تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلدى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«پۇقرالار بەك جاپا ـ مۇشەققەت چەكتى، خاتىرجەم ياشايدىغان چاغ كەلدى.» ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھارماي ـ تالماي ئىزدىنىپ كەلگەن گۈزەل ئارزۇسى يۈكلەنگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنى ئۆزىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇزاق مۇددەت جاپالىق كۈرەش قىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە خەلققە ۋاكالىتەن مۇنداق تەنتەنىلىك جاكارلىدى: «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىجىل كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدۇق، غەيرەت ـ جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلاندۇق.» تەنتەنىلىك جاكارلاش پۈتۈن دۇنيانى لەرزىگە سالدى، مەردانە، جاراڭلىق بولدى، قەلبلەرنى روھلاندۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز جاپالىق ئەمگەك قىلىپ ۋە قان ـ تەر تۆكۈپ، مۇتلەق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئورتاق بېيىش داغدام يولىدا مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى، يېتەكلىدى. بۇ دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ مەردانىلىك بىلەن جاكارلىغاندەك: «بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ شان ـ شەرىپى! بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شان ـ شەرىپى! بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ شان ـ شەرىپى!»

100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىلدە، پارتىيەمىز ھەمىشە خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىشلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مول چاقىرىق كۈچىگە ئىگە كۈرەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ كۈرەش قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئالدى بىلەن ھاللىق دېگەن سۆز ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى شەرھلەپ، 20 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا «جۇڭگودا ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش» كۈرەش نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىرىشچانلىقىدا، بۇ نىشان 20 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قەرەلىدە ئىشقا ئېشىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى. بۇ ئاساستا، پارتىيە 16 ـ قۇرۇلتىيىدا 21 ـ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى 20 يىلىدا 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسقا نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 16 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز بۇ كۈرەش نىشانىنى كۆزلەپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەپ، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكىنى ئۇلاپ يەتكۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

تارىخنىڭ يۆگىمە رەسىمى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جەريانىدا يېيىلدى؛ دەۋرنىڭ ئېسىل سەھىپىسى يېڭى كۈرەش قىلىش داۋامىدا پۈتۈلدى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي ئورۇنغا كىردى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا باش ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى قىلىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاتاكا بۇرغىسىنى چالدى. سەككىز يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن ـ تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. 2020 ـ يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 100 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 مىڭ دوللاردىن ئاشتى، سەككىز يىلدىن بۇيان ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شەھەر ـ بازارلىشىش نىسبىتى %60تىن ئاشتى، ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپى 400 مىليون كىشىدىن ئاشتى، مىڭ يىللاردىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىگە تارىخىي خاراكتېرلىك خاتىمە بېرىلىپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالدىغا قاراپ يېڭى بىر چوڭ قەدەم تاشلاندى.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قاراپ ئاتلىنىشىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيلىك تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرماقتا. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تارىخىي مۇساپىسىدە، بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەڭداشسىز قۇدرەتلىك رەھبەرلىك ئىقتىدارى، تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك؛ خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ كۈچ، ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشى، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشىدا، ئەمەل قىلغىنى خەلقنىڭ رايى، مەقسىتى خەلقنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش؛ دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئادەتتىن تاشقىرى تەشكىللەش ـ سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارى، بىرتۇتاش پىلانلاش ـ ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى، ئىزچىللاشتۇرۇش ـ ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش، قىيىن ئىشلارنى قىلىش، جىددىي ئىشلارنى قىلىشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ. يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك!

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.» بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتۇق، ئەمدى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات، تېخىمۇ بەختلىك قىلىشىمىز كېرەك. ھازىر سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ بۇرغىسى چېلىندى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بۇرچ تېخىمۇ شەرەپلىك، ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل، خىرىس تېخىمۇ كەسكىن، خىزمەت تېخىمۇ ئۇلۇغ. ئىمتىھانغا بېرىش يېڭى يولىغا قەدەم قويۇپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بوشاشماي كۈرەش قىلساقلا، مەڭگۈ كۈرەش قىلساقلا، بىز چوقۇم پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.