تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى «چىراغ ياققۇچى»

زوۋ بىخۇا:

قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى «چىراغ ياققۇچى»

زوۋ بىخۇانىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇاڭ ئەنچى، لەن تيەنمىڭ

2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئەينى چاغدا شاڭخەي شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى بولغان زوۋ بىخۇا بىر قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتى سۆھبەت يىغىنىغا بېرىش يولىدا تۇيۇقسىز بىئاراملىق ھېس قىلغان، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتى 47 ياشتا توختاپ قالدى.

2014 - يىلى 7 - ئايدا، شاڭخەي باشلامچىلىق بىلەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلىدى. زوۋ بىخۇا دەل شاڭخەي سوت مەھكىمىسى قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ ئاساسلىق تەييارلىغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

سودىيەلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، دېلو بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شاڭخەينىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىدە سودىيە ئىشتات تۈزۈمى ئورنىتىش، يەنى سودىيەلەرنىڭ قوشۇن ئىشتاتى ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %33 دەپ بېكىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىلگىرى، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى «ئارىلاش ئىش ئورنى» ئەندىزىسى سودىيەلەرنىڭ ئاساسىي سانىنىڭ ئىشتات نىسبىتىدىن ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، نۇرغۇن ياش سودىيە، بولۇپمۇ ياردەمچى سوتچىلار ئىشتات كونترول قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسپىي تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرىگەنىدى.

قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ، مۇنەۋۋەر دېلو بېجىرىش تايانچلىرىنى تاللاپ چىقىش كېرەكمۇ ياكى «سالاھىيەتكە قاراپ رەتكە تۇرغۇزۇش» كېرەكمۇ؟ زوۋ بىخۇا چوقۇم ئىشتات چىقىرىپ ياشلارنى تاللاشقا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك دېگەننى تەكىتلىدى ۋە ئۇنىڭدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردى. ئۇ مۇنداق قارىدى: بىر سودىيەنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆلچەشتە يالغۇز «بېجىرگەن دېلو سانى»غىلا قاراشقا بولمايدۇ، چۈنكى «ئاددىي دېلولارنى بېجىرىشكە كېتىدىغان ۋاقىت بىرقەدەر قىسقا بولىدۇ، چىگىش دېلولارغا سودىيەلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ زېھنىي كۈچى سەرپ قىلىنىدۇ».

زوۋ بىخۇانىڭ خىزمەتدىشى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بىر قوش دەم ئېلىش كۈنىدە، بىز سىناق نۇقتىسى قىلىنغان مەلۇم سوت مەھكىمىسىدىكى 200 دىن ئارتۇق سودىيەنىڭ دېلو بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتنى ئۇنىڭغا تاپشۇردۇق، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ دېلونىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى سانلىق مەلۇماتتىن كۆرۈۋالغىلى بولمايدۇ، چوقۇم دېلو ئارخىپىنى كۆرۈش كېرەك دەپ، ماڭا بۇ سودىيەلەرنىڭ دېلو ماتېرىيالىنى يۆتكەپ ئەكەلدۈرۈپ كۆردى».

شۇنىڭدىن كېيىن، ئىلمىي باھالاش سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن، زوۋ بىخۇا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ دېلو ۋەزىن كوئېففىتسېنتى نەزەرىيەسىنى ئىجاد قىلىپ، كۆپ تۈرلۈك سوت قىلىشنى باشقۇرۇش، باھالاش كۆرسەتكۈچىنى لايىھەلىدى.

سوت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، «قاراپ چىققۇچى ھۆكۈم قىلىش، ھۆكۈم قىلغۇچى مەسئۇل بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشمۇ ئەينى چاغدىكى شاڭخەي قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ئىدى.

زوۋ بىخۇا «ھازىرقى ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئىسلاھات لايىھەسىنى تۈزۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى، دەپ قارىدى، شۇڭا ئۇ «باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇش»تىن قورقمىدى. بىر تەرەپتىن، زوۋ بىخۇا شاڭخەيدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت ھەيئىتى مۇزاكىرە قىلغان دېلولارنىڭ سانىنى رەتلەپ چىقتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، پۈتۈن شەھەردىكى سوت مەھكىمىلىرىگە مەزمۇنى ئاساسلىقى ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىلىرىدە مەمۇرىي ئارىلىشىش ئەھۋالى مەۋجۇتمۇ - يوق؟ ئەگەر مەۋجۇت بولسا، قانچىلىك بار؟ دېگەنلەرگە چېتىلىدىغان تەكشۈرۈش قەغىزىنى تارقاتتى، يەنە ئالاقىدار پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، زوۋ بىخۇا كەسپىي ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر ساھەنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىغا بولغان ئورتاق تونۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى يورۇقلۇقنى كۆرۈش، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«بەزى سودىيەلەر ئىنتايىن كۈچلۈك قىياپەتتە تۇرۇۋالىدۇ، ئادۋوكاتنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى كۆپ ئاڭلاشنى خالىمايدۇ؛ بەزى سودىيەلەر سوتتا ئادۋوكاتنىڭ بايانى ۋە پىكرىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىمايدۇ ياكى ئادۋوكاتنىڭ بايانى ۋە پىكرىنى ئۆزىنىڭ ئىچكى تونۇشى بىلەن زىت ھېس قىلغاندا، ئادۋوكاتنىڭ سۆزىنى خالىغانچە بۆلۈۋېتىدۇ... بۇ مەسىلىلەر تۈزىتىلمىسە، جۇڭگونىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشىغا غايەت زور زىيان يەتكۈزىدۇ.» زوۋ بىخۇا ئىلگىرى بىر پارچە ماقالىسىدە ئەنە شۇنداق يازغانىدى.

زوۋ بىخۇا ۋاپات بولۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ئۇ يېتەكچىلىك قىلىپ تۈرتكە بولغان شاڭخەي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادۋوكاتلار دەۋا مۇلازىمەت سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىدى.

زوۋ بىخۇا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» «دەۋر نەمۇنىچىسى» «مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك سودىيە» دەپ تولۇقلاپ شەرەپلىك نام بېرىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سودىيە دېلو سۈپىتىگە ئۆمۈرۋايەت مەسئۇل بولىدىغان قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى؛ سوت قىلىشنى باشقۇرۇش، باھالاش كۈنسېرى ئىلمىيلەشتى، ئىنچىكىلەشتى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتى؛ پۈتۈن جەرياندا قەغەزسىز سوت قىلىش تېخىمۇ كۆپ سوت مەھكىمىلىرىدە دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى؛ تېخىمۇ كۆپ ياش سودىيە خىزمەتتە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلماقتا... قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى «چىراغ ياققۇچى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، زوۋ بىخۇا كەڭ قانۇن يۈرگۈزۈش كادىرلىرىنى ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.