى 2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگە قايتۇرساق، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندە، يېپيېڭى ئاۋىياتسىيە بىناسى بىر ئالاھىدە «يولۇچى»نى كۈتۈۋالدى − باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، ئايروپورتنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى ھەم ئاۋىياتسىيە بىناسىنى كۆزدىن كەچۈردى.

ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش سۇپىسى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى، پۈتۈن ئاپتوماتىك قەغەزسىز ئاقىل ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئايروپورتنىڭ زامانىۋى ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىپ يولۇچىلارنى قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

«داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنى خەلقئارادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىنچ ئايروپورت، يېشىل ئايروپورت، ئاقىل ئايروپورت، ئادىمىيەت ئايروپورتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيا دەرىجىلىك ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، دۇنياغا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى نامايان قىلىش، جۇڭگونىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، تىنچ ھەمكارلىشىدىغان كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەربىر جۈملە سۆزى جاراڭلىق بولۇپ، كىشىنىڭ قەلب تارىنى چېكىدۇ.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، داشىڭ ئايروپورتىدا يولۇچى ئېقىم مىقدارى 32 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ جەمئىي 250 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئۇچۇش - قونۇشى تاماملاندى؛ كۆپ تۈرلۈك مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىلغان، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قولايلىق، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭى دۆلەت دەرۋازىسى ئېچىلدى... «پولات سۇمۇرغ» بوينىنى سوزۇپ قانات قېقىپ، «گۈللىنىش»كە قاراپ پەرۋاز قىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى: ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئون چوڭ كونتېينېر پورتى ئىچىدە، جۇڭگو يەتتىنى ئىگىلىدى؛ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇساپىسى 160 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، گاۋتيېنىڭ يۈرۈشۈش مۇساپىسى 38 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، ئىچكى دەريا سۇ يولى قاتناش ئومۇمىي مۇساپىسى 120 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، بىردەك دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى؛ «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسى، C919 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى قاتارلىق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بىر تۈركۈم قاتناش قوراللىرى ۋە قاتناش جابدۇقلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، «جۇڭگو ياسىغان»نىڭ يېڭى يۈكسەكلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.