تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چىراغ نۇرلىرى ئارقىلىق 100 يىللىق سالاپەتكە مەدھىيە ئوقۇش

− ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىدە پارتىيەگە چوڭقۇر مۇھەببەت ئىزھار قىلىندى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىداچياۋ چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى (6 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى تارتىلغان).□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى كەچتە، «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» دېگەن ياڭراق ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى داغدۇغىلىق باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈن پەيتىدە، ئۈرۈمچى پۈتۈن شەھەردىكى چاقناپ تۇرغان چىراغ نۇرلىرى ئارقىلىق ئۇلۇغ پارتىيەگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى.

چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش»نى باش تېما قىلىپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا «100 يىللىق مۇساپە ھەيۋەتلىك مۇساپە بولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق جەرياندا مۇستەھكەملەندى» «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» «قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايلى، قەتئىي ئېغىشماي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭايلى»دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك بويىچە لايىھەلىنىپ تەييارلاندى، 6 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىدىن 7 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنىگىچە خۇڭسەن ـ شىداچياۋ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، جىنفېڭ چوڭ كۆۋرۈكى، يىغىن ـ كۆرگەزمە تەۋەلىك رايونى، گۇڭمى كوچىسىدىن ئىبارەت بەش نۇقتىدا داۋاملىق كۆرسىتىلىدۇ. كاتتا، تولىمۇ ھەيۋەتلىك چىراغ نۇرلىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيانقى ھەيۋەتلىك شانلىق مۇساپە ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، پارتىيەنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا، ئۈرۈمچىنىڭ تۇرمۇش تىنچ ـ خاتىرجەم، يۇرت ئامان بولغان گۈزەل مەنزىرىسى نامايان قىلىندى.

شىداچياۋ كۆۋرۈكى ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ گۇۋاھچىسى، شۇنداقلا ئۈرۈمچىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى زىممىگە ئالغۇچى. گۇگۇم چۈشكەندە، رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، جانلىق، مول، ئىستېرېئولۇق، پەن ـ تېخنىكا تۇيغۇسىغا تولغان چىراغ نۇرلىرى يۆگىمە رەسىمى بۇ يەردە ئاستا ـ ئاستا يېيىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. «سۆيىمەن سېنى جۇڭگو» دېگەن مۇزىكىغا ئەگىشىپ، ئەتراپتىكى خۇڭسەن باغچىسى، خەلق باغچىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدا چىراغلار چاقناپ، چىراغ نۇرلىرى گىرەلىشىپ كەتتى. «مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى سۆيىمەن! مەن ئۇلۇغ ۋەتىنىمنى سۆيىمەن!» دېدى شۇ كۈنى كەچ سائەت 23لەردە، شەھەر ئاھالىسى ئاسقار نۇرتاي قولىدىكى پارتىيە بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ ھاياجانلانغان ھالدا.

گۈزەل ھۆسنگە كىرىپ، رەڭدارلىققا تولدى. مۇخبىر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا نېئون چىراغلارنىڭ خۇددى سىرلىق رەسىم قەلەملىرىگە ئوخشاش، بىنالارنى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك دەرىجىدە كۆركەم قىلغانلىقى ھەم بىنالارنىڭ سالاپىتىنى يوقاتمىغانلىقى، كۆرۈش تۇيغۇسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆردى. «ئۈرۈمچىدىمۇ بەدىئىيلىك، ئىجادىيلىق بىر گەۋدە قىلىنغان چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، قاتتىق ھاياجانلاندىم!» شاڭخەيلىك ساياھەتچى خەن ۋېنچى بۇ سەپىرىنىڭ بىھۇدە بولمىغانلىقىنى ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى.

تىيانشان رايونىدىن سايباغ رايونىغىچە، شىمىگۇ رايونىدىن ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غىچە... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لار بەس ـ بەستە چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئورگان بىنالىرى، تالا ئېكرانلىرى، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلار، چوڭ تىپتىكى سودا سارايلار، تاللا بازارلىرى قاتارلىق بىنا، ئىمارەتلەر ۋە ئاساسلىق كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بىنالار جۇلالىنىپ، ھەممە يەرنى ناخشا ساداسى قاپلىدى. رەڭگارەڭ چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئۆرلەيدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان دەۋر روھىنى نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.