تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شېنجوۋ 12 -نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن سەمىمىي تېلېفونلاشقانلىقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شېنجوۋ 12 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن سەمىمىي تېلېفونلاشقانلىقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شېنجوۋ 12 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن سەمىمىي تېلېفونلاشقانلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئۇلۇغ جۇڭگو يولى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق چەكسىز ئىلھاملاندى، روھلاندى، چەكسىز ئىپتىخارلاندى، شەرەپ ھېس قىلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. بىز «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھى ۋە ئاينى تەكشۈرۈش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭنىڭ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى (2021 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)» تەتقىق قىلىنىپ قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىلمىي سىستېمىلىق پىلانلاپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق، مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا قويۇپ، شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېچىش سىجىللىقىنى ئىلمىي تەسىس قىلىپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بوشلۇقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە شەھەر - بازار كۆلىمى، قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر بىلەن كىچىك شەھەر - بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەر تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، شىمالىي شىنجاڭ شەھەر بەلبېغىنى بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ شەھەرلەر توپىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ماسلىشىشچانلىقى، ھەمتۈرتكىلىكلىكى، بىر پۈتۈنلۈكلۈكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۆلىمى مۇۋاپىق، فۇنكسىيەسى مۇكەممەل، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولغان شەھەر - بازار سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شەھەر - بازار قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر ئورنىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا بېكىتىپ، ئىلمىي پىلانلاش ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە كېلىش كېرەك؛ تەبىئەتكە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، شەھەرلەرنى تەبىئەتكە سىڭدۈرۈپ، ئاھالىلەرنى قارىسىلا تاغنى كۆرەلەيدىغان، سۇنى كۆرەلەيدىغان، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە تۇتالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك؛ ھەم زامانىۋى ئېلېمېنتلارنى سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ مۇھىمى، ئەنئەنىۋى مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى قوغداپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، رايون ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش كېرەك؛ كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نوپۇس بىلەن كەسىپنىڭ ماس توپلىنىشى، كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن شەھەر - بازار قۇرۇلۇشىنىڭ ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزا ئامىللىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنىڭ تەكشى تەقسىملىنىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت - يېزا ئىگىلىكى، شەھەر - يېزا مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سىياسەتلەرنى يانداشتۇرۇش كاپالىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەر، مالىيە، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق يانداش سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ چۇنلىن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، چېن ۋېيجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.