تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دېڭىز ئاسمىنىدا ئارزۇغا ئىنتىلگەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاۋانگارتى

جاڭ چاۋ:

دېڭىز ئاسمىنىدا ئارزۇغا ئىنتىلگەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاۋانگارتى

دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم ئاۋىياماتكا ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ سابىق 1 - دەرىجىلىك ئۇچقۇچىسى جاڭ چاۋ (2016 - يىلى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تارتىلغان). □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ لى يۈن، گو لىڭلىڭ

4.4 سېكۇنت قانچىلىك ئۇزاق؟ ئۇزاق دېسەك، پاراشۇت بىلەن سەكرەپ تامامەن ئۆزىنى قۇتقۇزالايتتى. 4.4 سېكۇنت قانچىلىك قىسقا؟ قىسقا دېسەك، 29 ياشلىق دېڭىز ئارمىيەسى شاۋشياۋىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتەتتى.

2016 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى مەشىق بازىسىدا، ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسى جاڭ چاۋ قىرغۇچى − 15 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ھەيدەپ قۇرۇقلۇقتا ئاۋىياماتكىغا تەقلىدىي قونۇش مەشىقىنى ئىجرا قىلىشقا تەييارلاندى.

سائەت 12دىن 59 مىنۇت 11.6 سېكۇنت ئۆتكەندە، مەشغۇلات سىستېمىسى تۇيۇقسىز ئىشلىمەي، ئايروپىلان بېشى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تېز سۈرئەتتە يۇقىرىغا ئۆرلىدى.

سائەت 12دىن 59 مىنۇت 16 سېكۇنت ئۆتكەندە، جاڭ چاۋ ئۇچقۇچى كابىنكىسىدىن ئېتىلىپ چىقتى. ئېتىلىپ چىقىش ئېگىزلىكى بەك تۆۋەن بولغاچقا، ئاساسىي پاراشۇتنى ئېچىشقا مۇمكىن بولماي، ئورۇندۇق ئاجرىمىدى، جاڭ چاۋ بوشلۇقتىن قاتتىق چۈشۈپ كەتتى.

سائەت 15تىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە، جاڭ چاۋنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىدى.

ئۇرۇش ئايروپىلانى سىگنال بېرىشتىن پاراشۇت بىلەن سەكرەپ ئايروپىلاندىن ئايرىلىشقىچە، پەقەت 4.4 سېكۇنتلا بار. قىسقىغىنا 4.4 سېكۇنتتا جاڭ چاۋنىڭ ھەرىكىتى پەقەت بىرلا بولدى، ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئايروپىلان بېشىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈشىنى توستى − ئۇ يەنىلا ئۇرۇش ئايروپىلانىنى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇندى.

2009 - يىلى جاڭ چاۋ «دېڭىز ھاۋا مۇھاپىزەتچىسى» ۋاڭ ۋېي ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىم − نەنخەي ئۇرۇش پاراخوتى ئەترىتى ئاۋىياتسىيە قىسمى مەلۇم تۇەنىگە تەقسىم قىلىنىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلغان. جاڭ چاۋ: «مەن ۋاڭ ۋېينى كۆزلەپ كەلدىم» دېگەنىدى.

قىسىمغا بۆلۈنگەندە، جاڭ چاۋ ھەيدىگەن ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋاڭ ۋېي ئىلگىرى ھەيدىگەن قىرغۇچى − 8Ⅱ بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىدى؛ كېيىن ئۇ يەنە ۋاڭ ۋېي دەۋرىدىكى ئاشۇ بىر ئەۋلاد ئۇچقۇچىلار ھەيدەشنى كۈچلۈك ئارزۇ قىلىدىغان قىرغۇچى − 11B بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ھەيدىگەن.

2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئۇچقۇچى دەي مىڭمېڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن قىرغۇچى − 15 بەلگىلىك ئاۋىياماتكا ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ھەيدەپ، تۇنجى قېتىم لياۋنىڭ ئاۋىياماتكىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇپ قوندى، مۇكەممەل يايسىمان سىزىق جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «ئاۋىياماتكا دەۋرى»نى سۈرەتلەپ بەردى. 2013 - يىلى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاۋىياماتكا ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرى ۋە ئاۋىياماتكىغا قونۇش قوماندانلىرى ئاۋىياماتكا سالاھىيىتى ئېتىراپنامىسىدىن ئۆتتى.

بۇ خەۋەرلەر جاڭ چاۋنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان. ئۇ ئاۋىياماتكا ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرىنى تاللاشقا تىزىملىتىپ قاتنىشىپ ھەم ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ، يەنە جۇڭگودىكى ئەڭ ئىلغار ئاۋىياماتكا ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ھەيدىگەن.

ئاۋىياماتكىغا قونۇشتەك ئاۋىياماتكا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جاڭ چاۋ كۈندىلىك ئۇچۇش مەشىقىنى ئىنتايىن كۆڭۈل قويۇپ جاپالىق قىلغان، نەچچە قېتىم پەۋقۇلئاددە ئەھۋالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تەرەپ قىلغان. دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياماتكا ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن جېڭۋېيسى چى خۇادۇڭ ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بەردى: «جاڭ چاۋ خاسىيەتلىك ئادەم ئەمەس، ئۇ پەقەت ناھايىتى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلدى، ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى».

جۇڭگو ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى تەرەققىيات تارىخىدا جاڭ چاۋ تۇنجى قۇربان بولغان ئۇچقۇچى. خەلق دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ ئۇچقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىشا ئارىلىدىكى خادا تاشلار جاڭ چاۋنىڭ يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالغان جاسارىتىگە گۇۋاھ بولدى، ئۇ ئىلگىرى ئايروپىلاندىن تۇيۇقسىز ماي ئېقىپ كاشىلا كۆرۈلگەن ئەھۋالدا، سوغۇققانلىق، كەسكىنلىك بىلەن ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ھەيدەپ بىخەتەر قونغانىدى. نەنخەيدىكى زۇمرەتتەك دولقۇن ئۈستىدە، جاڭ چاۋ ئىلگىرى كۆپ قېتىم جەڭ مەشىقى قىلىپ ئۇچۇپ، بىرمۇبىر ئۇچۇش ئىزنالىرى ئارقىلىق دۇنياغا «بۇ يەر جۇڭگونىڭ ھاۋا تەۋەلىكى» ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان، جۇڭگولۇقلارغا «بۇ يەرنى بىز قوغدايمىز، خاتىرجەم بولۇڭلار» دېگەنىدى.

جاڭ چاۋ قۇربان بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن جايدىكى ئايروپىلاندا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، ئۇچقۇچى سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ جەسىتىنى ساقلىدى. كۆك ئاسمان جاڭ چاۋ بىلەن خوشلاشقان بولسىمۇ، سانسىزلىغان «جاڭ چاۋ»لار ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇ تېخى ئىشقا ئاشۇرالمىغان ئاۋىياماتكا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەننىڭ دېڭىز ئاسمىنىنى قوغدىدى.

ئەركەك قورقمايدۇ ھەرگىز ئۆلۈم - خەتەردىن، كۆرسىتەيمۇ يۈرەكنى ئېلىپ تېنىمدىن. جۇڭگونىڭ ئاۋىياماتكىدا ئۇچۇش - قونۇشنى تۇنجى بولۇپ تاماملىغان ئۇچقۇچىسى دەي مىڭمېڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى: ئاۋىياماتكا ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، جەزمەن بەزى ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈشكە، جەزمەن بەزى جاپا - مۇشەققەتلەرنى تارتىشقا، تەر ئاققۇزۇشقا، ھەتتا قان ئاققۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ.

جاڭ چاۋ قۇربان بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەرىپىدىن «دېڭىز ئاسمىنىدا ئارزۇغا ئىنتىلگەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاۋانگارتى» دېگەن شەرەپلىك نام تولۇقلاپ بېرىلدى، 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزىنى بېغىشلاش نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى. 2019 - يىلى 1 - ئايدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جاڭ چاۋ پۈتۈن ئارمىيە بويىچە سۈرىتى ئېسىلىدىغان قەھرىمان نەمۇنىچىلار قاتارىغا قوشۇلدى. 2019 - يىلى 9 - ئايدا جاڭ چاۋغا «خەلق قەھرىمانى» دېگەن دۆلەت شەرەپ نامى تولۇقلاپ بېرىلدى.

جاڭ چاۋنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتەك قەتئىي ئېتىقادى، دېڭىزغا تەلپۈنۈپ قۇدرەت تېپىشتەك بۇرچنى زىممىگە ئېلىشى، ئوكيانلارنى باتۇرلۇق بىلەن كېزىشتەك روھىي جاسارىتى، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى يېڭى دەۋر كوممۇنىستلىرى ۋە ئىنقىلابىي ھەربىيلىرىنىڭ ئۈلگىسى ۋە ئۆلچەم خادىسىنى تىكلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.