تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق تارىخىي داستان يېزىپ چىقىلدى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم، زور، شۇنداقلا تەنتەنىلىك كۈن. 2021 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

2021 − 1921، 100 يىل قاينام - تاشقىنلىق يىللار بولدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى. شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنغىچە، شىڭيې يولىدىن فۇشىڭ يولىغىچە، جاپالىق ۋە شانلىق ئۆتمۈشنى بېسىپ ئۆتۈپ، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ھازىردا مېڭىپ، پارلاق، ئۇلۇغۋار كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە باغلىدى، 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر!

باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈپ، 100 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، «بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقتۇق» دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى، «ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، غايىسىنى قەتئىي ساقلاش، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقتەك ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى»نى مۇپەسسەل يىغىنچاقلىدى، تارىخنى ئەينەك قىلىش، كەلگۈسىنى يارىتىشتەك «توققۇز جەزمەن»نى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى، بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنى ئىمتىھانغا بېرىش يېڭى يولىدا تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شەرەپ قۇچۇشقا چاقىرىق قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە بولۇپ، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق، سەمىمىي خەلقچىللىق ھېسسىياتى نامايان قىلىندى، بۇ، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ چوڭ قەدەم تاشلىشى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيەمىز دۇنياغا كەلگەن ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاندى. ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو خەلقى قاتتىق ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈردى، جۇڭخۇا مىللىتى مىسلىسىز ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىغا ئايلاندى. ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى جاپا - مۇشەققەتلىك ئىزدىنىش داۋامىدا، ھەر خىل «مەسلەك»، ھەر خىل «لايىھە»لەرنىڭ ھەممىسى سىناپ بېقىلدى، لېكىن ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى، «400 مىليون قېرىنداش تۆكۈپ كۆز ياش چەكتى پىغان، تېپىلارمۇ جۇڭگودىن ياشىغۇدەك ئىللىق ماكان» دېگەن شېئىر سانسىز غايىلىك، ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش مۇھەببىتى، دۆلەتنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بەردى. جۇڭگودا كوممۇنىستىك پارتىيە بارلىققا كەلدى، بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن بۈيۈك ئىش، جۇڭگو سىياسىي سەھنىگە چىققان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي جۇڭگو خەلقىگە بەخت ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈردى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو خەلقى روھىي جەھەتتە پاسسىپلىقتىن تەشەببۇسكارلىققا ئۆتۈشكە باشلىدى!

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلەر، بارلىق قۇربان بېرىشلەر، بارلىق ئىجادىيەتلەرنى بىر باش تېمىغا يىغىنچاقلىغاندا، ئۇ: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.» بۇ باش تېما ئۈچۈن، مەيلى ئاجىز ياكى قۇدرەتلىك بولسۇن، مەيلى ئوڭۇشلۇق شارائىتتا ياكى ئوڭۇشسىز شارائىتتا بولسۇن، پارتىيەمىز ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەي، ئىرادىسىدىن قايتماي، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقمىدى، خەۋپ - خەتەردىن قورقمىدى، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلدى، باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلدى. بۇ باش تېما ئۈچۈن، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن، قانداق دەھشەتلىك دولقۇنلارغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، كۈرەش نىشانىنى بېكىتىپ، توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى. بۇ باش تېما ئۈچۈن، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ، تاغنى تالقان قىلغۇدەك قەھرىمانلىق مەردانە ناخشىسىنى پۈتتى. جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىغا سىڭگەن بىر قىزىل لىنىيەگە ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، <ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن> دەيدىغان قورقماس جاسارەت بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق تارىخىي داستاننى يېزىپ چىقتى.» 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىمىزدە، بىز قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئېگىلمەي - سۇنماي، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتۇق، قەيسەرلىك بىلەن تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلىدۇقكى، جۇڭگو خەلقى ئورنىدىن دەس تۇردى، جۇڭخۇا مىللىتى باشقىلارنىڭ خالىغانچە تالان - تاراج قىلىشىغا ئۇچرايدىغان، بوزەك بولۇشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى! بىز ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن قۇدرەت تېپىشنى كۆزلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتۇق، قەيسەرلىك بىلەن تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلىدۇقكى، جۇڭگو خەلقى كونا دۇنيانى بۇزۇپ تاشلاشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى دۇنيا قۇرۇشقىمۇ ماھىر، پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ! بىز ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتۇق، قەيسەرلىك بىلەن تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلىدۇقكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر بولدى، جۇڭگو چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋالدى! بىز ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتۇق، قەيسەرلىك بىلەن تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلىدۇقكى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى! بۇ 100 يىلدىن بۇيان ئېچىلغان ئۇلۇغ يول، يارىتىلغان ئۇلۇغ ئىش، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر مۇقەررەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىي سەھىپىسىگە، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخىي سەھىپىسىگە پۈتۈلىدۇ!

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى 180 نەچچە يىللىق تارىخى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 100 يىللىق تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 70 نەچچە يىللىق تارىخى بىردەك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، يېڭى جۇڭگونىڭ بولمايدىغانلىقىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. تارىخ ۋە خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يۆلەنچۈكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلالايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

ئۆتۈپ كەتكەن كۈرەش يولىنى ئەسلىسەك، ئالدىمىزدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سالساق، بىز قەلبىمىزگە ئۇلۇغۋار ئىرادىنى پۈكۈپ، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا تولىمىز! ئۆتكەن 100 يىلدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە، تارىخقا ئاجايىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ھازىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يەنە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىمتىھانغا بېرىش يېڭى يولىغا قەدەم قويدى. يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىمتىھانغا بېرىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ ئىمتىھان قەغىزىگە ياخشى جاۋاب بەرسەكلا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.