جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كوللېكتىپى:
ۋەتەن ئۈچۈن جەڭگە ئاتلىنىپ ئالەم بوشلۇقىدا ئىزدىنىش
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گولى
6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، شېنجوۋ 12 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن چاڭجېڭ 2 - نومۇرلۇق F تىپلىق يىراقتىن تىزگىلىنىدىغان 12 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتانىڭ بىرىكمە گەۋدىسى قويۇپ بېرىش رايونىغا يۆتكەپ كېلىندى. بۇ، شېنجوۋ 12 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ پات ئارىدا ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئېلىپ ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ ئۇچىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
بۇ، 2016 - يىلىدىكى شېنجوۋ 11 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى ۋەزىپىسىدىن كېيىن، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ ئالەم بوشلۇقىغا قايتا چىقىشى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوڭ ئەترىتىنىڭ 1998 - يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىجرا قىلغان 7 - قېتىملىق ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
1998 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 14 مۇنەۋۋەر ئۇچقۇچى بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى شەھەرچىسىگە يىغىلدى. ئۇلار ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا يۈزلىنىپ، تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق قەسەم بەردى: «مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇش مەن ئۈچۈن چەكسىز شەرەپ...»
تارىخ بۇ كۈننى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايدۇ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوڭ ئەترىتى رەسمىي قۇرۇلدى. 2010 - يىلى 5 - ئايدا، يەنە يەتتە ئۇچقۇچى شەرەپ بىلەن بۇ تارماق ئەترەتكە قوشۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا ئايلاندى. 2018 - يىلى 5 - ئايدا، 3 - تۈركۈمدىكى كاندىدات ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى تاللاش خىزمىتى باشلاندى، دەسلەپكى تاللاش، قايتا تاللاش، تاللاشنى بېكىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچتىن كېيىن، 2020 - يىلى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان 18 كاندىدات ئالەم ئۇچقۇچىسى (بىر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تاللاپ چىقىلدى، ئۇلار سىستېمىلىق مەشىقلەندۈرۈلگەندىن كېيىن بوشلۇق پونكىتىنى يۈرۈشتۈرۈش باسقۇچىدىكى ھەر قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىگە قاتنىشىدىغان بولدى.
20 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوڭ ئەترىتىدىكى بارلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرى قەلبىگە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى پۈكۈپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىغا تولۇپ، ئالەم قاتنىشى ئارزۇسىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، توققۇز قەۋەت ئاسمانغا چىقىپ ئاينى ئۈزۈشتەك قەيسەر ئىرادىسى ۋە ئالەم بوشلۇقىدا جەڭگە ئاتلىنىشتىن ئىبارەت دەرىجىدىن تاشقىرى قابىلىيىتى بىلەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 14 ئادەم قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا باتۇرلۇق بىلەن چىقىپ، ئالەم بوشلۇقىنى 68 كۈن كېزىپ، 46 مىليون كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالتە قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك دەۋر بايراقدارىغا ئايلاندى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ كىشى دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى بويىچە ئالاھىدە مۇكاپاتقا، تۆت كىشى دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، بىر كىشى ئارمىيەنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بىر كىشى «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 100 شەخس» بولۇپ سايلاندى. 11 ئالەم ئۇچقۇچىسىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەرىپىدىن «ئالەم قاتنىشى قەھرىمانى» «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» دېگەن شەرەپلىك ناملار بېرىلدى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوڭ ئەترىتىگە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەرىپىدىن «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوڭ ئەترىتى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى، بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى شەرەپ بىلەن «1 - ئاۋغۇست مېدالى»غا ئېرىشتى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كوللېكتىپى شەرەپ بىلەن «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار» «دەۋر نەمۇنىچىلىرى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.
بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلغان شانلىق 10 - ئاي − 2003 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 9دا، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئادەملىك ئالەم كېمىسى شېنجوۋ 5 - نومۇر مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، ئالەم ئۇچقۇچىسى ياڭ لىۋېي بىپايان ئالەم بوشلۇقىدىكى تۇنجى جۇڭگولۇق زىيارەتچىگە ئايلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇش ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى.
10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 6دە، ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇپ بىر كۈندىن كېيىن، شېنجوۋ 5 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇش پائالىيىتى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا بويىچە 3 - بولۇپ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن دۆلەتكە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
ئىككى يىلدىن كېيىنكى يەنە بىر ئالتۇن كۈز − 2005 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سائەت 9دا، شېنجوۋ 6 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى فېي جۈنلۇڭ، نيې خەيشېڭ ئالەم بوشلۇقىغا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلدى.
ئوربىتا بۆلۈمچىسىگە تۇنجى قېتىم كىرىش، ئالەم قاتنىشى مېدىتسىنا ئىلمى بوشلۇق تەجرىبە - تەتقىقاتىنى تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىش، بېسىم كىيىمىنى كىيىش - سېلىشنى تۇنجى قېتىم سىناش... شېنجوۋ 6 - نومۇر جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدىكى تۇنجى قېتىملىق كۆپ ئادەم كۆپ كۈندە ئۇچۇش سىنىقىنى ئېلىپ بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەم قاتناشقان بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسىنى ھەقىقىي مەنىدىن تاماملىدى.
2008 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 21دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجوۋ 7 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئالەم ئۇچقۇچىسى جەي جىگاڭ، ليۇ بومىڭ، جىڭ خەيپېڭنى ئېلىپ ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچتى. 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 16دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، جەي جىگاڭ دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان «فېيتيەن» بۆلۈمچە سىرتى ئالەم قاتنىشى كىيىمىنى كىيىپ، ليۇ بومىڭنىڭ ياردىمىدە بۆلۈمچە ئىشىكىنى ئېچىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ بىپايان ئالەم بوشلۇقىدىكى تۇنجى قەدىمىنى باستى، دۆلىتىمىز شۇنىڭدىن باشلاپ دۇنيا بويىچە بۆلۈمچىدىن چىقىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن ئۈچىنچى دۆلەتكە ئايلاندى.
2012 - يىلى 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 18دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجوۋ 9 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى جىڭ خەيپېڭ، ليۇ ۋاڭ ۋە دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى ليۇ ياڭنى ئېلىپ ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ ئۇچتى. 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ليۇ ۋاڭ ئالەم كېمىسىنى باشقۇرۇپ 140 مېتىر يىراقلىقتىكى تيەنگۇڭ 1 - نومۇرغا يېقىنلىشىپ، ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىشنى قولدا كونترول قىلىشنىڭ تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا بويىچە ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىش تېخنىكىسىنى پۈتۈنلەي مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىگەن ئۈچىنچى دۆلەتكە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
2013 - يىلى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سائەت 17دىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجوۋ 10 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى نيې خەيشېڭ، جاڭ شياۋگۇاڭ، ۋاڭ ياپىڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئېلىپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقتى. ئوربىتىدا ئۇچۇش مەزگىلىدە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە يۈزلەنگەن جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىملىق ئالەم بوشلۇقىدا دەرس ئۆتۈش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى.
2016 - يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭجېڭ 2 - نومۇرلۇق F تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ كۆتۈرۈشىدە، ئالەم ئۇچقۇچىسى جىڭ خەيپېڭ، چېن دۇڭ شېنجوۋ 11 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ ئۇچتى ھەم تيەنگۇڭ 2 - نومۇرلۇق بوشلۇق تەجرىبىخانىسى بىلەن ئاپتوماتىك ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ باردى. ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى تيەنگۇڭ 2 - نومۇر بىلەن شېنجوۋ 11 - نومۇرنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى ئىچىدە 30 كۈن تۇرۇپ، بىر قاتار بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسى ۋە تېخنىكىلىق سىناقلارنى تاماملاپ، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇش ۋاقتى بويىچە يېڭى رېكورتنى ياراتتى...
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش تارىخىي سەھىپىسىدە، ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچقان باتۇرلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئىزدىنىشى مۇقەررەركى ئەڭ قالتىس سەھىپىنىڭ بىرى بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)