تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«بوشاشماي كۈرەش قىلىش، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش»

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، كۇاڭ شىشى

جۇلالىنىپ تۇرغان 29 ئىسىم خۇددى چىراغلارغا، ئوتقا ئوخشايتتى. يالتىراق نۇرلار سامان يولىغا ئايلىنىپ، مىللەتنى چاقناتقان نۇر بولۇپ مۇجەسسەملەندى.

6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ خەلق سارىيى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 22 نەپىرى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق تارىخىي تۈگۈن نۇقتىسى كېلىش ئالدىدا، تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ يېتىپ كەلگەنىدى.

بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى تۇنجى قېتىم تارقىتىشى ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنى باشلاپ، تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شان - شەرەپ بىلەن ھەرقايسى سەپلەردىن كەلگەن بۇ كوممۇنىستلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپىسىگە ھۆرمەت بىلدۈردى.

يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى - سىرتىدا، قىزىل بايراقلار لەپىلدىدى، قىزىل ئوردېنلار چاقنىدى. قىزىل رەڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسى رېڭى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەڭ روشەن بايرىقى.

«مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن <1 - ئىيۇل ئوردېنى>غا ئېرىشكۈچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاۋازى يىغىن مەيدانىدىن پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالدى.

ئەڭ ئالىي مەدھىيە ئادەتتىكى ئەمما ئاددىي بولمىغان ئۇلارغا مەنسۇپ، شۇنداقلا كۈرەش قىلىۋاتقان، ئۆزىنى بېغىشلاۋاتقان ھەربىر جۇڭگو كوممۇنىستلىرىغا مەنسۇپ.

2021 — 1921، ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىشقىچە، مىسلى كۆرۈلمىگەن بۈيۈك ئىشتىن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشكىچە، مىللەت خەتەرلىك - مۈشكۈل ئەھۋالغا قېلىشتىن مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگىچە... 50 نەچچە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى تەرەققىي قىلىپ 91 مىليوندىن ئارتۇق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىغا يەتتى، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەر ئالدىنقىلار يىقىلسا، كېيىنكىلەر ئىزىنى بېسىپ ماڭدى، مىليونلىغان كىشىلەر جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

ئۇلارنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى مەڭگۈ تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلىدۇ.

بۇ دەقىقىلەر مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى

چۈشتىن بۇرۇنقى ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىغا ئىنتىزار بولغان، ئىنتىلگەن نۇرغۇن كىشى سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

سائەت 8دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، 22 نەپەر «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى مېھمان كۈتۈش ئاپتوموبىلىغا چىقىپ، دۆلەت مېھمانلىرىنى قوغداش قاراۋۇللار ئەترىتىنىڭ مۇھاپىزىتىدە شەرققە قاراپ ماڭدى.

چاڭئەن كوچىسىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن سىرتقا قارىدى، ئون چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتىكى كوچا رەڭگارەڭ گۈللەرگە پۈركەنگەنىدى؛ شىنخۇامىندىن ئۆتكەندە، توسما تامدىكى «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» دېگەن خەت جانلىق ۋە كۈچلۈك كۆرۈنۈپ تۇراتتى؛ بايراملىق بېزەلگەن تيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا يىراقتىن نەزەر تاشلىدى... بۇ، سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ئارزۇ قىلغان گۈزەل مەنزىرە ئىدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار ئۆمۈر بويى ئىنتىلگەن گۈللەنگەن جۇڭخۇا ئىدى.

خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدا، جەسۇر، قامەتلىك ھۆرمەت قاراۋۇللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلغانىدى، بالىلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مېھمان كۈتۈش زالىدا، «تاغ - دەريالار شۇنچە گۈزەل» ناملىق غايەت زور جۇڭگوچە رەسىم رەڭدار كۆرۈنەتتى. تاغ - دەريالار ئۆزگەرمىدى، ئەمما جاھان ئۆزگەردى، بۇ، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولغان 100 يىل، جاسارەت پەلەكتىن ئاشقان 100 يىل.

سائەت 10نىڭ قوڭغۇرىقى چېلىنىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قەۋەتتىكى ئالتۇن رەڭلىك زالنىڭ سىرتىغا كەلدى. بۇ يەردە، باش شۇجى 22 نەپەر «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى بىلەن بىللە تۇرۇپ، جىمجىت كۈتۈپ تۇردى.

دەرۋازا ئېچىلغان پەيتتە، مۇزىكا ئاۋازى ياڭرىدى، ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. ئۇلار يانمۇيان مېڭىپ ئالتۇن رەڭلىك زالغا كىرىپ، قىزىل پاياندازدىن ئۆتتى.

بۇ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغا بولغان ئالىي مەدھىيەسى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، ھايات - ماماتنى باشتىن كەچۈرگەن 100 ياشلىق ياشانغان كىشى، ئىرادىگە ۋارىسلىق قىلغان قەھرىمانلار - قۇربانلار ئەۋلادى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان يېزا - كەنت باشلامچىسى، ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار، قىيىن ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلگەن مەھەللە خىزمەتچىسى، چارۋا بېقىپ چېگرانى قوغدىغان دەۋر نەمۇنىچىسى، تېخىمۇ مۇكەممەل ئىشلەشكە ئىنتىلگەن تېخنىك ئىشچى بار... ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا، سانسىزلىغان كۆزلەر، سانسىزلىغان ئۈمىد - ئارزۇلار، سانسىزلىغان ئىزلار گىرەلىشىپ كەتكەنىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى ئەمەس ئىدى. بۇ يىل چاغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا جاڭ گۇيمېينى كۆرگەنىدى؛ 2019 - يىلى 11 - ئايدا، شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغان باش شۇجى خۇاڭ باۋمېي بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشقانىدى؛ يەنە 1991 - يىلى يەرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ ئىلگىرى لىن دەن تۇرۇشلۇق جۈنمېن ئاھالە كومىتېتىدە تەكشۈرۈشتە بولغانىدى.

ئۇلۇغلۇق ئاددىيلىقتىن كېلىدۇ، ئاددىيلىق ئۇلۇغلۇقنى يارىتىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان تاغنى تالقان قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ دەل مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئېقىنلارنىڭ يىغىلىشى، دەل ھەربىر ئادەمنىڭ ھەربىر كۈچىنىڭ ئۇرغۇپ چىقىشىدىن ئىبارەت.

ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ياڭرىغاندا، يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكىلەر چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.

بۇ مېلودىيە نۇرغۇن قېتىم ياڭراپ، قان تومۇرلارغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەنىدى. ئۇلار قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان، سوغۇق شامال سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان چېگرادا دۆلەت شېئىرى ئېيتتى؛ ئۇلار قاقاس قۇملۇق، شورلۇقتا «يېشىل سەددىچىن سېپىلى» بەرپا قىلىپ، دۆلەت بايرىقىنى قادىدى؛ ئۇلار ھەربىر سەپ، ھەربىر ئىش ئورنىدا نېمىنىڭ دۆلەت، نېمىنىڭ ئائىلە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن، مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ يېنىك ئاۋازدا ئېيتتى.

.....

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ <1 - ئىيۇل ئوردېنى> بېرىش توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ ئوقۇلۇشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بەش چوڭ ئەڭ ئالىي شان - شەرەپ مۇكاپاتىنىڭ ھەممىسى تولۇق تارقىتىلدى. 2017 - يىلى 8 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش نىزامى»نى بېسىپ تارقىتىپ، «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تەسىس قىلدى. بۇ ئوردېنغا پارتىيە گېربى، بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز، بايراق، ئابىدە ۋە نۇر، ئاپتاپپەرەس، تاغ - دەريا، قۇت بۇلۇتلارنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا سەمىمىي مۇھىم تاپشۇرۇق مۇجەسسەملەنگەنىدى.

تاغ - دەريالارنىڭ ئامان - ئېسەن بولۇشى سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ مەردانىلىك بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىدىن بولدى. «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى چېن خۇڭجۈن مەڭگۈ قاراقۇرۇمدا قالدى؛ خۇاڭ ۋېنشيۇ نامراتلارنى يۆلەش يولىنى يورۇتىدىغان نۇرغا ئايلاندى؛ چەي يۈنجېن ئىلگىرى قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ ئۆزى يالغۇز قالدى، بۇ پىداكار ئۇرۇش قەھرىمانى پۈتۈن ھاياتىدىكى ساداقەتمەنلىكىنى پارتىيەگە بېغىشلىدى...

باش شۇجى شى جىنپىڭ جاراڭلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «100 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەتنىڭ بېيىپ، قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدىنقىلار يىقىلسا، كېيىنكىلەر ئىزىنى بېسىپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ، تاغنى تالقان قىلىدىغان قەھرىمانلىق مەردانە ناخشىسىنى پۈتۈپ چىقتى».

نۇرغۇن ئىش ئىزلار كىشىنى چوڭقۇر ھاياجانلاندۇردى، نۇرغۇن ھېكايىلەر كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. ئۇلارنىڭ ئورتاق يېزىپ چىققىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى، جۇڭگونىڭ ھېكايىسى.

بۇ قول ئېلىشىشقا مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان تەسىرات سىڭدى

«ساداقەتمەنلىك مەدھىيە ناخشىسى» ناملىق مۇزىكا ياڭرىدى، جاراڭلىق، كۈچلۈك ئاھاڭ، قەھرىمانلىق ھېسسىياتى يىغىن مەيدانىدا ياڭرىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوردېن بېرىش سۇپىسىغا چىقىپ، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن تارقاتتى.

«ئۇلارنىڭ جىسمىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش، پاك - دۇرۇس بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇمنى كۆزلەشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە يۈكسەك روھى جانلىق نامايان قىلىندى».

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارنى يۈكسەك تەرىپلىدى. چاقناپ تۇرغان بۇ سۆزلەر دەل ئازاب - ئوقۇبەت، شانلىق نەتىجىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان قەدىرلەپ كەلگەن روھ، ئۇلۇغلاپ كەلگەن پەزىلەت.

«ئېتىقادنى چىڭىتىش»نى ئۇلار ھاياتى ئارقىلىق شەرھلىدى.

ما ماۋجيې چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى، باش شۇجى ئېگىلىپ ئۇنىڭ ئىككى قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «سىلەرنى تەبرىكلەيمەن» دېدى. چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۇرۇشى بولغان يىلى، ئۇ ئاران 14 ياشتا بولۇپ، يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلارغا قارىماي چاڭجياڭ دەرياسىنى ئالتە قېتىم كېسىپ ئۆتكەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئوردېننى چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىغا سوۋغا قىلىپ، قۇربان بولغان سەپداشلىرىمغا تەسەللى بېرىمەن.

گو رۈيشياڭ بوۋاينىڭ 80 نەچچە يىللىق پارتىيە ئىستاژى بار. ئۇنىڭ خاتىرىسىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ھەمىشە ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش بۇرغىسى، قۇربان بولغان سەپداشلىرىنىڭ ئايرىلىشقا قىيمىغان نەزەرى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، ئۇ كونا سەپداشلىرىنىڭمۇ بۈگۈنكىدەك گۈللەر خۇش پۇراق چاچقان مەزگىلنى كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. باش شۇجى ئۇنىڭغا ئوردېننى ئاستاغىنا تاقاپ، بىر ئۆمۈر ھەربىي فورما كىيگەن بۇ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قەھرىمانىغا تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيە ئۈچۈن قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىڭىزگە رەھمەت».

«قەلبتە ئېتىقاد بولسىلا، جىسمىمىز كۈچكە تولىدۇ.» ئۇرۇشتا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ۋاڭ جەنشەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېتىقاد، نەپەسلا بولىدىكەن ئاداققىچە جەڭ قىلىش ئىدى؛ «زامانىمىزدىكى يۈگۇڭ» خۇاڭ دافا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېتىقاد جان تىكىپ ئېلىشىش ئارقىلىق «سۇ ئۆتەلمىسە، جېنىمنى تىكىمەن»دىن ئىبارەت جۇشقۇن ھېسسىياتنى نەقلەشتۈرۈش ئىدى؛ چاچلىرى ئاپئاق ئاقارغان مۇزىكانت لۈ چىمىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېتىقاد 91 ياشقا كىرگەندىمۇ يەنىلا قەلەمنى تاشلىماي، يېڭى دەۋرنى كۈيلەيدىغان يېڭى ئەسەرلەرنى يېزىش ئىدى...

«ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش»نى ئۇلار ئەسلىي مەقسىتى بىلەن قوغدىدى.

«ۋاڭ لەنخۇا، سىز يەنە كەپسىز، شەرەپ بىلەن يەنە كەپسىز.» بۇلتۇر نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا پاراڭلاشقان بۇ ياشانغان كىشىنىڭ سەھنىگە چىققانلىقىنى كۆرۈپ، باش شۇجى سەمىمىي ھالدا ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى.

«بۇ مېنىڭ 6 - قېتىم سىزنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىڭىزغا ئېرىشىشىم. يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى سىزگە سالام يوللىدى!» دېدى ۋاڭ لەنخۇا ھاياجانلانغان ھالدا.

«مەندىن كۆپچىلىككە سالام ئېيتىڭ.»

بۇلتۇر كۆرۈشكەن چاغدىكى مەنزىرە ھازىرمۇ كۆز ئالدىدىن كەتمىگەنىدى. ۋاڭ لەنخۇا پۇقرالار بىلەن ئالاقە قىلىدىغان بىرىنچى سەپتىن كەلگەن بولۇپ، مەھەللىدە «ھايات لېي فېڭ» دەپ ئاتالغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەرقانچە چارچىغان، ھەرقانچە قىينالغان، ھەرقانچە جاپا تارتقان چاغلاردىمۇ، دائىم باش شۇجىنىڭ «سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن» دېگەن گېپىنى ئەسلەيمەن.

يىلتىزى خەلقتە بولۇش، قان تومۇرى خەلقتە بولۇش، قەلبىگە خەلقنى پۈكۈش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش. باش شۇجىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ياد ئېتىدىغىنى خەلقتۇر.

«چىغ چۇرۇقلۇق شۇجى» جوۋ يۇڭكەي، چارۋىچىلىق رايونىدا يىلتىز تارتقان تىڭ·باتېر، «پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ياخشى كىيىندۈرۈش» ئارزۇسى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلىگەن خۇاڭ باۋمېي... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوردېن تارقاتقاندا، كۆپچىلىك بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇلاردىن ئەھۋال سورىدى. نۇرغۇن كىشى ھەم ھاياجانلاندى ھەم تەسىرلەندى، باش شۇجىغا قەلبىدىكى نۇرغۇن سۆزلىرىنى ئېيتقۇسى كەلدى.

«جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش»نى ئۇلار ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئىزاھلىدى.

ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلىپ مەردلەرچە جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن.

ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا، سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار قان تۆكۈپ قۇربان بېرىپ، ھاياتىنى تەقدىم قىلىشتەك بەدەللەرنى تۆلەشتىن باش تارتمىدى. يېڭى دەۋردىكى مۇساپىدە، پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش بىر خىل خالىس، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاشتىن، بىر مەيدان باش ئەگمەي كۈرەش قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

كەپشەرلەش ئىش ئورنىدا 50 نەچچە يىل ئۆزىنى بېغىشلىغان ئەي ئەيگو چوڭ قەدەم ئېلىپ باش شۇجىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تەزىم قىلىپ ئەھۋال سورىدى. باش شۇجى سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋىنى، دۆلەت سىزدەك ئادەملەرگە موھتاج».

قۇمنى تىزگىنلەش، نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش، كىشىلەر تەرىپىدىن «ھاك بازغىنى» دەپ ئاتالغان شى گۇاڭيىن «مىڭ يىللىق قۇملۇق»تىن بۈگۈنكى يېشىللىققىچە، تىرىشىپ - تىرمىشىپ قۇمنى ئالتۇنغا ئايلاندۇردى. باش شۇجى ئۇنىڭ يىرىك قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن: «بۇ نەچچە ئون يىلدا سىلەر ھەقىقەتەنمۇ جاپا تارتتىڭلار» دېدى.

«لەن لاۋ، سىزنىڭ نۇرغۇن دىرامىڭىزنى كۆردۈم. شۇنچە ياشىنىپ قالسىڭىزمۇ يەنىلا خىزمەت قىلىۋېتىپسىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭ 94 ياشقا كىرگەن لەن تيەنيېنى كۆرگەندە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

«بۇ ئىككى يىلدا مەن يەنە رولغا چىقىۋاتىمەن، رېژىسسورلۇق قىلىۋاتىمەن» دېدى لەن تيەنيې پەخىرلەنگەن ھالدا باش شۇجىغا دوكلات قىلىپ.

ۋۇ تيەنيى 80 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، يۈرەك قوزغاتقۇچ سېلىنغان ھالەتتىمۇ، يەنىلا دېڭىز يۈزىدىن 4500 مېتىردىن يۇقىرى ئېگىزلىكتە پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن ئالدىراش ئىدى، چارۋىچىلار ھەمىشە ئۇنى «ئات ئۈستىدىكى ياخشى مەنبا (دوختۇر)» دەيدۇ. ئۇ باش شۇجىنىڭ ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىدا قىلغان «قانچىكى ئۇلۇغ ئىش شۇنچە خىرىسقا تولغان بولىدۇ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ» دېگەن بىر جۈملە سۆزىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتىۋالدى.

«پاك - دۇرۇس بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇمنى كۆزلەش»كە ئۇلار پەزىلىتى ئارقىلىق ۋارىسلىق قىلدى.

«كوممۇنىستلارنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداش، ئاددىي - ساددا بولۇش، ئومۇم ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ساقلاش كېرەك»، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى.

«ئائىلەم يۈمەي، دۆلىتىم جۇڭگو»، بۇ، جوگا قەلبىدە ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر جۈملە سۆز. ئۇ ھەر كۈنى چېگرا لىنىيەسىدە ماڭىدۇ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، چارۋا بېقىش، چارلاش شەكلى بىلەن نەچچە مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دۆلەت زېمىنىنى قوغداپ كەلدى. ئۇ باش شۇجىنىڭ قايتۇرغان جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان. مۇشۇ پەيتتە، باش شۇجىنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇنىڭ ئېگىزلىكنىڭ گۈزەللىكىنى، دۆلەت بايرىقى لىق ئېسىلغان كوچىلارنى تولىمۇ سۆزلەپ بەرگۈسى كەلدى. ئۇ تارتىنغان ھالدا: «باش شۇجى ياخشىمۇ سىز، سىز جاپا تارتتىڭىز!» دېدى.

سان - ساناقسىز جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇرۇش قەھرىمانى چەي يۈنجېن 1952 - يىلى مېيىپ بولۇپ قېلىپ ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تۆھپە - نەتىجىسىنى قىلچە ئېغىزغا ئالمىغان؛ ۋاڭ شۇماۋ نەنخەيدىكى ھوقۇقنى قوغداش كۈرىشىدە ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، بىر قەدەممۇ يول قويماي، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز - ئوكيان ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىغان، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى كېمە خادىسىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ شامالدا جەۋلان قىلغانلىقىنى كۆرۈش ئىدى؛ لى داجاۋنىڭ نەۋرىسى لى خۇڭتا جاپا - مۇشەققەتكە چىداملىق، ئاددىي - ساددا، دۇرۇس، پاك، ئائىلىسىدىكىلەرگە قاتتىق تەلەپچان بولۇپ، «ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش»تەك قىممەتلىك خىسلەتتە چىڭ تۇردى... ئېسىل ئەخلاقنى تونۇش، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتى.

ئەڭ ئاخىرىدا ئوردېن تارقىتىش سەھنىسىگە چىققىنى ۋېي دېيوۋ بولۇپ، «مۇداپىئە سېپىدىكى قاراۋۇل ئالماشمايدىغان ئەر - خوتۇن قاراۋۇلخانىسى» «چېگرا لىنىيەسىدىكى تىرىك چېگرا بەلگىسى» ئۇنىڭ نامىدۇر. باش شۇجى تەسىرلىك قىلىپ ئۇنىڭغا: «سىلەر قەھرىمان» دېدى.

جۇڭخۇا مىللىتى قەھرىمانلار كۆپلەپ چىققان مىللەت، يېڭى دەۋر قەھرىمانلارنى يارىتىدىغان دەۋر.

بۇ كۆرۈنۈش چەكسىز ھاياجانغا تولدى

جاڭ گۇيمېي ئاۋايلاپ ماڭغىنىچە ئوردېن تارقىتىش سەھنىسىگە يەنە بىر قېتىم چىقتى. ئۇ يەنىلا تولا يۇيۇلۇپ ئۆڭۈپ كەتكەن ئاشۇ كۈل رەڭ كوپتىسىنى كىيىۋالغان بولۇپ، ئارقىسىدىن قارىغاندا تېنى ئاجىز كۆرۈنەتتى.

شۇ پەيتتە، مىكروفون ئالدىدا تۇرۇپ، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا، ئۇ نەچچە قېتىم ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا قارىغىنىدا، نەزەرى مېھرىبانلىق ۋە سەمىمىيلىككە تولدى.

جاڭ گۇيمېي تاغلىق كەنتتىكى بالىلارنىڭ بۈگۈنىنى بايان قىلدى، «يىراقتا چىراغ بار، ئايىغىمىز ئاستىدا يول بار، كۆز ئالدىمىزدا نۇر بار»؛ ئۇ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئېتىقادى ۋە چىڭ تۇرۇشىنى بايان قىلدى:

«بەزىلەر مەندىن نېمىشقا بۇ ئىشلارنى قىلىسىز؟ دەپ سورايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مېنىڭ بۇ تۇپراققا بولغان مىننەتدارلىقىم بار، تېخىمۇ كۆپ بولغىنى بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى».

«يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ.» باش شۇجى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن بۇ سۆزلەرنى جاڭ گۇيمېي قەلبىدە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈچۈن ھېكمەتلىك سۆز قىلغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پەقەت تىنىقىملا بولىدىكەن، مەن مۇنبەردە تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بارلىقىمنى بېغىشلايمەن، ئۆلسەممۇ ئۆكۈنمەيمەن.

بىر قېتىملىق تەقدىرلەش بىر قېتىملىق روھنىڭ تاۋلىنىشى.

مەھەللە، كەنت - بازارلار، تاغ - دەريا، جىلغىلار، ئاۋات شەھەرلەر، قاقاس چېگرالاردا، سانسىزلىغان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى مۇراسىمنى كۆرۈپ، مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرۇپ، ھاياجان ۋە كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «<1 - ئىيۇل ئوردېنى>غا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلىغان ئاددىي قەھرىمانلار. ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگەنگىلى، ئۆرنەك قىلغىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ روھىغا ئىنتىلگىلى، يەتكىلى بولىدۇ».

ئاۋاز تىپتىنچ، ئەمما ھەيۋەتلىك. نېمىگە مەدھىيە ئوقۇش، نېمىنى جاكارلاش، نېمىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، نەچچە ئون مىنۇتلۇق ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمى بۇنىڭغا جاۋاب بەردى. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى:

«ئۇلار ھەرىكىتى ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت غايە - ئېتىقادنى چىڭىتقاندىلا، كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتقاندىلا، چىدامچانلىق ئىرادىسىنى چىڭىتقاندىلا، ئادەتتىكى ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، خەتەرلىك پەيتتە پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان بولغاندىلا، ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ھەممىسى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش داۋامىدا پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ!»

ئوردېن تارقىتىش سەھنىسى ئاستىدا، سۈي داۋجى ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى، چېن ۋېي، جاڭ دىڭيۈ پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

«يېڭى دەۋر قەھرىمانلارغا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ھەم چوقۇم قەھرىمانلارنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان دەۋر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر دەۋر ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ روھىي تۈۋرۈكى بولۇشى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى جەزمەن قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك».

قاتمۇقات ئۆتكەلدىن ئۆتۈشتە، مەنىۋى كوردىناتنىڭ بولۇشىغا، قىممەت جۇغلانمىسىنىڭ بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشىغا، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

بىر قېتىملىق تەقدىرلەش بىر قېتىملىق قايتا جەڭگە ئاتلىنىش بۇرغىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ تاپشۇرۇقلىرى قىزغىن ۋە چوڭقۇر:

«پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك!»

زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ سەپەرگە ئاتلىنىش.

ئىنقىلاب مەزگىلىدە، دۆلەت خەتەرگە يولۇققان پەيتتە، كۈرەش قىلىش ئىنقىلابچىلارنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىزدىنىشىدىكى ئىنتىلىشى، ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ئاداققىچە قان كېچىپ جەڭ قىلىشتىكى قورقماسلىقىدۇر؛ قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مەزگىلىدە، كۈرەش قىلىش پەيتنى قولدىن بەرمەي ئىلگىرىلەيدىغان، بۆسۈشكە، سىناشقا جۈرئەت قىلىدىغان جاسارەتتۇر.

يېڭى دەۋر شۇنداقلا كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى. گۈللەنگەن دەۋرگە توغرا كەلگەندە، گۈللەنگەن دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان بولۇش كېرەك. ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش ھالقىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى:

«سىلەرنىڭ شان - شەرىپىڭلار تەستە قولغا كەلگەن، سالامەتلىكىڭلارنى كۆپرەك ئاسراڭلار. بۇمۇ 1 - ئىيۇل تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى، مۇشۇ يەردىن قايتا يولغا چىقايلى!»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.