تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پات ئارىدا 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدىغان پەيتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار يېڭى پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش ۋە پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىغا بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۆگەندى. ماددىي بۇيۇملارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاش، ئۈن - سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق، پارتىيەلىك كادىرلار جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن، شىنجاڭدا ئېگىلمەي - سۇنماي ئىنقىلاب قىلغان ۋە كۈرەش قىلغان قالتىس تارىخىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

تىللاردا داستان بولغۇدەك ئىنقىلابىي ھېكايىلەر، قورقماس ئىنقىلابىي روھ كۆپچىلىكنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى. ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى، جاراڭلىق ھەم كۈچلۈك قەسەم ئاۋازى چوڭ زالدا ياڭرىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمىزنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار كۈرەش قىلغان، قۇربان بەرگەن ئۇلۇغ ئىشلارنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشىمىز.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئورگان ۋە ئۆزىگە قاراشلىق تاموژنىلارنى تەشكىللەپ يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى دۆلەت دەرۋازىسى جانلىقلار بىخەتەرلىكى تەربىيەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى ھەم پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى. ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئىشخانىسى ئۇچۇر تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لياڭ فاڭ مۇنداق دېدى: «20 يىل ئىلگىرى، مەن پورت تاموژنىسىدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بەردىم، خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە چېگرا ئېغىزىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەت دەرۋازىسى بىخەتەرلىكىنى قوغدىدىم. بۈگۈنكى كۈندە بىز پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، كەسىپنى ياخشى ئىشلەش ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتۇق».

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى خوتەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى سۇچىلىق مەھەللىسى قانات يايدۇرغان «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» تېمىسىدىكى پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش پائالىيىتىدە، 51 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە مەھەللە ئاھالىسى قادىر سادىق ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن يارايدىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق. مەن ئۆزۈمنىڭ تونۇشى، تەسىراتىمنى كېيىنكى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە سىڭدۈرۈپ، قىزىل روھنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمەن».

6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، G0711 ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ 5 - توختام بۆلىكىدىكى تىيانشان غالىبىيەت تونېلى 1 - نومۇرلۇق ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈش تىك قۇدۇق ئىش رايونى تۈر بۆلۈمى دېڭىز يۈزىدىن 3500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قۇرۇلۇش ئورنىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى ھەم پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى. «بىز پەۋقۇلئاددە جاپاغا چىدالايدىغان، پەۋقۇلئاددە كۈرەش قىلالايدىغان، پەۋقۇلئاددە ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان روھنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلاشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ۋە ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز» دېدى بۇ تۈر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جو جۈنبو.

6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى مالەن خۇڭشەن ھەربىي مۇزېي باغچىسىدا، شىنجاڭ مېتاللورگىيە قۇرۇلۇشى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يېڭى پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ قەسەم بەردى. «پارتىيەگە كىرىش مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچتىن دېرەك بېرىدۇ، جان تىكىپ ئېلىشىش ۋە كۈرەش قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە بەرداشلىق بېرىش، خەتەرلىك، جىددىي پەيتتە ئاتاكىغا ئۆتۈشتىن دېرەك بېرىدۇ. بىز ئەتراپىمىزدىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە ياشلىق باھارىمىزنى پارتىيە ئىشلىرى ۋە جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغا تەقدىم قىلىمىز!» دېدى يېڭى پارتىيە ئەزاسى جيا چېڭلۇڭ.

شۇ كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسى يېڭى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 40 نەپەر يېڭى پارتىيە ئەزاسى ۋەكىلى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەردى. يېڭى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىلى پاراسەت جانات مۇنداق دېدى: «مەن تىرىشىپ ئۆگىنىشتە ئۈلگە بولۇپ، خىزمەتتە ئۈلگە بولۇپ، ئىنتىزامدا ئۈلگە بولۇپ، ئۆمۈرۋايەتلىك ئىنتىلىشىم ۋە ھەرىكىتىم ئارقىلىق، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن».

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، چېن چياڭۋېي، يۈ جياڭيەن، ياڭ شۇخەن، شى شىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.