تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ناخشا ئارقىلىق قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش

6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى كۇەيشەن پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچىلەر بىرلىكتە ناخشىسى ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.□جېن مېي فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋېي يۇڭگۇي دۇ جيەنخۇي

«پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن، مەن پارتىيەنى ئانامغا ئوخشىتىمەن...» 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، كورلا شەھىرى ئاق قۇ دەرياسى مەنزىرە رايونىدا ناخشا ساداسى ياڭرىدى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى كۇەيشەن پائالىيىتى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان ناخشىسى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغا تەقدىم قىلدى.

«بۇ تونۇش مېلودىيەنى ئاڭلاپ، مەن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم.» مەنزىرە رايونىدا ساياھەت كېمىسى ھەيدەيدىغان ئېلى مەمەت ئەسلىدە كورلا شەھىرى تېكىچى يېزىسى ئوتتۇرا چاچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئىلگىرى ھازىرقى ئاققۇ دەرياسى لىشياڭخۇ پىرىستانى تۇرۇشلۇق جايدا ئولتۇراتتى. شۇ يىللىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئىدى.

2011 - يىلى، كورلا شەھىرى شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتتى، ئېلى مەمەت دېھقاندىن شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندى. بىر ئائىلە كىشىلىرى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئۇ ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن دۇكاننى ئىجارىگە بەرگەندىن كېيىن، كىرىمى كاپالەتكە ئىگە بولدى. «ھازىر مېنىڭ مەنزىرە رايونىدا مۇقىم خىزمىتىم بار، ئائىلىمىز يەنە ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ.» ئېلى مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى ياخشى تۇرمۇشىمىز بولمايتتى».

بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قايدۇ دەرياسى بويىدا، باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا، «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى كۇەيشەن پائالىيىتى شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئامما ۋە باشقا جايدىن كەلگەن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

«مەن ياخشى تۇرمۇشۇمنى ناخشام ئارقىلىق كۈيلەيمەن.» باغراش ناھىيەسىنىڭ بۇمبۇت بازىرى نايان تولغوي كەنتىدىكى بېيىش باشلامچىسى ئاۋچە مۇنداق دېدى: بۇ يىللاردا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شەھەر - يېزىلارنىڭ ھەممىلا يېرى گۈزەللەشتى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ساياھەتچىلىككە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇردى، «مەن چارۋىچىلار ئارامگاھىمنىڭ كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەيمەن».

قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدا، قومۇل دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ يۈيۈەن باغچىسىدا ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى، زو زۇڭتاڭ تىككەن تۈپ - تۈپ سۆگەتلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، قومۇل شەھىرىنىڭ «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى كۇەيشەن پائالىيىتى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى، قومۇل شەھىرىدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى، پارتىيەلىك كادىرلار، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتلىك تىلىكىنى ئىپادىلىدى.

يۈيۈەن باغچىسى قومۇل دەرياسى ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىدىكى يېڭىدىن ياسالغان مەنزىرە رايونى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 26 كىلومېتىر كېلىدىغان سەيلە قىلىش يېشىل يولى توغاننىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرۇپ، كىشىلەر ساياھەت - ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان، ئارام ئالىدىغان، تاماشا قىلىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى. «قومۇلنىڭ ئۆزگىرىپ مۇشۇنداق گۈزەل بولۇشى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن ئايرىلالمايدۇ.» مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، ئېۋىرغول رايونى ئاستانە بازىرى ئاستانە كەنتىنىڭ كەنت دوختۇرى ليۇ يۈليەن كۇەيشەن پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇ يۈيۈەن باغچىسىدا سەيلە قىلىپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندى، «مەن ئاستانە كەنتىدە يالىڭئاياغ دوختۇر، كەنت دوختۇرى بولدۇم، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، قومۇلنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. يۇرتىمىزنىڭ بارغانسېرى گۈزەل بولىدىغانلىقىغا، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

ھەممىلا جايدا گۈزەل مەنزىرە، ناخشا ساداسى قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى. قومۇل شەھىرىنىڭ «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى كۇەيشەن پائالىيىتى يەنە باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۇڭفېڭ بىلىم يۇرتى، ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ شيۇشۇييۈەن باغچىسى، قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە باغچىسى قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلدى.

«ئۇلۇغ پارتىيە بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلدى، مەن ناخشا سادايىم ئارقىلىق پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بەخت تىلەيمەن. پارتىيە ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، مەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچىنىڭ كالا، قويلىرىنى ياخشى بېقىپ، بىرلىكتە بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشىغا ياردەم بېرىمەن» دېدى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نىرىنكىر قازاق مىللىتى يېزىسى بەيشۇڭ كەنتىدىكى چارۋىچى جېڭىس سۇلتان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.