تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قۇربان بولغان «خەلق قەھرىمانى»

غەيرەت مامۇت:

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قۇربان بولغان «خەلق قەھرىمانى»

غەيرەت مامۇتنىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىڭ

شىنجاڭ ساقچى تارىخى سارىيىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، ساقچى فورمىسى كىيگەن بىر خەلق ساقچىسىنىڭ يېرىم ھەيكىلىگە ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن كىشىلەر ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈۋاتاتتى. ئۇنىڭدا خاتىرىلەنگىنى ھاياتى ئارقىلىق بىر جاينىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قۇربان بولغان «خەلق قەھرىمانى» غەيرەت مامۇت ئىدى.

غەيرەت مامۇت 1969 - يىلى 10 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ گۇما ناھىيەسىدىن. ئۇ 1989 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ خەلق ساقچى مەكتىپى(ھازىرقى شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنى)نى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، 1994 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ناھىيە بازارلىق ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى، ساقچىخانا باشلىقى، كۆكتېرەك ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى، گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، غەيرەت مامۇت ساقچىلىققا كىرگەن چاغدا بەرگەن قەسىمىنى باشتىن - ئاخىر ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم، ئىستىلدا باتۇر، قەيسەر، خىزمەتتە ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولغان.

غەيرەت مامۇت بىلەن 13 يىل بىللە ئىشلىگەن گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى مۇتەللىپ مەمەت ھەر قېتىم ئۇنى ئەسلىگىنىدە، چىن كۆڭلىدىن قايىل بولىدۇ ۋە ياد ئېتىدۇ: «مېنى ئۇ يېتىشتۈرۈپ چىققان، ئۇ ھەرقانداق خىزمەتنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەيتتى، ھەمىشە ئاتاكىدا ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ، ھەممە جايدا ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، دېلونى ئادىل بىر تەرەپ قىلاتتى، ياش ئىزباسارلارغا كۆيۈنەتتى ھەم سەۋرچانلىق بىلەن تەلىم بېرەتتى».

2013 - يىلى، بىر قېتىملىق تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان چاغدا، غەيرەت مامۇت خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ بىرلىكتە زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇر يوشۇرۇنۇۋالغان ئۆيگە كىردى. بۇلۇڭدىكى بىر ئىشكاپ ئۇنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ جىددىي ھالدا كۆپچىلىكنى «تەگمەڭلار!» دەپ ئەسكەرتتى، لېكىن بۇ چاغدا ئىشكاپنىڭ ئىشىكىنى بىر خەلق ساقچىسى ئاچقانىدى. زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇر قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ، ئىشكاپتىن سەكرەپ چىقىپ قىڭراق كۆتۈرۈپ بۇ خەلق ساقچىسىنى چاپماقچى بولغاندا، غەيرەت مامۇت كەسكىنلىك بىلەن ئوق چىقىرىپ ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

«دۈشمەنگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك، خەلق ئاممىسىنى ھەقىقىي سۆيۈش كېرەك.» بۇ، غەيرەت مامۇتنىڭ دائىم دەيدىغان سۆزى ئىدى.

2015 - يىلى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سائەت 9دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، گۇما ناھىيەسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىدى، كۆكتېرەك يېزىسىدا 4000 ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئامما ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. غەيرەت مامۇتنىڭ ئۆيى كۆكتېرەك يېزىسىدا بولسىمۇ، ئۇ ئۆيىگە بېرىپ قاراپ بېقىشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى. يەر تەۋرىگەن كۈنى، ئۇ خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ خارابىلىكتىن 20دىن ئارتۇق ئاممىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى، 5000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىنى تارقاقلاشتۇردى، ئاممىنىڭ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى مال - مۈلكىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، خوتۇنى ماھىنۇر نىزامىدىننىڭ ئۈچ بالىسى بىلەن زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيىنى تازىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خىجىللىق بىلەن خوتۇنىغا: «مەن ياخشى قىلمىدىم، سىزنى جاپاغا قويدۇم» دېدى.

ساقچى بولغاندىن بۇيان، غەيرەت مامۇت 13 قېتىم مۇنەۋۋەر مەمۇر، ئىلغار شەخس، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالانغان، شەرەپ بىلەن بىر قېتىم شەخسىي 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، بەش قېتىم شەخسىي 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، 2010 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى تەرىپىدىن «پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە خەلق رازى بولغان ساقچىخانا باشلىقى» بولۇپ باھالانغان.

2016 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، غەيرەت مامۇت ئەترەتنى باشلاپ گۇما ناھىيەسىنىڭ بىر كەنتىدىكى قاقاسلىققا يوشۇرۇنۇۋالغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى A دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان قېچىپ يۈرگۈچى، پارتلاتقۇچ ياساش شايكىسىنىڭ كاتتىبېشى ئاXنى تۇتماقچى بولغان. ئۇ خەلق ساقچىلىرى بىلەن مۇھاسىرىنى تارايتىپ، زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرنى بىر چاتقاللىقتىكى ئۆڭكۈردە قورشىۋېلىپ تۇتماقچى بولۇۋاتقان چاغدا، قاچىدىغان يولى قالمىغان زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇر تۇيۇقسىز ئۆزىنى قوشۇپ ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلىدە ھۇجۇم قوزغىغان. «يوشۇرۇنۇڭلار!» غەيرەت مامۇت يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراش بىلەن تەڭ قورالىنى چىقىرىپ ئوق چىقارغان. پارتلاش ئاۋازى بىلەن تەڭلا، غەيرەت مامۇت يەرگە يىقىلىپ، يۈز - كۆزى قانغا بويالغان، گەرچە شۇ جايدىكى دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يارىسى زىيادە ئېغىر بولغاچقا، بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ ئاران 47 ياشتا ئىدى.

بىر كۈن ئىلگىرىلا، غەيرەت مامۇت ئۆيىدىن چىقىش ئالدىدا تېخى خوتۇنىغا: ئادەتتە جەم بولۇشىمىز ئاز، ئايرىلىشىمىز كۆپ بولۇۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىلەن ياخشى جەم بولىمەن، دېگەن.

بۇ قېتىمقى خوشلىشىشنىڭ مەڭگۈلۈك خوشلىشىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغانىدى!

غەيرەت مامۇتنىڭ قۇربان بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئۇ ھايات ۋاقتىدا خىزمەت قىلغان كۆكتېرەك يېزىسى ۋە گۇما ناھىيە بازىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۆزلۈكىدىن كېلىپ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇزىتىپ قويدى.

2017 - يىلى 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى غەيرەت مامۇتقا «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەردى. 2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى مېدالى تارقىتىش مۇراسىمىدا، غەيرەت مامۇت پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭغا «خەلق قەھرىمانى» دېگەن دۆلەت شەرەپ نامى بېرىلدى.

2018 - يىلى، غەيرەت مامۇتنىڭ چوڭ قىزى گۈلمىرە غەيرەت داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن دادىسىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يۇرتىدا خەلق ساقچىسى بولدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.