تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تاغلىق قىزلارنىڭ ئارزۇسىنى يورۇتقان «مەكتەپ مۇدىرى ئانا»

جاڭ گۇيمېي:

تاغلىق قىزلارنىڭ ئارزۇسىنى يورۇتقان «مەكتەپ مۇدىرى ئانا»

جاڭ گۇيمېي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە. (2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تارتىلغان) □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شىنبو فوتوسى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى پاڭ مىڭگۇاڭ، جوۋ لېي، سۇڭ چېن

يېقىندا، يۈننەن لىجياڭدىكى خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 3 - يىللىقىدىكى 150 ئوقۇغۇچى مەكتەپ مۇدىرى جاڭ گۇيمېينىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەيدانىغا باردى.

شۇنداق قىلىپ، جاڭ گۇيمېي يەنە بىر قارار ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزىتىپ قويدى.

جاڭ گۇيمېي 1957 - يىلى تۇغۇلغان، 1975 - يىلى ئۈچ لىنىيە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ خېيلۇڭجياڭدىن چىگرا رايونلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يۈننەنگە كەلگەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دالى شىجوۋ 1 - ئوتتۇرا مەكتىپى، خۇاپىڭ ناھىيەلىك مەركىزىي ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر يۈننەن لىجياڭدىكى خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر، خۇاپىڭ ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى(خۇاپىڭ بالىلار ئائىلىسى)نىڭ باشلىقى.

چېگرا رايون مائارىپىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۆپ يىل يىلتىز تارتقان جاڭ گۇيمېي ئىلگىرى نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى ياكى جىنسىي كەمسىتىش سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، كۆڭلىدە ھەقسىز قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇش ئارزۇسى پەيدا بولغانىدى. 2008 - يىلى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياردىمىدە، جاڭ گۇيمېي مەملىكەت بويىچە تۇنجى ھەقسىز قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى − يۈننەن لىجياڭ خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى تۈرتكە بولۇپ قۇردى.

خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغاندىن بۇيان، جاڭ گۇيمېي ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، بارلىق زېھنىنى ئوقۇغۇچىلارغا قاراتتى. 13 يىلدىن بۇيان، خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدىن 1800دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. جاڭ گۇيمېي مېھىر - مۇھەببىتى ۋە ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق مىڭلىغان تاغلىق قىزلارنىڭ كىشىلىك ھايات ئارزۇسىنى يورۇتتى، ئوقۇغۇچىلار ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «جاڭ ئانا» دەپ ئاتىدى.

ھەر يىلى قىشلىق، يازلىق تەتىل نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن تېپىلغۇسىز ئارام ئېلىش مەزگىلى بولسىمۇ، ئەمما جاڭ گۇيمېي ئەزەلدىن ئارام ئالمايتتى. قىشلىق، يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە ئائىلە زىيارىتىگە بېرىش جاڭ گۇيمېينىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادىتى ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تاغلىق رايوندىكى يېزىلاردىن كەلگەن، ئائىلە شارائىتى ئومۇميۈزلۈك بىرقەدەر ناچار، «تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3 - يىللىقى داشۆ ئىمتىھانىغا كۈچەيدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاقىت، مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىشىم كېرەك».

خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جاڭ گۇيمېي جەمئىي 1500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىگە ئائىلە زىيارىتىگە باردى، قەدەم ئىزى لىجياڭ شەھىرىدىكى بىر رايون، تۆت ناھىيەنى قاپلىدى.

بۇ يىل قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، خۇاپىڭ ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىنىڭ باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەۋاتقان جاڭ گۇيمېي چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى ۋە چاغاننىڭ 1 - كۈنى پاراۋانلىق ئورنىدىكى 20 نەچچە يېتىم بالىغا ھەمراھ بولۇپ چاغاننى بىللە ئۆتكۈزدى، قالغان ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى ئائىلە زىيارىتىگە ئىشلەتتى. قىشتىكى لىجياڭ تاغلىق رايونىدا تاغ ئېگىز، يول يىراق، ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق ئىدى، ئۇ لىجياڭ شەھىرىنىڭ خۇاپىڭ ناھىيەسى، نىڭلاڭ ناھىيەسى، يۇڭشېڭ ناھىيەسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى 104 ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا، جاڭ گۇيمېي ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقاچقا ئۆيىگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزەلمىگەنلىكىنى بايقاپ، بۇ ئۈچ ئوقۇغۇچىنى پاراۋانلىق ئورنىغا ئېلىپ كېلىپ ئۇلار بىلەن بىللە چاغان ئۆتكۈزدى.

يېشى 60 تىن ئاشقان جاڭ گۇيمېي كۆپ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغاچقا، ھەر كۈنى نۇرغۇن دورا ئىچەتتى، بارماق، بىلەك، بوينىغا ئاغرىق توختىتىش چاپلىقى چاپلايتى. ئۇنى خۇشال قىلغىنى شۇكى، بارغانسېرى كۆپ ياش ئۇنىڭ قولىدىكى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكىنى قولىغا ئېلىشقا باشلىدى، ئوقۇغۇچىلار مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاشنى ئۆگەندى، بەزى ئوقۇغۇچىلار داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى تۇنجى مائاشىنى ئېلىپ ئانا مەكتىپىگە ئىئانە قىلىپ، تاغلىق رايوندىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بەردى؛ بەزى ئوقۇغۇچىلار خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى...

جوۋ يۈنلى خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى تۇنجى قاراردا پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى، ئەينى چاغدا ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات ئىدى، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى «تاغلىق رايوندىن چىقىپ كۆپ پۇل تېپىش» ئىدى، لېكىن خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ ئويى ئۆزگەردى. 2015 - يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، جوۋ يۈنلى نىڭلاڭ ناھىيە بازىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىندى، لېكىن خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى كەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي ناھىيە بازىرىدىكى خىزمىتىدىن، رەسمىي ئىشتاتىدىن ۋاز كېچىپ، قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچى بولدى، كېيىن رەسمىيلەشتى.

«خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئۈچ يىلدا، بىز بىلىم ئىگىلەپلا قالماي، يەنە جاڭ مۇئەللىمنىڭ خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئۆگەندۇق.» خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى لى مۇنداق دېدى: «مەن جاڭ مۇئەللىمنى ئۈلگە قىلىپ، ئەتراپىمدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئاز - ئازدىن ھەسسە قوشىمەن، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.