تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ناخشا ساداسى ياڭرىدى، قەلبلەر پارتىيەگە تەلپۈندى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى خەن چىنيەن، جاڭ رۇيلىن

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، تونۇش مېلودىيەگە جور بولۇپ، «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ناخشا تىيانشاننىڭ جەنۇب - شىمالىدا ياڭرىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر ھېسسىياتى بىلەن مەدھىيەلەپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى.

6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى 100 يىللىق قەدىمىي چايخانا ئالدىدا، كىشىلەر «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ناخشىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئېيتتى. «ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، ئېيتىپ - ئېيتىپ قانمىدىم.» كۇەيشەن پائالىيىتىگە قاتناشقان قەشقەر شەھەر ئاھالىسى ئەسقەر ئەمەت مۇنداق دېدى: «بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك».

100 يىللىق قەشقەر كۆرگەزمىخانىسى، قەشقەر شەھىرىدىكى دۇڭخۇ باغچىسى قاتارلىق جايلاردىكى كۇەيشەن پائالىيەتلىرىدە قەشقەردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ئىپادىلەندى.

6 - ئاينىڭ بېشىدا، يوپۇغا ناھىيەسى داۋاكۆل قۇملۇق ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، قىزىل تارىخنى قايتا ئەسلەش، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىسىدىكى بىر مەيدان كۇەيشەن پائالىيىتىگە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر قىزغىن ئاۋاز قوشتى، ھەر مىللەت ئامما ئوخشاش بىر ناخشا − «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن»نى چوڭقۇر ھېسسىياتى بىلەن ئېيتتى. «بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، بۇ ناخشىغا ئالاھىدە مېھرىمىز بار» دېدى يوپۇغا ناھىيەسى ئاخۇنلۇقۇم يېزىسى توغراق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئارزۇگۈل تۇرسۇن.

يەكەن ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى كۇەيشەن پائالىيىتى ئارقىلىق، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. «بۇ يىل ئۆزۈم تېرىغان قوش يوپۇق يېپىلغان تاۋۇزدىن 30نەچچە مىڭ يۈەنگە سېتىپ بولدۇم، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.» يەكەن ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى ئەنكاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇسالام ئابدۇكېرىم بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئېلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدى.

6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، توقسۇن ناھىيەلىك پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شۇ جايدىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى كۇەيشەن پائالىيىتىنى سىنغا ئالدى. «ھەر قېتىم ئېيتقاندا ئىچ - ئىچىمدىن ھاياجانلىنىمەن ھەم ئىپتىخارلىنىمەن.» توقسۇن ناھىيەلىك پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ليۇ يەنمىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋەتىنىمىزدە كۈنسايىن يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، خەلق تۇرمۇشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. مەن ئۇلۇغ پارتىيەمىزدىن ئىپتىخارلىنىمەن ھەم پەخىرلىنىمەن»!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.