تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

​«100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر بولدى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

​«100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر بولدى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى «100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر بولدى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا ئېھتىرام» ناملىق تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.

تارىخ دۆلەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرجىمىھالى.

1921 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، قانداق 100 يىللىق مۆجىزىنى پۈتتى؟

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: قاراڭغۇلۇق ئىچىدە دۇنياغا كېلىپ، جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە جاسارەتكە تولۇپ، كۈرەش داۋامىدا زورىيىپ، ئارانلا 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسى بار تەشكىلاتتىن تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيەگە ئايلىنىپ، خەۋپتە قالغان جۇڭگونى قۇدرەت تېپىشقا يۈزلەندۈرۈپ، قاتتىق خورلۇققا ئۇچرىغان مىللەتنى دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە يېقىنلاشتۇردى.

1925 - يىلى ماۋ زېدۇڭ سوغۇق كۈز كۈنى جۈزىجوۋنىڭ بېشىدا تەنھا تۇرۇپ، «بۇ پايانسىز كەڭ زېمىندا ھەممىنىڭ تەقدىرىنى كىم تۇتىدۇ قولغا ئېلىپ» دەپ مەردانە خىتاب قىلدى.

بۈگۈن، 100 يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتۇق، باش شۇجى شى جىنپىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە باغلىدى، 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر بولدى!» دېدى.

ماقالە يەتتە قىسىمغا بۆلۈنگەن: بوران - چاپقۇنلۇق زور ئۆزگىرىشلەر − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۇرچ ئۈچۈن دۇنياغا كېلىپ، ئەسلىي مەقسەت بويىچە ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلانغان جاھاندىكى توغرا يولنى ئېچىشقا يېتەكلىدى؛ ئىدىيە مەشئىلى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەقىقەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچتى؛ خەلق ھاكىمىيىتى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن تومۇرداش بولۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورتاق ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى؛ مەنىۋى ئابىدە − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئېگىلمەي - سۇنماي، ئېتىقاد بايرىقى ئاستىدا، پولاتتەك مۇستەھكەم مەنىۋى تۈۋرۈك تىكلىدى؛ ئۆزىنى تاۋلاش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش سەگەكلىكى، ئاڭلىقلىقى بىلەن پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلدى؛ ھەقىقەت يولىدا ماڭغانلار يالغۇز قالمايدۇ − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، قەلبىگە پۈتۈن دۇنيانى پۈكۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان دەۋر مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتتى؛ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلار − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى مۇقەررەر يېڭى مۆجىزىلەرنى پۈتۈپ چىقىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۈگۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق تارىخىي داستاننى پۈتۈپ چىقتى ھەم قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى «بىر يېڭى مۇساپىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى» قىلىپ، يەنە بىر 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلاندى −

2035 - يىلىغا بارغاندا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛

مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، دۆلىتىمىز باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

بۈگۈن، كەلگۈسىگە قەدەم قويدۇق، ئاشۇ جۇشقۇن مېلودىيە يەنە بىر قېتىم جۇڭگو زېمىنىدا ياڭرىدى −

«كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى.

كوممۇنىستىك پارتىيە مىللەت ئۈچۈن جاپا چەكتى، كوممۇنىستىك پارتىيە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جۇڭگونى قۇتقۇزدى.

ئۇ خەلققە ئازادلىق يولىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇ جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ يورۇقلۇققا قاراپ ئىلگىرىلىدى...»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.