تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

​«100 يىللىق شانلىق مۇساپە، ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلاپ گۈللىنىشكە يۈزلىنىش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە»

خەلق گېزىتىدە رېن جۇڭپىڭنىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ​

«100 يىللىق شانلىق مۇساپە، ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلاپ گۈللىنىشكە يۈزلىنىش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەلق گېزىتىدە رېن جۇڭپىڭنىڭ «100 يىللىق شانلىق مۇساپە، ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلاپ گۈللىنىشكە يۈزلىنىش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە» تېمىلىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بىپايان جۇڭگو زېمىنىدا، ھەممىلا جايدا قىزىل كوردىنات قەد كۆتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەيۋەتلىك ئەسىر مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى −

شاڭخەي شىڭيې يولى، جېجياڭنىڭ جياشىڭدىكى نەنخۇ كۆلى، بۇ جايلاردا ئىلگىرى ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىپ، ھەممىلا جايدا گۈلدۈرماما ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. «پارتىيەمىزنىڭ بارلىق تارىخى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1 - قۇرۇلتىيىدىن باشلانغان، بىز قانچە يىراققا ماڭساقمۇ كەلگەن يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك».

خېبېي پىڭشەندىكى شىبەيپو، بېيجىڭ شياڭشەندە ھەربىي يۈرۈش بۇرغىسى چېلىنىپ، يېڭى جۇڭگوغا ئۇل سېلىندى. «تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى كونا بىر دۇنيانى بۇزۇپ تاشلاشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، بەلكى يېڭى بىر دۇنيانى قۇرۇپ چىقىشقىمۇ ماھىر».

گۇاڭدۇڭ شېنجېندا تاغ ئېچىش زەمبىرىكىنىڭ كۈچلۈك ئاۋازى ئاڭلاندى، بوز يەر ئاچقۇچى كالا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيەمىزنىڭ تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئويغىنىش، دەل مۇشۇ ئۇلۇغ ئويغىنىش يېڭى دەۋردە نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكىچە بولغان ئۇلۇغ ئىجادىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى».

100 يىللىق بوران - چاپقۇن ۋە داۋالغۇشنى ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «100 يىللىق داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا، پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ يولنى ئېچىپ، ئۇلۇغ تۆھپە يارىتىپ، ئۇلۇغ روھنى تاۋلاپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى».

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تارىخ ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشى داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قان - تەر تۆكۈپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش، ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقىچە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا قەدەم تېز، پۇختا ئېلىندى؛ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە» ئىستىلنى ئۆزگەرتىشتىن «يولۋاسقىمۇ زەربە بېرىش» «چىۋىنگىمۇ زەربە بېرىش»تىن ئىبارەت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقىچە، پارتىيە ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىنىپ، ئاساس پۇختىلاندى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقىچە، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى سىجىل ياخشىلاندى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقىچە، دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە بارغانسېرى يېقىنلاشتى؛ يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىش، كەلكۈن پەللىسىگە قارشى كۈرەش قىلىشتىن كىرىزىسنى تۈگىتىش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشقىچە، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇردى... پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. «بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىدۇق»، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىز تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار!

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئۇچقۇن چوڭ يانغىنغا، تامچە سۇلار بىرلىشىپ چەكسىز دېڭىزغا ئايلاندى.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈچ چوڭ ئابىدىگە ئايلاندى. تاغ - دەريالار ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل تۈسكە كىردى، يىللار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە چىڭ تايىنىپ، قاتمۇقات توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئارقا - ئارقىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، دۇنيا ئۈچۈن تارىخ سەھىپىسىدە چاقنىغان ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى ياراتتى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇلتۇزلار يول ماڭغۇچىلارغا ھەمراھ، تارىخ كۈرەش قىلغۇچىلارغا مەنسۇپ. 100 يىلدىن بۇيان، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ تارىخ ئېقىمىدا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەزەلدىن كۈرەش قەدىمىنى توختىتىپ قويمىدى. پارتىيە قۇرۇلغان مىسلىسىز كاتتا ئىشتىن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشكىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ جاھاننى زىلزىلىگە سېلىشىغىچە، يەنە يېڭى دەۋردە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىشقىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، ئىلمىي سوتسىيالىزم 21 - ئەسىردە يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، جۇڭخۇا مىللىتى يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يول بىر ئوبرازلىق ئوي بولۇپ، ھەم يۆنىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ، ھەم ئۇسۇلدىن دېرەك بېرىدۇ. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ، يول يوق يەرلەردە بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن مېڭىپ، ئۆزىنىڭ يولىنى ئاچتى. بۇ يولدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەۋقەنى جۇڭگو زېمىنىغا قويۇپ، سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە قاراپ ئىلگىرىلىدى، بىر خىل يېڭى جەمئىيەت ئەمەلىيىتى، بىر خىل يېڭى سىياسىي تۈزۈم، بىر خىل يېڭى تەرەققىيات شەكلى ئارقىلىق، 100 يىللىق تارىختا ئۆچمەس ئاجايىپ ھېكايىلەرنى يېزىپ چىقتى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئايدەك تولدى، كۈندەك كۆتۈرۈلدى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن باشتىن - ئاخىر خۇددى ماگنىتتەك كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتالىدى، كىشىلەرنى ئۇيۇشتۇرالىدى، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى بولالىدى؟ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن باشتىن - ئاخىر ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى ساقلاپ، ئەڭ چوڭ سوتسىيالىستىك دۆلەتتە 70 نەچچە يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، 91 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيەگە ئايلىنالىدى؟ 100 يىلغا قايتا نەزەر سالساق، جاۋاب ئاللىقاچان بىزنىڭ نەزەرىيە ۋە ئېتىقادىمىزغا، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىمىزغا پۈتۈلگەن.

«چاڭجياڭدىن ئۆتۈشتىكى 1 - دەرىجىلىك تۆھپىكار» ما ماۋجيې، پىدائىي قىسىمدىكى «1 - دەرىجىلىك ئۇرۇش قەھرىمانى» چەي يۈنجېن، «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» ۋاڭ شۇماۋ، «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەمۇنىچىسى» جاڭ گۇيمېي، «ۋەتەننى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغان قەھرىمان» چېن خۇڭجۈن... پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۇنجى قېتىم «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى تارقىتىدۇ، بۇ يارقىن ئىسىملار جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى ئۇپۇق سىزىقىنى سىزىپ چىقتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ جاسارىتىنىڭ يەنىلا ئۇرغۇپ تۇرۇشى، قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىدىكى سەۋەب، دەل ئاشۇنداق ئىنقىلاب قىلىشقا جان پىدالىق كۆرسىتىش قوشۇلغان قۇدرەتلىك روھقا تايانغانلىقىدا.» دۇنيادا ھېچقانداق پارتىيە پارتىيەمىزگە ئوخشاش بۇنداق كۆپ جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارغا ئۇچرىغان ئەمەس، بۇنداق كۆپ ھايات - ماماتلىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئەمەس، بۇنداق كۆپ ئېچىنىشلىق قۇربانلىقلارنى بەرگەن ئەمەس. 100 يىلدىن بۇيان، ماركسىزم «ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش»تەك ئىنقىلابىي قىزغىنلىقنى ئويغاتتى، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسىنى مۇستەھكەملەپ، كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقمايدىغان، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىش خىسلىتى ۋە پەزىلىتىنى تاۋلاپ چىقتى. ھەربىر سۇڭ زېمىن بىر تامچە قان، ھەربىر ئوچۇم مۇنبەت تۇپراق بىر ئەۋلاد روھ، پارتىيەمىز ئادەتتىن تاشقىرى يولدا ئۇلۇغ روھنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ روھىنىڭ 100 يىللىق ئۇزۇن يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «پەقەت مەنىۋى جەھەتتە پۇت تىرەپ تۇرالىغاندا، مەزمۇت تۇرالىغاندىلا، بىر مىللەت ئاندىن تارىخ ئېقىمىدا تەۋرەنمەي، قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرالايدۇ.» جىڭگاڭشەن روھى، ئۇزۇن سەپەر روھى، زۇنيى يىغىنى روھى، يەنئەن روھى، شىبەيپو روھى، قىزىل قىيا روھى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش روھى، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، ئالاھىدە رايون روھى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش روھى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى... بۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقلار زامان - ماكان ھالقىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، پارتىيەنىڭ قەتئىي ئېتىقادى، تۈپ مەقسىتى، ئېسىل ئىستىلىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىپ ئۆزىنى بېغىشلاش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتەك ئۇلۇغ پەزىلىتىنى مۇجەسسەملىدى، ئۇ ھەقىقەت كۈچى، ئېتىقاد كۈچى، ئىرادە كۈچى، كىشىلىك قەدىر - قىممەت كۈچىگە تولغان بولۇپ، بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىزنى مول ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى.

100 يىللىق دولقۇن، جۇڭگو ئارزۇسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەمىز رەھبەرلىك قىلغان ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى − داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلغان تارىخىي جەريان، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇكەممەل ئىش.» بۇنداق «چوڭ تارىخ قارىشى» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ۋاقىت لىنىيەسىنى سىزىپ چىقتى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تارىخ، رېئاللىق، كەلگۈسى بىر - بىرىگە باغلانغان. 100 يىللىق كۈرەش يولى، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتا، بىز پەقەت تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھنى ساقلاپ، ھەممە بىر نىيەتتە غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر قانچە كۈچەيگەنسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، ئاندىن داۋاملىق تۈردە ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغ ۋاقىت تارىخى جەريانىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي ۋاقتىنى يارىتالايمىز.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: پۈتۈنلەي يېڭىدىن ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش، سۈپسۈزۈك جياشىڭ نەنخۇ كۆلىگە قايتا نەزەر سېلىش، جياڭشىنىڭ دەريالىرى، فۇجيەننىڭ تاغلىرىدىكى ئەگرى - بۈگرى چىغىر يوللىرىدا قايتا مېڭىش، جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەن سېرىق توپىلىق ئېگىزلىككە چىقىش، باھار شامىلى كۈچلۈك چىقىۋاتقان ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننى ھېس قىلىش، تېز ئۆسۈپ يېتىلگەن شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا كېلىش... پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە پۇختا قانات يايدۇرۇلماقتا. جاپا - مۇشەققەت ۋە شانلىق نەتىجىلەر بىلەن تولغان ئۆتمۈشنى باشتىن كەچۈرۈش، كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ھازىرنى كۈتۈۋېلىش، پارلاق، بۈيۈك كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 91 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى روھىنى ئۇرغۇتۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، بىز مۇشۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ بولغان تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىرادە باغلىدى.

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنياغا پارتىيەمىزنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى جاكارلايدۇ.

ئەگرى - توقاي جەريانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، پولاتتەك تاۋلىنىپ، 100 يىللىق جاسارىتى بۇرۇنقىدەكلا ئۇرغۇدى؛ مىڭلىغان تاغ - دەريالارنى كېزىپ، تۈمەنلىگەن جاپا - مۇشەققەت ۋە زەربىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قەلبىگە پۈكتى. جەڭ دۇمبىقى چېلىندى، جەڭ كېمىلىرى يەلكەن چىقاردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭرىماقتا:

«مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن.» − يۈز مىليونلىغان خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ يېڭى دەۋردە يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشتا، بىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، بۇرچ زىممىمىزدە.

«ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قەلبكە پۈكۈش دەل 100 يىللىق سالاپەت.» − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە، بىز غەيرەت - جاسارەتكە تولدۇق، كۈرەش ئىرادىمىز ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

«يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ.» − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ، بىز مەردانە قەدەم بىلەن ئاتلىنىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىدۇق.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 100 يىلنى كۈرەش قىلىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تۈنۈگۈنكى جاپا - مۇشەققەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئۇنتۇماي، بۈگۈنكى بۇرچنى زىممىگە ئېلىشقا يۈزكېلىپ، ئەتىكى ئۇلۇغ ئارزۇنى يەردە قويماي، ئۇلۇغ بولغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتساق، بىز ياراتقان ھەم قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا سىلجىتقان ئۇلۇغ ئىشلار مۇقەررەر مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مەڭگۈ نۇر چاچىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.