تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى نەشر قىلىنغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 13 ـ سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: داۋلىنى بىلىش − ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. پارتىيەنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى، جاپا ـ مۇشەققەتلىك مۇساپىسى، تارىخىي تەجرىبىلىرى، ئېسىل ئەنئەنىسىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، ماركسىزم نېمە ئۈچۈن يارايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى قاتارلىق داۋلىلارنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىگە بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك. ماركسىزم ھەم ئۇنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇلغان يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ھەقىقەتلىكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قەتئىيلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ توغرىلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر توغرا يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېتىقاد، ئەقىدە، ئىشەنچ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىنتايىن مۇھىم. تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش دەل ئېتىقاد، ئەقىدە، ئىشەنچنى ئاشۇرۇشتۇر، بۇ، بىزنىڭ بارلىق كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بارلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ. ماركسىزم، كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىز 100 يىللىق كۈرەش داۋامىدا بىر يۈرۈش ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىنقىلاب روھىنى يېتىلدۈردى، شەكىللەندۈردى، پارتىيەنىڭ قەتئىي ئېتىقادى، تۈپ ئاساسىي مەقسىتى، ئېسىل ئىستىلىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈردى، بۇ، بىزنى بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاشتا كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، يۈكسەك ئەخلاق ـ پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك يۈكسەك ئەخلاقنى، خەلققە بەخت يارىتىشتەك ئومۇمىي ئەخلاقنى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتەك ئەخلاق ـ پەزىلەتنى ئۇلۇغلاشقا يېتەكلەش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.