تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئارالنى قوغدىغانلىق دۆلەتنى قوغدىغانلىق

ۋاڭ جىسەي، ۋاڭ شىخۇا ئەر - خوتۇن:

ئارالنى قوغدىغانلىق دۆلەتنى قوغدىغانلىق

ۋاڭ جىسەي (1960 - 2018)، ۋاڭ شىخۇا ئەر - خوتۇن. (ماتېرىيال سۈرەت) □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چيۇ بىڭچىڭ

يېقىندا، «ئارال قوغدىغۇچى» ناملىق كىنو پۈتۈن مەملىكەتتە ئاشكارا قويۇلدى. فىلىمدە «خەلق نەمۇنىچىسى» يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن ماتېرىيال ئېلىنغان بولۇپ، ۋاڭ جىسەي، ۋاڭ شىخۇا ئەر - خوتۇننىڭ 32 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ كەيشەن ئارىلىنى قوغدىغانلىقىدەك ھەقىقىي ھېكايىسى چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، ئەر - خوتۇنلۇق مېھرى، ئاتا - بالىلىق مېھرى، سەپداشلىق مېھرى ئىپادىلىنىپ، «ئارالنى قوغدىغانلىق دۆلەتنى قوغدىغانلىق»تىن ئىبارەت ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىنغان.

ۋاڭ جىسەي ھايات ۋاقتىدا جياڭسۇ ئۆلكىسى گۇەنيۈن ناھىيەسىنىڭ كەيشەن ئارىلىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى قاراۋۇلخانىسىنىڭ قاراۋۇلخانا باشلىقى ئىدى. 1986 - يىلى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ھەربىيلەرگە رىشتە باغلىغان ۋاڭ جىسەي ۋاڭ شىخۇادىن يوشۇرۇنچە، كەيشەن ئارىلىغا بېرىپ نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان «جاپالىق ئىش»نى قوبۇل قىلدى. كەچ كىرىشى بىلەنلا، ئارالغا ھۇجۇم قىلغان شىددەتلىك بوران ئادەمنىڭ يۈز - كۆزىگە ئۇرۇلاتتى. ئۇ ئارالغا چىقىشتىن بۇرۇن، تۆت تۈركۈمدە ئون نەچچە خەلق ئەسكىرى ئارالنى قوغداشقا كەلگەنىدى، ئەڭ ئۇزاق تۇرغىنى 13 كۈنلا تۇرالىغانىدى.

8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ۋاڭ شىخۇا كەيشەن ئارىلىغا چىقىپ، «يوقاپ كەتكەن» ئېرىنى ئىزدىدى، نەتىجىدە ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن، پۈتۈن بەدىنى سېسىق پۇرايدىغان بىر «ياۋا ئادەم»نىلا تاپتى. «باشقىلار قوغدىمىسا، بىزمۇ قوغدىمايمىز!» دېدى ۋاڭ شىخۇا ئېرىگە.

قۇرۇقلۇققا 12 دېڭىز مىلى كېلىدىغان كەيشەن ئارىلى ۋەتىنىمىزنىڭ دېڭىزدىكى شەرقىي دەرۋازىسى. بۇ كىچىك ئارال ئىككى پۇتبول مەيدانىچىلىكلا چوڭلۇقتا ئىدى، ئۇرۇش مەزگىلىدە خۇاڭخەي دېڭىزىدىكى جەزمەن ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئىستراتېگىيەلىك ئالدىنقى قاراۋۇلخانا، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، جەزمەن ئادەم قوغدىشى كېرەك ئىدى. «كېتىدىغان ئىش بولسا ئۆزۈڭ كەت، مەن قېلىشنى قارار قىلدىم!» ۋاڭ جىسەي خوتۇنىنى كېمىگە چىقىرىپ قويدى.

بىر ئاي بولماي تۇرۇپلا، ۋاڭ شىخۇا ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، قىزىنى قېيىنئانىسىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، بوپىسىنى ئېلىپ يەنە ئارالغا چىقتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ۋاڭ جىسەي ئارالنى قوغدىدى، ۋاڭ شىخۇا ۋاڭ جىسەينىڭ ئاخىرقى نەپسىگىچە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. 32 يىل، بىر سۇ كۆلچىكى، ئۈچ كۈچۈك، تۆت ماياك، بوران ئىگىۋەتكەن نەچچە ئون تۈپ كۇلەن دەرىخى، بايراق چىقىرىشتا ئىشلىتىلگەن 200 نەچچە كونىراپ كەتكەن دۆلەت بايرىقى ئۇلارنىڭ ئارالنى قوغدىغان يىللىرىنى تەشكىل قىلغانىدى.

ۋاڭ جىسەي ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ھەر كۈنى قىلىدىغان تۇنجى ئىشى ئارالدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق چىقىرىش ئىدى.

ھېچكىم ئۇلارغا بايراق چىقىرىشنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، ۋاڭ جىسەي بۇ ئارالدا دۆلەت بايرىقى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قاراپ: «دۆلەت بايرىقى چىقىرىش پۈتۈن دۇنياغا بۇ يەرنىڭ جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى، ھېچكىمنىڭ بىزنى بوزەك قىلىشنى ئويلىماسلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر!» دېگەن.

بىر قېتىم تەيفېڭ بورىنى ھۇجۇم قىلغاندا، ۋاڭ جىسەي دۆلەت بايرىقىنى قوغداش ئۈچۈن، قۇرۇق دەسسەپ سېلىپ 17 پەلەمپەيدىن دومىلاپ چۈشۈپ، ئىككى قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قولى بىلەن ئاشۇ دۆلەت بايرىقىنى باغرىغا مەھكەم بېسىپ تۇرغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئارالنى قوغداۋاتقىنىمغا ئۇزاق يىل بولدى، كەيشەن ئارىلى مېنىڭ ئۆيۈم، مۇبادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە راستلا ماڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، مېنى ئارالغا كۆمۈڭلار، دۆلەت بايرىقىغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولاي!»

كەيشەن ئارىلى تاش تاغ بولۇپ، تاغنىڭ ئۈستىدە سۇ، توك، ئاشلىق يوق، پەقەت بىر نەچچە ئېغىز كونا گازارما بار ئىدى. شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئارالدا ياشاش بەك تەس بولۇپ، ئۇنى قوغداش تېخىمۇ تەس ئىكەن. ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن بەل قويۇۋەتمىدى. سۇ بولمىغاندا، ئۇلار سۇ كۆلچىكىگە يىغىپ قويغان يامغۇر سۈيىنى ئىچتى؛ توك بولمىغاندا، ئۇلار كېچىسى شام ياندۇردى؛ ئاشلىق بولمىغاندا، ئۇلار ئارالدا كۆكتات تېرىدى، بېلىق تۇتتى، چوڭ قىزىنى قىرغاقتىكى «تەمىنات ئەترەت باشلىقى» قىلىپ، سېتىۋالغان نەرسە - كېرەكلەرنى بېلىقچىلارغا پات - پات ئالغاچ كېلىشكە ھاۋالە قىلدى...

ئارالدىكى ئائىلىنى قەيسەرلىك بىلەن ساقلاپ قالدى، قىرغاقتىكى ئائىلىنىمۇ مىڭبىر جاپادا قوغداپ قالدى. ۋاڭ جىسەي ئەر - خوتۇن ئارالدا بولغاچقا، ئۈچ بالىسى قىرغاقتا قېلىشقا مەجبۇر بولدى. بىر ياز كېچىسى، ئىسرىقتىن پاشىلىققا ئوت تۇتىشىپ كېتىپ، ئۈچ بالا كۆيۈپ يارىلانغىلى تاس قالدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ۋاڭ جىسەينىڭ يۈرىكى پىچاق بىلەن تىلغاندەك بولدى، لېكىن ئۇ چىشىنى چىشلەپ يەنىلا ئارالدىن ئايرىلمىدى. ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا: ئارالنى قوغدىغانلىق دۆلەتنى قوغدىغانلىق، ئارالنى قوغداشمۇ ئائىلىنى قوغدىغانلىق ئىدى.

ھېچكىم ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننى ئارالنى ئىزچىل قوغداشقا بۇيرۇق قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىر قېتىممۇ ئايرىلىشنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. ئاشۇ 30 نەچچە يىل ئىچىدە، نۇرغۇن ئېزىقتۇرۇش ۋە پۇرسەتلەر بولدى. ئەتكەسچىلەر ۋاڭ جىسەي بىلەن پايدىنى تەڭ بۆلۈشمەكچى بولدى، كاتتىباشلار ئۇنىڭغا تەھدىت سالدى، ئېزىقتۇرغان، ئۇرۇپ - تىللىغان بولسىمۇ، ئۇ تەۋرىنىپ قالمىدى؛ قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەۋجىگە چىققان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بېيىتقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ يەردىن ئايرىلمىدى...

يىلمۇ يىل ئارالنى قوغداش، «مۇددىتى بار ۋەزىپە» «ئۆمۈرلۈك بۇرچ»قا ئايلاندى.

2018 - يىلى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ھاردۇق يېتىپ ئاغرىقچان بولۇپ قالغان پېشقەدەم خەلق ئەسكىرى ۋاڭ جىسەي كەيشەن ئارىلىنىڭ پەلەمپىيىدە يىقىلىپ قالدى. ۋاڭ جىسەيگە «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دېگەن نام تولۇقلاپ بېرىلدى، 2019 - يىلى «خەلق نەمۇنىچىسى» دېگەن دۆلەت شەرەپ نامى بېرىلدى. ۋاڭ جىسەي، ۋاڭ شىخۇا ئەر - خوتۇن «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» «دەۋر نەمۇنىچىسى» «مەملىكەتلىك ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ئۈلگىسى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.

ئۇ يىقىلغان جايدا، خوتۇنى ۋاڭ شىخۇا بىلەن يېڭى كەلگەن خەلق ئەسكەرلەر ئارالنى يەنىلا چىڭ تۇرۇپ قوغدىماقتا.

42 ياشلىق يەن بىڭ 3 - تۈركۈمدىكى ئارالنى قوغداۋاتقان خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ بىرى. «ۋاڭ جىسەينىڭ ئارالنى، ۋەتەننى قوغدىغانلىقىدىن ئىبارەت تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى بىزنىڭ شۇ جايدا ناھايىتى زور تەسىر قوزغىدى، مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم، شۇنىڭ بىلەن ئارالنى قوغداشقا تىزىملاتتىم.» يەن بىڭ مۇنداق دېدى: ئارالدا ۋاڭ جىسەي ئەر - خوتۇننىڭ يالغۇزلۇق ۋە زېرىكىشلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم، ئۇلارنىڭ قەلبىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، داۋاملاشتۇرۇش تۇيغۇسى بولغاچقا، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئارالنى چىڭ قوغدىغان.

2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئارالغا چىققاندىن باشلاپ، ھەر قېتىم دۆلەت بايرىقى چىقىرىلغاندا، يەن بىڭ «ئارالنى قوغدىغانلىق دۆلەتنى قوغدىغانلىق» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتى: «ۋاڭ جىسەينىڭ ئاياغ ئىزىنى بېسىپ، ئۇنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدىن ئۆگىنىپ، كەيشەن ئارىلىنى ياخشى قوغدايمەن».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.