تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پارتىيە تارىخى لېكسىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭىشى، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخى لېكسىيە خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىلدى

​پارتىيە تارىخى لېكسىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭىشى، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخى لېكسىيە خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق پارتىيە تارىخى لېكسىيە خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئالدىنقى بىر باسقۇچتىكى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ماس قەدەمدە كۈچەپ، دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەش شەكلىدە يېڭىلىق ياراتتى، بىر يۈرۈش باش تېمىسى روشەن، داغدۇغىلىق بولغان پارتىيە تارىخى لېكسىيە پائالىيىتى پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشتىن ئىبارەت دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيە تارىخى لېكسىيەسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. لېكسىيە قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، لېكسىيەنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، شەرھلەشنى ياخشى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك مۇھىم بايانلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، ئالدىن پىلانلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىدىغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى لېكسىيەنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تۈرگە ئايرىپ ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوبيېكتلاشتۇرۇلغان، ئوبيېكتلىرى ئايرىلغان، ھەمتۈرتكىلەشتۈرۈلگەن لېكسىيەنى قانات يايدۇرۇپ، لېكسىيەنىڭ قەلبلەرنى مۇجەسسەملىشى، ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ لېكسىيە شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قىزىل بايلىقلاردىن جانلىق پايدىلىنىپ، «لېكسىيە +» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، لېكسىيەنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، پارتىيە تارىخى لېكسىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭىشى، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا، ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەر ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.