تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىكى «شىنجاڭ ئىزنالىرى»نى ئىزدەش

گېزىتىمىزنىڭ ئالاھىدە ئەۋەتكەن مۇخبىرلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىغا بېرىپ زىيارەت قىلدى −

​100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىكى «شىنجاڭ ئىزنالىرى»نى ئىزدەش

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، شيې لۇڭ

100 يىللىق مۇساپە ھەيۋەتلىك مۇساپە بولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق جەرياندا مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پات ئارىدا 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدىغان خۇشاللىق پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيى بېيجىڭدا رەسمىي ئېچىلدى.

6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گېزىتىمىزنىڭ ئالاھىدە ئەۋەتكەن مۇخبىرلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك باغچىسىنىڭ ئەجدىھا شەكلىدىكى سۇ سىستېمىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىغا بېرىپ، بۇ ھەيۋەتلىك، كاتتا قىزىل يېڭى يەر بەلگىسىنى زىيارەت قىلدى.

كۆرگەزمە سارىيى ئىچىدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» تېمىسىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. مۇخبىرلار نەق مەيداندا كۆرگەزمىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»نى باش تېما قىلىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش» «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش»تىن ئىبارەت تۆت قىسىمنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، 2600 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 3500 يۈرۈشتىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ئەمەلىي بۇيۇم ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 يىللىق مۇساپىسىنى تۇنجى قېتىم ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ھالدا تارىخىي داستاندەك نامايان قىلغانلىقىنى كۆردى.

100 يىللىق قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلىسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەد كۆتۈرۈپ ئازاد بولۇشى ئۈچۈن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن مىسلىسىز جاپالىق كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان مەدھىيە ناخشىسىنى پۈتتى. كۆرگەزمىدە، ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدىغان «شىنجاڭ ئىزنالىرى» شۇنى ئېنىق ئۇقتۇرۇپ تۇرىدۇكى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، بۈگۈنكى ئىناق، مۇقىم شىنجاڭ بولمايتتى، ھەرمىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى بولمايتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.