تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش

جۇڭ نەنشەن:

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش

سۈرەتتە «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى جۇڭ نەنشەن (2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تارتىلغان). □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شياۋ سىسى، شۈ خۇڭيى

5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، گۇاڭدۇڭدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلدى، كىشىلەر يەنە بىر قېتىم تېلېۋىزوردىن «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جۇڭ نەنشەننىڭ سىيماسىنى كۆردى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا، «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدىكى بۇ تەجرىبىلىك مۇتەخەسسىسنىڭ كۆزىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى، ئۇ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە يۇقۇم ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلدى ھەم ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ بەردى.

«نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش زۆرۈر.» جۇڭ نەنشەن مۇنداق دېدى: «بىز ئىلمىي تەتقىقاتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلىم - پەنگە، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، تارقىلىش ئامىللىرىنى ئانالىز قىلىش، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بۇ بىر مەيدان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتتىق جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز».

جۇڭ نەنشەن 1936 - يىلى 10 - ئايدا دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1955 - يىلى ئىمتىھان بېرىپ بېيجىڭ تېببىي شۆيۈەنىگە ئۆتۈپ، دوختۇرلۇق يولىغا ماڭغان، ھازىر گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا دۆلەت نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرى كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئېغىر نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ھەم سوزۇلما خاراكتېرلىك نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.

2020 - يىلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭ نەنشەن خەتەرلىك پەيتتە بۇيرۇق بويىچە دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ھېچبىر ئىككىلەنمەستىن گۇاڭجوۋدىن ۋۇخەنگە بارىدىغان گاۋتيېغا چىقتى. بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، جۇڭ نەنشەن يەنە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەگەر جىددىي ئېھتىياجى بولمىسا، ۋۇخەنگە بارماسلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

ۋۇخەندە نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بۇ خىل «يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغى»نىڭ «ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇش» ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭ نەنشەن بېيجىڭدا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كەسكىنلىك بىلەن جەمئىيەتكە بۇ ھۆكۈمنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاگاھ سىگنالىنى ياڭراتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۆپ قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئاممىنىڭ گۇمانىنى يېشىپ بېرىپ، بىرىنچى سەپتە «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭى ئۈچۈن ئىشەنچ بېغىشلىدى.

جۇڭ نەنشەن باشتىن - ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە تولۇق ئىشەنچتە بولدى. 2003 - يىلىدىكى «سارس» مەزگىلىدە، ئۇ كۆڭۈل قويۇپ داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ، نۇرغۇن ئاغرىقنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان، ئەڭ ئاخىرىدا گۇاڭدۇڭ پۈتۈن يەر شارى بويىچە «سارس» ئاغرىقلىرىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان؛ ۋۇخەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ تىت - تىت بولۇۋاتقان پەيتتە، ئۇ «ۋۇخەن ئەسلىدىلا ئىنتايىن قەھرىمان شەھەر، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ، كۆپچىلىكنىڭ قوللىشى بولسىلا، ۋۇخەن چوقۇم ئۆتكەلدىن ئۆتەلەيدۇ» دەپ ئۈنلۈك خىتاب قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بەردى.

جۇڭ نەنشەن يەنە 56 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى. 2020 - يىلى 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا تۇنجى تۈركۈمدىكى «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، جۇڭ نەنشەن تەنتەنىلىك ھالدا يېتەكلەپ قەسەم بەردى. «ھازىر دەل پارتىيە ئەزالىرى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ۋاقىت» دېدى ئۇ.

بۇلتۇر، بىر ئالاھىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقى گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىدا سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. بۇ 62 ياشلىق ئاغرىق ئىلگىرى بەدەن سىرتىدا ئوكسىگېنلاش (ECMO) ئۈسكۈنىسىنى ئۇدا 111 كۈن قوشۇمچە ئىشلەتكەن، كانايغا نەيچە كىرگۈزۈپ نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى ئارقىلىق 150 كۈن نەپەسلەنگەن بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارى بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ ساقايتىلغان خەتەرلىك، ئېغىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى ئىچىدە ECMO ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەتكەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق ئاغرىق مىسالى ھېسابلىنىدۇ.

«پەقەت ئازراقلا ئۈمىد بولسا، بىز ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايمىز.» جۇڭ نەنشەن مۇنداق دېدى: «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ روشەن ئاساسىي رېڭى».

قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىللە، جۇڭ نەنشەن باشتىن - ئاخىر خەلقئارا تېببىي تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرىدىن كۆپچىلىكنى تەڭ بەھرىمەن قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭ نەنشەن يېتەكچىلىكىدىكى پەن تەتقىقات كوللېكتىپى تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، كونا دورىلارنى يېڭى ئۇسۇلدا ئىشلىتىش، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ھايۋانات مودېلى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

«يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش يەر شارىۋى ھەمكارلىققا موھتاج.» جۇڭ نەنشەن مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە كەلگۈسىدە پارتلاش ئېھتىمالى بولغان باشقا يۇقۇملار ئالدىدا، ئىنسانلار ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا تېخىمۇ موھتاج.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.