تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

100 يىلدا ئارزۇ رېئاللىققا ئايلىنىپ قەلبلەرنى يورۇتتى

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

پۇقرالار بەك جاپا - مۇشەققەت چەكتى، خاتىرجەم ياشايدىغان چاغ كەلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى پەيتىدە، جۇڭخۇا مىللىتى يەنە بىر تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋالدى − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

پارتىيە قۇرۇشتىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇشقىچە، يەنە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشقىچە، 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى چىڭ ساقلاپ، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان نۇرغۇن جاھان مۆجىزىلىرىنى ياراتتى.

يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىدىكى ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

مىڭ يىللىق ئارزۇ 100 يىلدا ئەمەلگە ئېشىپ، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئۇلۇغ مۆجىزە پۈتۈلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئۆچمەس ئابىدە تىكلەندى.

بۇرچنى يەردە قويمايدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق −

تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەمنى ئېلىش

بېيجىڭ، تيەنئەنمېن مەيدانى. دۆلەت مۇزېيىدا، «گۈللىنىش يولى» ئاساسىي كۆرگەزمىسى نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى جەلپ قىلدى.

2012 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەردە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز» دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

شاڭخەي، شىڭيې يولىدىكى كونا شىكۇمېن. بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى ئېچىلىپ، پارتىيە قۇرۇلغان مەزگىلدىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىندى.

2017 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ 1 - قۇرۇلتاي ئېچىلغان جايغا ئالايىتەن بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەگە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش» چاقىرىقىنى چىقاردى.

شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنغىچە، پارتىيەمىز 100 يىلدىن بۇيان كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقلار، ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلەر، بارلىق قۇربان بېرىشلەرنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ بەختى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بولدى.

ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان بوشاشماي ئىنتىلگەن ئارزۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تۈپ ئاساسىي مەقسەت قىلدى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىپىدە، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، خەلقنىڭ كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئىككى نىشان مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسى توغرىسىدا، پارتىيە 16 - قۇرۇلتىيى، 17 - قۇرۇلتىيىدا ئارقا - ئارقىدىن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

2012 - يىلى 11 - ئايدا، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدا «دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىردى» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەۋقە تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇلدى، تارىخىي ئورۇن ئايدىڭلاشتۇرۇلدى −

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقىچە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىندى.

«2020 - يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە، تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى جۇڭگو ئارزۇسى چوڭ ئەندىزىسىگە قويۇپ پىلانلىدى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

سەككىز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت، 3000دىن ئارتۇق كېچە - كۈندۈز تەتۈر ساناق بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالمىدى.

2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «2020 - يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا يەنە ئالتە يىل ۋاقىت قالدى» دەپ كۆرسەتتى.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا: «ھازىردىن باشلاپ 2020 - يىلىغىچە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان مەزگىل» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«ھەل قىلغۇچ باسقۇچ»تىن «ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش مەزگىلى»گىچە، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 20 يىلىنى ھالقىپ ئۆتكەن كۈرەش مۇساپىسى بىرلا غەيرەتكە كېلىپ ئاخىرقى پەللىگە قاراپ كۈچەيدىغان تارىخىي پەيتكە توغرا كەلدى.

«ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ! تارىخ ساقلاپ تۇرمايدۇ!» «بىز جەزمەن ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، تارىخ بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك»...

باش شۇجى شى جىنپىڭ: بۇ، بىزنىڭ خەلققە بەرگەن ھەربىي بۇيرۇقنى ئورۇنداش ۋەدىمىز، جەزمەن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

قانداق ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ھاللىق جەمئىيەتنى قانداق قۇرۇپ چىقىش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا دۇچ كەلگەن بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۆلچىمى جەھەتتە، باش شۇجى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى؛

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنىڭ قاپلاش دائىرىسى جەھەتتە، باش شۇجى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا «ساھەنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش كېرەك» «نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش كېرەك» «رايوننى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتى جەھەتتە، باش شۇجى «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان باسقۇچقا كىرىش يېڭى بىر نۆۋەتلىك پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئىشنى تېز ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئەمەس» «<رەقەم ئويۇنى> ياكى <سۈرئەت ئويۇنى> ئەمەس، بەلكى بىر ئەمەلىي نىشان» «تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتنىڭ تەلىپىنى ئويلىشىش كېرەك»، دەپ كۆرسەتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشكە ئاساسەن، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئۈمىدىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى كۆزلەپ، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىش −

«<13 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تاماملىنىدىغان يىرىك پىلان، شۇڭا جەزمەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ساقلانغان كەمتۈكلۈكلەرنى مەھكەم ئىگىلەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش جەھەتتە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك».

2015 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىگە ئىزاھات بەرگەندە يۇقىرىقىدەك تەكىتلىدى.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش نىشانىغا يۈزلەنگەندە، ھەم يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك بار ئىدى، ھەم جەمئىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان بەزى روشەن كەمتۈكلۈكلەر بار ئىدى.

«ئەگەر 2020 - يىلىغا بارغاندا بىز ئومۇمىي مىقدار ۋە سۈرئەت جەھەتتە نىشاننى تاماملىساق، لېكىن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، ماس بولماسلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولماسلىق مەسىلىسى تېخىمۇ ئېغىرلاشسا، كەمتۈكلۈكلەر تېخىمۇ گەۋدىلەنسە، نىشاننى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغانلىق ھېسابلانمايدۇ، گەرچە ئەڭ ئاخىرىدا ئىشقا ئاشۇردۇق دەپ جاكارلىساقمۇ، خەلق ئاممىسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيمىز» دەپ سەمىمىي ئەسكەرتتى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

«13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى «13 - بەش يىل»لىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتىن پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقىچە؛ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقىچە...

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە قارىتا، بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلار ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش −

2014 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ماس ئالغا سىلجىتىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىر ئايدىن كېيىن، باش شۇجى جياڭسۇغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «ئۈچ ئومۇميۈزلۈك» ئاساسىدا «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش»نى كۆپەيتتى.

مەۋقەنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى يېتەكچى ئورۇنغا قويۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە قۇدرەتلىك، كۈچلۈك بولسا، پارتىيە خەلق بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلىسا، دۆلەت گۈللىنىدۇ، مۇقىم بولىدۇ، خەلق بەختلىك، خاتىرجەم بولىدۇ».

بەش دەرىجىلىك شۇجىلار نامراتلارنى يۆلەشنى تۇتتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، 1 - شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار تاللاپ ئەۋەتىلدى؛ تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى يولغا قويدى؛ مالىيە - ئىقتىساد، تور ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە ئالاقىدار ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلدى... پارتىيەمىز تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 100 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوتتۇرا ھال كىرىملىك كىشىلەر توپى شەكىللەندى؛

خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئورنىتىلدى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى قاپلىدى، ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 1 مىلياردقا يېقىن كىشىنى قاپلىدى...

تىرىشقاننىڭ نەتىجىسى بولىدۇ، ئەجىر يەردە قالمايدۇ. سوتسىيالىستىك جۇڭگو تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى.

ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت −

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قەتئىي تۈردە ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ ئومۇمىي خەلقنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش

خېنەن نەنياڭ، دەنجياڭكوۋ سۇ ئامبىرى. بۇ يىل «1 - ئىيۇل»نىڭ ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشىنى قۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئامبار رايونىدىكى كۆچۈرۈلگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

شىچۇەن ناھىيەسىنىڭ جيۇچۇڭ بازىرى زوۋجۇاڭ كەنتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆچۈرۈلگەن ئاھالە زوۋ شىنزېڭنىڭ ئۆيىگە كىردى. تېرىقچىلىق قىلىش، ئىشلەمچىلىك قىلىش ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش ئارقىلىق، بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۈنلىرى باياشاتلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى.

باش شۇجى كېسەك ئۆينىڭ كونا سۈرەتلىرىنى ئېلىپ زەن قويۇپ قارىدى: «كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمى ئون يىلدا 3.6 ھەسسە ئېشىپتۇ، بۇ، بىز خۇشال بولىدىغان تەرىپى».

باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، زوۋ شىنزېڭ ھاياجانلانغان ھالدا: «كوممۇنىستىك پارتىيە ياخشى، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەيدۇ» دېدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلى ئاسانغا توختىمىدى، ناھايىتى جاپالىق بولدى، ئەمما بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ پارتىيەمىزنىڭ قۇرۇلۇشى دەل پۇقرالار ئۈچۈندۇر. خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشىدا، ئەمەل قىلغىنى نېمە؟ ئەمەل قىلغىنى دەل خەلقنىڭ رايى ئەمەسمۇ».

ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مەۋقەسى ۋە ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى خەلقنىڭ بەختى.

«بىز بىر تەرەپتىن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق دەپ جاكارلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن، يەنە نەچچە ئون مىليون ئاھالە نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى چېكىدىن تۆۋەن تۇرمۇشتا ياشىسا بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى دەپ قارىدى.

كونا ئىنقىلابىي رايون فۇپىڭنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى 50 نەچچە قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار 14 رايوننى ئايلىنىپ چىقىش، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىش... باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆزى جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

«ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «بەش بىر تۈركۈم» يولغا قويۇلۇپ، كىمنى يۆلەش، كىم يۆلەش، قانداق يۆلەش، قانداق چېكىندۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈش يولغا قويۇلدى... باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايان ۋە مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، جۇڭگوچە نامراتلارنى ئازايتىش يولىدا مېڭىشقا تۈرتكە بولدى.

2016 - يىلى ئەتىيازدا، سىچۇەننىڭ جاۋجۆ ناھىيەسى ئاتۇلېئېر كەنتىدىكى ئون نەچچە بالىنىڭ ئېغىر سومكىنى يۈدۈپ، پېلەك شوتىغا كۈچىنىڭ بارىچە يامىشىۋاتقانلىق سۈرىتى دىققەتنى تارتتى. «تىك قىيا كەنتى»نىڭ نامى تېزلىكتە تارقالدى.

2017 - يىلى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، سىچۇەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، «تىك قىيا كەنتى»دىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئالايىتەن تىلغا ئالدى.

«بۇلتۇر تاراتقۇلار لياڭشەن ئوبلاستىدىكى <تىك قىيا كەنتى> توغرىسىدا خەۋەر بەردى، كەنت ئاھالىلىرى ۋە بالىلارنىڭ يىل بويى تىك قىيادا پېلەك شوتىغا يامىشىپ، تاغقا چىقىشتا ۋە تاغدىن چۈشۈشتە بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلىقىنى كۆردۈم، بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك غەش بولدى ھەم ناھايىتى ئەندىشە قىلدىم. يېقىندا يەنە ماتېرىياللاردىن شۇ جايدا يېڭىدىن پولات شوتا ياسالغانلىقىنى كۆردۈم، بۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم سەل ئارامىغا چۈشتى».

2018 - يىلى چاغان ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋجۆ ناھىيەسىگە كېلىپ، نامرات ئاممىنى يوقلاپ، كەنتتە يېڭىدىن پولات شوتا ياسىلىپلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭمۇ خېلى زور دەرىجىدە ئۆسكەنلىكىنى ئىگىلەپ، قايتا - قايتا مۇنداق دېدى: «ئەمدى ئەندىشە قىلمايدىغان بولدۇم، بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم».

باش شۇجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ سوتسىيالىزمنى يولغا قويۇشىمىز دەل خەلق ئاممىسىنى بەختلىك گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىر مىللەتمۇ، بىر ئائىلىمۇ، بىر كىشىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ».

2020 - يىلى 5 - ئايدا ئاتۇلېئېر كەنتىدىكى 84 ئائىلىلىك يۇرتداش تىك قىيادىن چۈشۈپ، لىفىتلارغا چىقىپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كىرىپ، «نامراتلىق چوڭ تېغى»دىن ھالقىپ ئۆتتى.

بىر كەنتنىڭ ھالقىشىدىن بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ھالقىشى ئەكس ئېتىدۇ.

2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق جاكارلىدى: ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ھەل قىلىنىپ، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپە تاماملاندى، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان يەنە بىر جاھان مۆجىزىسى يارىتىلدى.

ھاللىق سەۋىيەگە ئومۇميۈزلۈك يەتكەن - يەتمىگەنلىكتە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مۇھىم ئاچقۇچ.

«مۇھىت دېمەك خەلق تۇرمۇشى دېمەكتۇر، يېشىل تاغ دېمەك گۈزەللىك دېمەكتۇر، كۆك ئاسمان دېمەك بەخت دېمەكتۇر» «ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئادىل ئاممىۋى مەھسۇلات، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە ئەڭ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش ھېسابلىنىدۇ»...

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك بىر قاتار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىدى، ئىرادىسىنىڭ زورلۇقى، سالمىقىنىڭ زورلۇقى، نەتىجە - ئۈنۈمنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى.

چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى، لەنساڭجياڭ دەرياسىدىن ئىبارەت ئۈچ دەريانىڭ مەنبەسىگە جايلاشقان چىڭخەي «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

تەرەققىي تاپمىغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش بىلەن ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟

«چىڭخەينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى قوغداش <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى>.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق جاۋاب بەردى.

بايلىقنىڭ ئۆزى ھاللىق سەۋىيە دېگەنلىكتۇر، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى تېخىمۇ ھاللىق سەۋىيە دېگەنلىكتۇر.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «چىڭخەينىڭ ئەڭ زور قىممىتى ئېكولوگىيەدە، ئەڭ زور مەسئۇلىيىتى ئېكولوگىيەدە، ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچىمۇ ئېكولوگىيەدە، جەزمەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، تەبىئەتنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى پۇختىلاپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمى، ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».

«ئۈچ دەريا مەنبەسى»دىن قارىغاندا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى بولغان چاڭجياڭ دەرياسى ئىلگىرى سۈيى بۇلغىنىش، ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى چېكىنىشتەك كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن.

«كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق.» 2016 - يىلىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ئارقا - ئارقىدىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئورۇنغا قويۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

بەش يىلدا، دەريا بويىدىكى 11 ئۆلكە، شەھەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى يېڭى قىياپەتكە كىرگۈزدى.

پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، بىر يېشىل جاۋاب قەغىزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ماختاشقا ئەرزىيدۇ: 2020 - يىلى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ھەمدە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپەت كۆرسەتكۈچى ئەلا، ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %87كە يەتكەن، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ 1 - دەرىجىلىكتىن 3 - دەرىجىلىككىچە بولغان سۇ سۈپىتىنىڭ كەسمە يۈز نىسبىتى بەش يىل ئىچىدە %66تىن %83.4كە ئۆرلىگەن؛ دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلغان، دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يەر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلگەن، بىر قاتار مۇھىم، زور ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشلار چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلغان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلانماقتا.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىخەتەر تەرەققىيات ئىنتايىن مۇھىم.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، ئوڭۇشلۇقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، بىز تەرەققىي قىلىپ زورايغانسېرى، دۇچ كېلىدىغان توسالغۇ ۋە بېسىم شۇنچە چوڭ بولىدۇ، دۇچ كېلىدىغان تاشقى خەۋپ - خەتەرمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ».

ئىقتىساد ساھەسىدە كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرگە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇلۇپ، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىك سېپى ۋە خەۋپ - خەتەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى...

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىشكە كۈچەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىكى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلدى.

دەۋر ئىمتىھان قەغىزىنى چىقارغۇچى، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى.

يېزىلاردىكى ھاجەتخانا ئىنقىلابىدىن شەھەرلەردىكى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشقىچە، «كىچىك كۆزەينەكلىكلەر»نىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىشكىچە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشتىن ئىسراپچىلىق خاھىشىنى قاتتىق توسۇشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق تۇرمۇشىدىكى ھەربىر كىچىك ئىشنى چوڭ ئىش دەپ بىلىپ، سىجىل تۈرتكە بولدى.

شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىدا ماھىيەتلىك قەدەم تاشلاشتىن دورىلارنى مەركەزلىك مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكىچە، يەنە شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقىچە، ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلق تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئېرىشتى.

كىشىلەر كۆڭلىگە ياقىدىغان خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىگە خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ھېسسىياتى سىڭدۈرۈلدى.

ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىش −

تېخىمۇ يىراق كەلگۈسى مەزگىللىك تەرەققىيات تەلىپىنى كۆزلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك بىر نىشان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ياخشى باشلاش - باشلىيالماسلىق، قەدەمنى ياخشى ئېلىش - ئالالماسلىققا مۇناسىۋەتلىك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا تەكىتلەيدىغىنىمىز <ھاللىق سەۋىيە> بولۇپلا قالماي، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى، ھەم تېخىمۇ تەستە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغىنى <ئومۇميۈزلۈك> بولۇشتۇر».

بۇ، تېخىمۇ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇننى ئۈستىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە −

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىزدە جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئايلاندى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەم ماددىي جەھەتتىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش، ھەم مەنىۋى جەھەتتىكى ئېھتىياجنى تولۇقلاش كېرەك.

2014 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى بولمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشنىڭ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى مۇھىملىقىنى مۇشۇنداق تەكىتلىدى.

بۇ يىل 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، گۇاڭشى مىللەتلەر مۇزېيىغا كېلىپ، جۇاڭزۇ مىللىتى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. «مەن يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ۋاقىت چىقىرىپ مۇزېيغا بېرىپ باقىمەن، كۆرۈپ باقىمەن، بۇنىڭدىكى مەقسەت شۇ جاينىڭ تارىخى، مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەريانىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشتىن مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىشقىچە، ئۈلگىنىڭ كۈچى ئارقىلىق يېتەكلەشتىن دەۋر يېڭى كەيپىياتىنىڭ ئەۋج ئالدۇرۇلۇشىغىچە، مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى زورايتىشقىچە جۇڭگو خەلقى مەدەنىيەتنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدا يېڭى روھىي قىياپەتنى نامايان قىلىپ، قۇدرەتلىك بولغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەدە ھەم ئىناق، مۇقىم بولۇش، ھەم ئادىل، ھەققانىي بولۇش كېرەك.

2020 - يىلى 5 - ئايدا، «يېڭى دەۋردىكى خەلق ھوقۇق - مەنپەئىتى خىتابنامىسى» دەپ تەرىپلەنگەن ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى ئەمدىلا دۇنياغا كېلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ھەقىقىي يولغا قويۇش» باش تېمىسىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى.

«شۇنى ئېنىق ئېيتىش كېرەك، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ياخشى يولغا قويۇش خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى» دەپ چوڭقۇر شەرھلىدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، ئادىللىق - ھەققانىيلىق نامايان قىلىنىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئۆستى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش... ئادىللىق - ھەققانىيلىق قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇشىدا، ھەممە كىشى كىشىلىك ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولدى.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەدە ھەم كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولۇش، ھەم ئومۇمىي خەلق ساغلام بولۇش كېرەك.

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، دۆلەت كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىدارىسى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى.

2020 - يىلىنىڭ بېشىدا، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، دۆلىتىمىز بىر مەيدان مىسلىسىز مۇشەققەتلىك تارىخىي چوڭ سىناقنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ بېكىتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتتى.

بۇ، شەھەر - يېزىلار، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە −

سىچۇەننىڭ چېڭدۇ شەھىرى پىدۇ رايونى جەنچى كەنتىگە بارسىڭىز، كىچىك كۆۋرۈكلەرنى، ئېقىن سۇلارنى، ياپيېشىل، باراقسان ئۆسكەن دەل - دەرەخلەرنى، تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان ئازادە، پاكىز ئاسفالت يوللارنى، بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن ئاق تام، كۆك كاھىشلىق غەربىي سىچۇەن ئاھالىسىنىڭ ئۆيلىرىنى، قەدىمىي تۈس ۋە ئۇسلۇبتىكى «يېزا - كەنتلەردىكى 18 ھۈنەرخانا»دا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنى كۆرىسىز.

2018 - يىلى 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، «قالتىس جەڭ بايرىقى» خاس كەسىپلەر تور مۇلازىمەت زالىدا «ئالاقە تورى+ يېزا ئىگىلىكىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» ھەمتۈرتكىلىك تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق سۇپىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئالاقە تورىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش يوللىرىنى ئېچىشقا رىغبەتلەندۈردى. «تاڭچاڭ لاتا خېيى» كۆرگەزمە سۇپىسى ئالدىدا، كەنت ئاھالىسى قىزغىنلىق بىلەن بىر جۈپ لاتا خەينى ئېلىپ باش شۇجىغا سوۋغا قىلماقچى بولدى، شى جىنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ: «مەن پۇل خەجلەپ بىر جۈپ سېتىۋالاي!» دېدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: جۇڭگودا 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بار، تاماق مەسىلىسىنى باشتىن - ئاخىر ئۆزىمىزگە تايىنىپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك، مەيلى شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قانداق تەرەققىي قىلسۇن، يەنىلا نەچچە يۈز مىليون يېزا نوپۇسى بار، بىزنىڭ بىر تەرەپتە گۈللەنگەن شەھەرلىرىمىز، يەنە بىر تەرەپتە بولسا ئارقىدا قالغان، ھەتتا ۋەيرانە يېزا - كەنتلىرىمىز بولسا بولمايدۇ.

2013 - يىلى 12 - ئايدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ شەھەر - بازارلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئادەم يادرو قىلىنغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن نوپۇسنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر نوپۇسىدا بولمىغان 100 مىليون ئادەمنى شەھەردە نوپۇسقا ئېلىش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاپ، دۆلىتىمىزدىكى دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتىنى %60تىن ئاشۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا جەمئىيەت ئىشلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەر تەدرىجىي تولۇقلىنىپ، بىرلىككە كەلگەن شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ۋە ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلدى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىدىن تېز بولدى، شەھەر - يېزىلارنىڭ پەرقى يەنىمۇ كىچىكلىدى.

2018 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۆت كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 2000 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى ھالقىپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

2019 - يىلى 1 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقىچە، يەنە يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇشقىچە، يېڭى ئېشىش قۇتۇپلىرى جۇڭگو تېررىتورىيەسىدە قەد كۆتۈرمەكتە.

بۇ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش كۆزلەنگەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە −

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك بىر يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش»قا «يۇقىرى سەۋىيەدە» دېگەن مۇھىم ئېنىقلىغۇچى سۆزنى قوشتى.

يۇقىرى سەۋىيەنىڭ ئاساسى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە پەن - تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە باغلىنىدۇ.

ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش، دېڭىزغا چۆكۈش بويىچە ئىلمىي تەكشۈرۈشتە مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، «فېندوۋجې» ناملىق قاتارلىق بىر تۈركۈم دۆلەتنىڭ مۇھىم قوراللىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى، كىۋانت ئۇچۇرى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە بىر قاتار ئىجادىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، «گۈللىنىش» ناملىق گاۋتيې تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، 5G سودا ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىتىلدى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئەمەلىي قوللىنىش تېزلىتىلدى... يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىنىپ، دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى.

تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە نەزەر سالساق، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى تەدرىجىي ئەلالىشىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى سىجىل ئۆسۈپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە شىددەت بىلەن بارلىققا كەلدى، ئىستېمالنىڭ دەرىجىسى ئۆسۈپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

ئېچىۋېتىش قەدىمىگە نەزەر سالساق، ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش تېزلىتىلدى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى، جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى تەسىس قىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى كۈنسېرى جانلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىر ئىقتىسادىي تەلەپ بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ؛ پەقەت ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارغىلا قويۇلغان تەلەپ بولۇپلا قالماي، بەلكى بارلىق رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان تەلەپ؛ بىر مەزگىللىك، بىر كەسىپكە قويۇلغان تەلەپ بولۇپلا قالماي، بەلكى جەزمەن ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرىدىغان تەلەپ».

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققان جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىشچان جۇڭگو، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو، گۈزەل جۇڭگو، ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى كۆتۈرەڭگۈ روھ، تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

(مۇخبىرلار جاۋ چاۋ، ئەن بېي، خوۋ شۆجىڭ، يۈ جياشىن، گو يۈجىڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.