تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى زامانىمىزدىكى «يۈگۇڭ»

ماۋ شياڭلىن:

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى زامانىمىزدىكى «يۈگۇڭ»

بۇ، 2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ۋۇشەن ناھىيەسى جۇشيەن يېزىسى شياجۇاڭ كەنتىدە تارتىلغان ماۋ شياڭلىننىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ چۈەنچاۋ فوتوسى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن گوجوۋ

تۆت ئەتراپى 1000 مېتىرلىق تىك قىيالار بىلەن قورشالغان چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ۋۇشەن ناھىيەسى جۇشيەن يېزىسى شياجۇاڭ كەنتىدە ئىككى قەۋەتلىك بىر مۇزېي بار بولۇپ، ئۇنىڭدا شياجۇاڭلىقلارنىڭ تاغ ئېچىپ يول ياسىغاندىكى ئەسلىمىسى ساقلانغان.

چىنبا تاغلىق رايونىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان شياجۇاڭ كەنتى «ئازگال كەنت» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىلگىرى، تۆت تەرەپتىكى تىك قىيا خۇددى ھالقىپ ئۆتۈش تەس بولغان ئېگىز تامغا ئوخشاش، شياجۇاڭلىقلارنى ئىچىگە مەھكەم قاپسىۋالغانىدى. 400گە يېقىن كەنت ئاھالىسى ئىچىدە، يېرىمغا يېقىن ئادەم بىر ئۆمۈر تاغدىن چىقىپ باقمىغانىدى.

1997 - يىلى ماۋ شياڭلىن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى، ئۇ تاغدىن چىقىش يولى ياساشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«بىز ئىزچىل نامرات بولۇپ ئۆتسەك بولمايدۇ!» كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا ئۇ كۆپچىلىككە ئىلھام بېرىپ مۇنۇلارنى دېدى: «تاغ بىر چى تېشىلسە بىر چى كېڭىيىدۇ، يول بىر جاڭ ياسالسا، بىر جاڭ ئۇزىرايدۇ. يولنى بۇ ئەۋلاد ياساپ بولالمىسا، كېيىنكى ئەۋلادلار داۋاملىق ياسايدۇ، تاتىلاپ بولسىمۇ بىر يول چىقىرىشىمىز كېرەك!» يىغىندا ماۋ شياڭلىن باشلامچىلىق بىلەن «ھايات - ماماتلىق خېتى» ئىمزالاپ، «يول ياسالمىغۇچە ھەرگىز بولدى قىلماسلىق» توغرىسىدا قەسەم بەردى.

يول ياساش تەسەۋۋۇر قىلغاندىن خېلىلا تەس ئىدى. تۆت ئەتراپى تىك قىيا بولۇپ، پۇتنى قويىدىغان جاي تېپىش ناھايىتى تەس ئىدى، يۈرەكلىكرەك كىشىلەر بېلىگە ئۇزۇن ئارغامچا باغلاپ سېۋەتتە تۇرۇپ نەچچە يۈز مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىك يارنىڭ يېنىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ، پارتلىتىش دورىسى سالىدىغان تۆشۈك تېشىپ، ئالدى بىلەن پۇت دەسسەپ تۇرغۇدەك بىر پارچە يەرنى پارتلىتىپ چىقىرىپ، ئاندىن جوتۇ، پولات سۈمبە ۋە بازغان بىلەن تاشلارنى بىر پارچە - بىر پارچىدىن قېزىپ چىقاردى.

«تۆۋەندىكىسى 10 مىڭ جاڭ كېلىدىغان تىك يار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈستىدىن تاش پارچىلىرى چۈشۈپ تۇرىدۇ. ماۋ شۇجى بىرىنچى بولۇپ ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، خەتەرنى ئېنىقلىدى، بېلىگە ئارغامچا چەگدى، پۇقرالارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنگە چۈشتى» دېدى ئەينى يىلى يول ياساشقا قاتناشقان كەنت ئاھالىسى ياڭ يۈەندىڭ.

بۇ يولنى ياساش يەتتە يىل داۋاملاشتى، بۇ جەرياندا ئالتە كەنت ئاھالىسى يول ياساش ئۈچۈن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.

كەنت ئاھالىسى خۇاڭ خۇييۈەننى دەپنە قىلىش مۇراسىمىدا، ماۋ شياڭلىن ئاۋازى تىترىگەن ھالدا كۆپچىلىكتىن مۇنداق سورىدى: «ئەگەر يەنە ياساۋەرسەك، يەنە ئادەم ئۆلۈشى مۇمكىن. بۈگۈن كۆپچىلىك ئىپادە بىلدۈرۈڭلار، بۇ يولنى زادى ياسامدۇق - ياسىمامدۇق؟»

«ياسايمىز!» دېدى بىرەيلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا. ئىنكاس قايتۇرغان كىشى دەل خۇاڭ خۇييۈەننىڭ دادىسى خۇاڭ يىكۈن ئىدى.

نەق مەيداندىكى بارلىق كىشىلەر قولىنى كۆتۈردى.

2004 - يىلى ئۇزۇنلۇقى سەككىز كىلومېتىر، كەڭلىكى ئىككى مېتىر كېلىدىغان يەر ھەيدەيدىغان تىراكتور ماڭالايدىغان يول ئاخىر تىك قىيادا ياسالدى!

«يولدا قاتناش باشلانغان كۈنى، ماۋ شۇجى بىر ئاپتوموبىل تېپىپ كېلىپ، يولدا باشتىن - ئاخىرغىچە بىر قېتىم مېڭىپ چىقتى. بىز پۈتۈن كەنتتىكىلەر ئاپتوموبىلنىڭ كەينىدىن بىر قېتىم مېڭىپ چىقتۇق» كەنت ئاھالىسى پېڭ رېنسۇڭ مۇنداق دېدى: ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ بارغاندا، ماۋ شياڭلىن يىغلاپ كەتتى، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغلاپ كەتتى.

كېيىن، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شياجۇاڭ كەنتىدىكى يوللارنى كېڭەيتتى، قاتتىقلاشتۇردى، پۇختىلىدى ھەم مۇھاپىزەت رېشاتكىسى ئورناتتى. شياجۇاڭ كەنتىدىن ناھىيە بازىرىغا بارىدىغان ۋاقىت ئىلگىرىكى ئىككى كۈندىن بىر يېرىم سائەت ئەتراپىغا قىسقاردى.

2004 - يىلى يولدا قاتناش باشلانغاندا، شياجۇاڭ كەنتى تېخى «نامراتلىق قالپىقى»نى كىيىۋاتقان بولۇپ، كۆپ ساندىكى كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا نامراتلىق سىزىقىنىڭ تۆۋىنىدە ئىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئۈچۈن، پەقەت يولغىلا تايىنىشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقى، تۈزۈكرەك كەسىپ بەرپا قىلىش كېرەكلىكى ماۋ شياڭلىننىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى.

ئۇ يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، شياجۇاڭ كەنتىنىڭ تۇپرىقى، كىلىماتى، نۇر چۈشۈشى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ باھالاپ، ئەڭ ئاخىرىدا گەنجۈ، شاپتۇل، تاۋۇزدىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۈچ چوڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بېكىتتى. ناھىيەمۇ مېۋىلىك دەرەخ تىكىش تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەۋەتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى قولمۇقول تەربىيەلىدى.

بىر نەچچە يىل كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن كەنتتىكى 650 مودىن ئارتۇق يەردىكى گەنجۈ كەسپىدە دەسلەپكى نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈلدى. 2015 - يىلى، شياجۇاڭ كەنتى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى؛ 2020 - يىلى، پۈتۈن كەنتنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 13 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ماۋ شياڭلىن بېيجىڭ خەلق سارىيىغا كىردى. ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

«بۇ شەرەپكە ئېرىشىپ زىممەمدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشغانلىقىنى ھېس قىلدىم، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ يۇرتداشلارغا جاۋاب قايتۇرىمەن» دېدى ماۋ شياڭلىن.

كەنتكە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى يېڭى كەسىپلەرنى پىلانلىدى: كەنتنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ساياھەت كۈتۈۋېلىش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئەينى يىلدىكىگە ئوخشاش، شياجۇاڭ كەنتى يەنە كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ئاچتى. كەنت ئاھالىلىرى بۇ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يەنە بىر قېتىم: «بېيىمىغۇچە ھەرگىز بولدى قىلمايمىز!» دەپ قەسەم بەردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چۇڭچىڭ، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.