تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بۇلاق شەھىرىنىڭ كېچىسىنى يورۇتۇش! جىنەندە چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى تەبرىكلەندى

   
   جىنەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ئىجادىيەت ئەسەرلىرىنى كەڭ توپلاپ، بىر مەيدان نۇر سايىسى كاتتا مۇراسىمى ئارقىلىق، بۇلاق شەھىرىنىڭ كېچىسىنى يورۇتۇپ، 100 يىللىق قىزىل روھنى قايتا ئەسلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

   بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، شەندۇڭ جىنەندە، ھەر كۈنى تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، جىنەن غەربىي ۋوگزالى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەركىزى، لۈدى مەركىزى قاتارلىق رايونلاردا، قاتار-قاتار ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى ئوتقاشتەك قىزىل تۈسكە كىردى، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان قىزىل يۆگىمە رەسىملەر ئىمارەتلەر ئارىسىدا ئاستا-ئاستا يېيىلدى، ھەربىر نۇر سايىسى خۇددى گۈزەل نوتىغا ئوخشاش، كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان مېلودىيە بولۇپ مۇجەسسەملەندى، چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن 100 يىللىق مۇساپىسى ھەمدە پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جىنەندىن ئىبارەت بۇ شەھەردە يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلىندى.

    خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت مۇھىم، زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسى جىنەننى «خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى مەركىزىي شەھەر» دېگەن ئورۇنغا ئىگە قىلدى، جىنەن خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيە مەرۋايىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلماقتا. 
(مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى چېن يۇڭچىڭ، ۋاڭ ماۋشېڭ، جاۋ فېي، چەي ئەندۇڭ، جىنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى)
مەنبە: 央视新闻客户端

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.