تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز «100 يىللىق سالاپەت تىيانشانغا مەدھىيە» تېمىسىدىكى قىزىل ھېكايىلەردىن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «100 يىللىق سالاپەت تىيانشانغا مەدھىيە» تېمىسىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە قىزىل ھېكايىلەردىن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاللاپ ئەۋەتكەن ئەسەر «مەڭگۈ ئۆچمەس ئابىدە» 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تاللاپ ئەۋەتكەن ئەسەر «مېنىڭ دېڭىزىم»، شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتى تاللاپ ئەۋەتكەن ئەسەر «ساداقەتمەنلىك بىلەن 100 يىلغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز» 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ سارقىت ئاقان قاتناشتى ھەم ماھىرلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، ماھىرلار پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، قىزىل ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاددىي تىل، سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ تىز پۈكمەي كۈرەش قىلغان شانلىق تارىخىنى ئەسلىدى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى بايان قىلدى، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. ھەربىر تەسىرلىك، جانلىق ھېكايىلەر مەيداندىكى ھەربىر كۆرۈرمەننى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، نەق مەيداندا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.

نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى بىر ئاي داۋاملاشتى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى 64 ئورۇن يوللىغان 173 نۇتۇق ئەسىرى تاپشۇرۇۋېلىندى، بۇنىڭغا 1000غا يېقىن پارتىيە ئەزاسى، كادىر قاتناشتى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، «تىيانشان ئاۋانگارتلىرى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىق سۇپىلاردا كۆرسىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.