تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى: پۇقرالار چوڭ سەھنىسىدىكى تەنتەنە

  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سۇيچۈەن يولى تەۋەلىك رايونىدا «شانلىق 100 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان سۇيچۈەن» ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى جيەنچۇەن شەرقىي مەھەللىسى پۇقرالار چوڭ سەھنىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  سائەت 12 دە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاھالىلەر پۇقرالار چوڭ سەھنىسى ئالدىغا جەم بولدى، يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى «سۆيىمەن سېنى جۇڭگو»، قالون ئوپچە مۇزىكىسى «مېنىڭ ۋەتىنىم»، كىچىك تىپتىكى خور «ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ»، ھازىرقى زامان جىڭجۈ تىياتىرى «كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى»، ئۇسسۇلۇق ناخشا «سۆيۈملۈك پارتىيەگە مەدھىيە»... قاتارلىق ئېسىل نومۇرلاردا پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرى مەدھىيەلىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈشتەك يۈرەك ساداسى ئىپادىلەندى.

  مەيدىسىگە «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكى تاقىغان، 76 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى لياڭ كەييۈەن تەكلىپكە بىنائەن پۇقرالار چوڭ سەھنىسىدە كۆپچىلىك بىلەن بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئارزۇسىنى ئورتاقلاشتى، ياش ئەۋلادلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا جان تىكىپ ئىلگىرىلەيدىغان، جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدىغان چىدامچانلىق روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ باي-قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شۇ كۈنى، پۇقرالار چوڭ سەھنىسىنىڭ يېنىدا، جيەنچۇەن شەرقىي مەھەللىسى سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىدىكى تېببىي خادىملار، ساتىراچلار ئاھالىلەرنى ھەقسىز كېسەل كۆرۈش، چاچ ياساش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.

6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 76 ياشلىق، 56 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى لياڭ كەييۈەن تەكلىپكە بىنائەن پۇقرالار چوڭ سەھنىسىگە چىقىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بولغان سەمىمىي تىلىكىنى بىلدۈردى ھەم كۆپچىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئورتاقلاشتى.

6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، « شانلىق 100 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان سۇيچۈەن» ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىدا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاھالىلەر رىگۇاڭ مەھەللىسى تاللاپ ئەۋەتكەن «گۈزەل جۇڭگو» ناملىق ئۇسسۇلنى كۆرمەكتە. 

6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «شانلىق 100 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان سۇيچۈەن» ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىدا، جيەنچۇەن شەرقىي مەھەللىسى تاللاپ ئەۋەتكەن ئۇسسۇللۇق ناخشا «مەن قۇياشنى ۋەتەنگە تەكلىپ قىلىمەن». 

شياڭياڭ مەھەللىسى تاللاپ ئەۋەتكەن قالون ئوپچە مۇزىكىسى «مېنىڭ ۋەتىنىم» ئورۇندالماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، كىچىك دوستلار يەنە «بېيجىڭدىكى جىنشەن تېغىدا» «يىڭشەنخۇڭ»نى ئورۇندىدى. 
6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، « شانلىق 100 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان سۇيچۈەن» ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنىدا، رىگۇاڭ مەھەللىسى تاللاپ ئەۋەتكەن «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق ئۇسسۇل ئورۇنلاندى.

6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «شانلىق 100 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان سۇيچۈەن» ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنىدا، تاماشىبىنلار ئارتىسلار بىلەن بىللە جيەنچۇەن شەرقىي مەھەللىسى تاللاپ ئەۋەتكەن ھازىرقى زامان جىڭجۈ تىياتىرى «كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى»نى كۆرمەكتە.
6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «شانلىق 100 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان سۇيچۈەن» ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنىدا، سۇيچۈەن شەرقىي مەھەللىسى تاللاپ ئەۋەتكەن «پارتىيەگە يەنە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» ناملىق ئۇسسۇل ئورۇنلاندى.

6ـ ئاينىڭ 28ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تاماشىبىنلار يان تېلېفونىدا « شانلىق 100 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان سۇيچۈەن» ناملىق ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرىنى سۈرەتكە ئېلىپ، ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرى بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا تەييارلاندى.

6ـ ئاينىڭ 28ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جيەنچۈەن شەرقىي مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىدىكى تېببىي خادىملار ئاھالىلەرنى ھەقسىز كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

6ـ ئاينىڭ 28ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كىچىك دوستلار «قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى» بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. جيەنچۈەن شەرقىي مەھەللىسى پۇقرالار چوڭ سەھنىسىنىڭ يېنىدا ئوخشىمىغان شەكىلدىكى «قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى» خاتىرە سۈرىتى رامكىسى ياسىلىپ، بالىلارنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئانار بۇلۇت  \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.