تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئېتىقادنى چىڭىتىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئىشىنەيلى، پارتىيەنى سۆيەيلى، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

مىليونلىغان خەلق كۆز تىكىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان 29 كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىغا پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شان - شەرەپ بېرىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، تەقدىرلەنگەن «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر ھەرقايسى سەپتىكى پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر دەپ چوڭقۇر قىلىپ كۆرسەتتى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش، پاك - دۇرۇس بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇمنى كۆزلەشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە يۈكسەك روھىنى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىدى، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، چىدامچانلىق ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئادەتتىكى چاغلاردا كۆرگىلى بولىدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، خەتەرلىك پەيتتە پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان بولغاندىلا، ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش داۋامىدا پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى!

قەلبتە ئېتىقاد بولسا، جىسمىمىز كۈچكە تولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئېتىقادنى چىڭىتىش دەل ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەس غايە - ئېتىقادى، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىكى بىلەن پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقىتىنى ۋە قىزغىن مۇھەببىتىنى قەلبىگە چىڭ پۈكۈپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى، ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى بېغىشلاپ، پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى ئۈچۈن قەيسەرانە كۈرەش قىلىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش دېگەنلىكتۇر.» تارىخنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىزنىڭ قايتا - قايتا ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرسىمۇ يەنىلا قايتا - قايتا ئورنىدىن دەس تۇرالىشىنىڭ سەۋەبى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە يۈكسەك ئىنتىلىشى بولغانلىقىدا. 100 يىللىق ھەيۋەتلىك تارىخىي مۇساپىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تاغنى تالقان قىلغۇدەك قەھرىمانلىق مەردانە ناخشىسىنى پۈتتى. پاكىت شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، ئېتىقاد، ئەقىدە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىنتايىن مۇھىم.

«ئىرادە بولمىسا، جاھاندا ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ.» پارتىيەمىزنىڭ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك بولۇش - بولماسلىقىدا پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ غايە - ئېتىقادىنىڭ قەتئىي ياكى قەتئىي ئەمەسلىكىگە، تېخىمۇ مۇھىمى ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ غايە - ئېتىقادىنىڭ قەتئىي ياكى قەتئىي ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. غايە - ئېتىقاد مۇستەھكەم بولۇپ، قەلبتە پارتىيە بولغاندىلا، پارتىيەگە سادىق بولغاندىلا، ئاندىن مۇستەھكەم ئىدىيەۋى ئاساسقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. غايە - ئېتىقادى مۇستەھكەم كىشىلەرلا باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي، ئېگىلمەي - سۇنماي، بوران - چاپقۇنغا پىسەنت قىلماي، تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، قەتئىي تەۋرەنمەي بەلگىلەنگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلالايدۇ. كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدە كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي روھى، كوممۇنىستلارنىڭ ھەرقانداق سىناققا بەرداشلىق بېرەلىشىدىكى مەنىۋى تۈۋرۈكى. ئېتىقاد، ئەقىدە، ئىشەنچنى چىڭىتىش بارلىق كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بارلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ.

جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غايە - ئېتىقادى ماركسىزمنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئۈستىگە ئورنىتىلغان، تارىخىي قانۇنىيەتنى چوڭقۇر ئىگىلەش ئۈستىگە ئورنىتىلغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدىنى ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىشى قىلىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئىشىنىپ، پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ئۆز خىزمەت ئورنىدا قەيسەرانە ئېلىشىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يۈكسەك غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.» بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ «پاراخوتنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنغا بارغىنىغا، ئادەمنىڭ تاغنىڭ بېلىگە چىققىنىغا» ئوخشايدۇ، ئېتىقاد، ئەقىدىنى چىڭىتىشتا، ئەڭ مۇھىمى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. ساداقەتمەنلىك ۋە ئېتىقاد كونكرېت، ئەمەلىي بولىدۇ. دائىم پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ غايە - ئېتىقادى ۋە ئىدىيە، سۆز - ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ، ئىدىيەدىكى چاڭ - توزانلارنى ئۈزلۈكسىز تازىلاپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك.

غايە نۇرى كۈرەش يولىنى يورۇتىدۇ، ئېتىقادنىڭ كۈچى گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئېتىقاد ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇستەھكەم غايە - ئېتىقاد ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى تاۋلىشى كېرەك. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنى ئۈلگە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى قان تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلماي، ئۈزلۈكسىز ئالغا باسساقلا، بىز چوقۇم قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئارقا - ئارقىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.