تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

100 يىللىق سالاپەت يېڭى سەپەرگە قايتا ئاتلىنىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 100 يىللىق سالاپەتكە قايتا نەزەر سالساق، كۈرەش قىلىش دەل ۋاقتىدا بولدى، چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، غايە - ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

100 يىللىق مۇساپە ھەيۋەتلىك مۇساپە بولدى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ ئۇزاق جەرياندا مۇستەھكەملەندى

100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلىپ مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دەيدىغان قورقماس جاسارەت بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق داستاننى يېزىپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور ھەم تەنتەنىلىك كۈندە، بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىدا، 25 مىليوندىن ئارتۇق تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى ئەڭ چوڭقۇر تىلەكلەرنى تىلىدى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىل باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىياز يېقىندىلا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ ھاياجېنىنى باسالمىغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايتتى. مەن پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن، ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياشىسۇن!»

«<بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدۇق.> بۇ نەقەدەر تەنتەنىلىك جاكارلاش، نەقەدەر روھنى ئۇرغۇتىدىغان جاۋاب قەغىزى! مەن بىزنىڭ ئۇلۇغ پارتىيەمىز، ئۇلۇغ دۆلىتىمىزدىن پەخىرلىنىمەن.» كۈنەس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ يامىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تىنچ، ئىناق، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئىنتايىن ياخشى مەنزىرە نامايان بولدى. پاكىت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە بولۇشقا مۇناسىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يۆلەنچۈكى بولۇشقا مۇناسىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشقا مۇناسىپ.

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرە كەڭ، ئىدىيە چوڭقۇر بولۇپ، پارتىيەنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئاچقان ئۇلۇغ يولى، ياراتقان ئۇلۇغ ئىشلىرى، قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سېلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتى پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە بولغان ساداقىتى، قىزغىن مۇھەببىتىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىگە سىڭدۈرىدۇ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا سىڭدۈرىدۇ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرىدۇ.

«100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلماي، ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز» دېدى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى ئۈژمە يېزىسى جايتېرەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى فاڭ جيەنبىن.

شىنجاڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور جاڭ يۈ مۇنداق بىلدۈردى: ئىلگىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش يولىدا، كوممۇنىستلارنىڭ غايە - ئېتىقادىنى ئىلگىرىكىدەكلا چىڭىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، پۇختا خىزمەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە پائال ئاتلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ گۆش كەپتىرى باقمىچىلىقى بويىچە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن شىنجاڭدىكى يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ زور تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

«مېنىڭ ئەسكەر بولغىنىمغا 75 يىل، پارتىيەگە كىرگىنىمگە 73 يىل بولدى. پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھەيۋەتلىك تەرەققىيات تارىخىنىڭ باشتىن كەچۈرگۈچىسى، قاتناشقۇچىسى ۋە گۇۋاھچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ، چەكسىز ئىپتىخارلاندىم ۋە شەرەپ ھېس قىلدىم. مەن رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن» دېدى شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتىدىن پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزاسى ساۋ رىشېڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش تارىخنى ئەينەك قىلىپ كەلگۈسىنى يارىتىش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش داۋامىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى بەرپا قىلىپ، روشەن سىياسىي پەزىلىتىنى تاۋلاپ چىقتى. تارىخ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، روھ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ. بىز داۋاملىق تۈردە شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇش ئۇلۇغ روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك!

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايتتى. تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى مەمۇرلار 3 - باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ما دې مۇنداق دېدى: «تەشكىلات خىزمىتى كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە <تۆت ئاڭ>نى كۈچەيتىپ، <تۆت ئىشەنچ>نى چىڭىتىپ، <ئىككىنى قوغداش>نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرىمىز!»

«<ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا، ئەمەل قىلىنغىنى خەلقنىڭ رايى.> باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى نامايان قىلدى.» دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى ئىشخانىسى (پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى)نىڭ مۇدىرى لىن جىشىن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى باج خىزمىتىگە قويۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ، باج ئىشلىرىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن شۆيۈەن باشلىقى) دۈەن لياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكى، ھەقىقەتلىكى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بىزنىڭ ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇشتىكى كۈچلۈك ئىشەنچىمىزنى تولۇق ئىپادىلىگەن بولۇپ، 95 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزاسىنىڭ مۇستەھكەم غايە - ئېتىقادىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى، بۇ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم دەۋر ئەھمىيىتىگە ئىگە. ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى دەۋرنى كۆزىتىش، دەۋرنى چۈشەندۈرۈش، دەۋرنى يېتەكلەشتىكى ئىدىيەۋى قورال، ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى كىلاسسىك نەزەرىيەۋى ئەسەر. بىز ئەمەلىيەت داۋامىدا ماركسىزمنى ئۈزلۈكسىز تۈردە بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىبابلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ماركسىزم ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىپ، دەۋرنى چۈشەندۈرۈپ، دەۋرنى يېتەكلەپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمىنى، 21 - ئەسىردىكى ماركسىزمنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى چېن جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگونى مۇقىم قىلىش، جۇڭگونى بېيىتىش، جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا جۇڭگونى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغاندىلا ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغاندىلا، زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مەنزىل ياراتقىلى بولىدۇ.

«<دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن جەزمەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك، ئارمىيە قۇدرەت تاپسا ئاندىن دۆلەت ئەمىن تاپىدۇ.> باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم.» شىنجاڭدىكى مەلۇم مەشىق مەيدانىدا، پولاتتەك قەھرىمان ليەن 1 - بەنىنىڭ بەنجاڭى شەن لىتاۋ مۇنداق دېدى: ھەربىيلەر باشتىن - ئاخىر جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان قەيسەرانە روھىنى ساقلاپ، جاپالىق، قاتتىق مەشىق جەريانىدا تۈرلۈك مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، قان كېچىشتىن قورقماي، جاسارىتىنى چېنىقتۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ھەربىي ماھارەتنى پۇختا، قاتتىق مەشىق قىلىپ، ھەربىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، روھلۇق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك، ئەخلاقلىق يېڭى دەۋر ئىنقىلابىي ھەربىيلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

جۇڭخۇانىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى قەلبكە پۈكۈش دەۋر ئۈمىدىنى يەردە قويماي باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلارغا كۈچ چىقىرىشتا، 100 يىل پەقەت مۇقەددىمە. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇپ، غەيرەت - جاسارەتكە تولدۇق، كۈرەش ئىرادىمىز ئۇرغىدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ، بىز مەردانە قەدەم بىلەن ئاتلىنىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىدۇق.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ خەنمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەش، بارلىق قۇربان بېرىش، بارلىق ئىجادىيەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولدى. پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۇلۇغ گۈللىنىشكە يېتەكلىيەلەيدۇ. «بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ ۋە خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلاندۇرىمىز» دېدى ئۇ.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، چېگرا بويىدىكى كەنتلەرگە تور سەپلەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇشلارنى تاماملىدۇق، چەت - ياقا رايونلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلارنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن تەڭ قەدەمدە بەھرىمەن قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ سوغۇق كىلىماتقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئېلېكتىر تورى يۈكىنى تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېتەرلىك، ئىشەنچلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئىلى يىخې توك بىلەن تەمىنلەش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئامانتۇر ھېسامىدىن.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى زىننەتگۈل تۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىرلىك سەپ كادىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەڭ كەڭ بىرلىك سەپنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، جەڭگىۋارلىق قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىش كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى تۆھپە قوشىمىز».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، شىجائىتى، غەيرىتىنى كۈچەيتىپ، دەۋرگە يۈز كېلەلىشى، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلەلىشى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك! باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ياشلارنى تولىمۇ ئىلھاملاندۇردى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆ يېمەكلىك ئىلمى ۋە دورىگەرلىك ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى جاڭ ۋېنلې مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۆز ۋەزىپەم قىلىپ، ياشلارنىڭ بۇرچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ياشلىق باھارىمنى كۈرەش داۋامىدا يارقىن جۇلالاندۇرىمەن.

«بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولىدىكەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىقى بولىدىكەن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز!» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى نىجات ئىسمائىل مۇنداق بىلدۈردى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى نىشان قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شەرەپنى قولغا كەلتۈرىمىز!

(مۇخبىر شى شىن، قاتناشقان مۇخبىرلار لى ياڭ، جەزىرە نېسىپبېك، سۇڭ ۋېيگو، جاڭ يەنفاڭ، مېھرىگۈل ناسىر، فەن خۇڭيى، گاۋ ۋا، ۋاڭ نا، ياۋ گاڭ، چېن چياڭۋېي، مېھرىگۈل غوپۇر، جاۋ شىيا، ما يىنىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى جاۋشىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.