تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن

ھەنىپە ئالىماخۇن:

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن

تۆھپىكارلار ھەممە يەردە (16)

ھەنىپە ئالىماخۇن 70 ياشقا كىرگەندە، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر جەم بولۇپ، ئوپچە سۈرەتكە چۈشتى. □سۈرەتنى چىڭگىل ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن

شەخس ئارخىپى

ھەنىپە ئالىماخۇن، ئايال، ئۇيغۇر، 1939 - يىلى 5 - ئايدا تۇغۇلغان، چىڭگىل ناھىيەسى چىڭگىل بازىرىنىڭ ئاھالىسى. ئۇ ئېرى ھەبىبۇل مامۇتئېلى (ۋاپات بولغان) بىلەن 1963 - يىلىدىن باشلاپ ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان ئون يېتىم بالىنى بېقىۋالغان بولۇپ، ئۆزى تۇغقان بالىلارنى قوشقاندا، جەمئىي 19 ئوغۇل - قىزنى باققان. ھەنىپە ئالىماخۇن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «شىنجاڭدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ئانا» «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى» «مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەت يۇلتۇزى» «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ئون چوڭ شەخس» بولۇپ باھالاندى. 2020 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ھەنىپە ئالىماخۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىش مېنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇيۇم ئىدى، گەرچە مەن 82 ياشقا كىرىپ قالغان بولساممۇ، لېكىن يەنىلا <ياش> پارتىيە ئەزاسى، مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن». − ھەنىپە ئالىماخۇن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ ۋېنپىڭ

«موما، سىزگە بىر خۇش خەۋەر ئېيتاي، مەن ھازىر پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى. سىزگە ئوخشاش بىر لاياقەتلىك كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولىمەن.» 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ نەۋرىسى زۇمرەت ئابىن خۇشال ھالدا مومىسىغا شۇنداق دېدى.

«ئاپا، سىزنىڭ پارتىيەگە كىرىش ئويىدا بولۇشىڭىزغا نېمە تەسىر قىلغان؟» دەپ سورىدى ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ قىزى راھىخە ھەبىبۇل. كۆپچىلىك نەزەرىنى مومايغا ئاغدۇرۇپ، ئۇنىڭ پارتىيەگە كىرىشتىكى ئەسلىي مەقسىتىنى ئەستايىدىل كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

مەن چوقۇم پارتىيەگە كىرىمەن

«مەن كونا جەمئىيەتنى كۆرگەن، ھازىرقى تۇرمۇشىمىز شۇنداق ياخشى، كىم بۇ دۆلەتنىڭ باي - قۇدرەتلىك بولۇشى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى!» ھەنىپە ئالىماخۇن مۇنداق دېدى: گەرچە خېلى بۇرۇنلا پارتىيەگە كىرىش ئويۇم بولسىمۇ، مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، مەدەنىيەت سەۋىيەم تۆۋەن بولغاچقا، ئاشۇ مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغا سېلىشتۇرغاندا پەرق بارلىقىنى ھېس قىلىپ، پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى يازمىغانىدىم.

لېكىن ھەنىپە ئالىماخۇن ئىزچىل جەمئىيەتكە پائال تۆھپە قوشۇپ، قىيىنچىلىقى بار نۇرغۇن كىشىگە ياردەم قىلدى.

2016 - يىلى، چىڭگىل ناھىيەسى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغاندا، ياشىنىپ قالغان ھەنىپە ئالىماخۇن كىچىك ئوغلىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا بېرىپ ھال سورىدى.

«ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، مەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان پارتىيەلىك كادىرلار ۋە قىپقىزىل پارتىيە بايراقلىرىنى كۆرۈپ، چوڭقۇر تەسىرلەندىم. شۇ دەقىقىدە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىشكە بەل باغلىغانىدىم» دېدى ھەنىپە ئالىماخۇن. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەنىپە ئالىماخۇن پارتىيە تەشكىلاتىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى.

2020 - يىلى چاغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندە، 81 ياشقا كىرىپ قالغان ھەنىپە ئالىماخۇن قىزى بىلەن كۈيۈئوغلىغا ئۆزىنى ناھىيەلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇپ، 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.

«مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم...» 2020 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چىڭگىل ناھىيەسى چىڭگىل بازىرى مەدەنىيەت شىمالىي يولى مەھەللىسى 3 - پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ئاچتى، ھەنىپە ئالىماخۇن شەرەپ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولدى.

«بۇ كۈن چۈشۈمدە نۇرغۇن قېتىم ئايان بولغان، بۇ قەسەم سۆزىنى مەنمۇ كۆڭلۈمدە نۇرغۇن قېتىم ئوقۇغان، بۈگۈن، مەن ئاخىر كۆپ يىللىق ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.» پارتىيە ئىزنىكىنى تاقىغان شۇ دەقىقىدە، ھەنىپە ئالىماخۇن كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بالام

5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، ئۇنىڭ ئۆيىدە چوڭلار چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتاتتى، بالىلار قوغلىشىپ ئويناۋاتاتتى. ھەنىپە ئانا بالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان بولۇپ، كۆزلىرى مۇھەببەتكە تولغانىدى.

ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ ئۆيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ھەنىپە ئانا تەربىيە بازىسىدا، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ بىر پارچە ئوپچە سۈرىتى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتاتتى: تۆت ئەۋلاد، ئالتە مىللەتتىن بولغان 200 نەچچە جان ئادەم بىر يەرگە خۇشال جەم بولغانىدى. سۈرەتتىكى ھەنىپە ئانىنىڭ چىرايىدىن مېھرىبانلىق چىقىپ تۇراتتى: ئۇ ئالتە ئىنى - سىڭىلنى باقتى، توققۇز پەرزەنتلىك بولدى، ئون يېتىم بالىنى بېقىۋالدى، ئۇ بۇ بالىلارنى بېقىپ قاتارغا قوشتى، ئۆي - ئوچاقلىق قىلدى.

«بۇ، ئاپام 70 ياشقا كىرگەن يىلى چۈشكەن سۈرەت، ئەينى چاغدا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كەلگەنىدى!» دېدى راھىخە ھەبىبۇل.

1963 - يىلى، ھەنىپە ئالىماخۇن ئىككى بالىنىڭ ئانىسى ئىدى، ئۇنىڭغا ئالتە ئىنى - سىڭىلنى قوشقاندا ئون جان بار بۇ ئائىلە تۇرمۇشتا پۈتۈنلەي ئېرىنىڭ مائاشىغا تايىناتتى. 1963 - يىلى قىشتا، ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ ئائىلىسى بىلەن بىر تام ئايرىلىپ تۇرىدىغان قازاق قوشنىسى ياقۇپ ئەر - خوتۇن ئارقا - ئارقىدىن قازا قىلىپ، قارىغۇچىسى يوق ئۈچ بالىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ھەنىپە ئالىماخۇن ئېرىگە مۇنداق دېدى: «بىز بالىلارنىڭ بۇنداق قارانچۇقسىز قېلىشىغا قاراپ تۇرساق بولمايدۇ!» شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئۈچ بالىنى بېقىۋالدى. 1977 - يىلى قىشتا، ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ سىڭلىسى خۇيزۇ قىز ۋاڭ شۇجېننى ئېلىپ قايتىپ كەلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭ شۇجېن بۇ ئۆيدە تۇرۇپ قالدى. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئاق كۆڭۈل ھەنىپە ئالىماخۇن يەنە نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ، ۋاڭ شۇجېننىڭ ئاكا - سىڭىل ئۈچ قېرىندىشىنى تېپىپ، ئۇلارنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ ئەكەلدى.

بىرنەچچە يىلدىن كېيىن، ۋاڭ شۇجېننىڭ ئۆگەي دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۈچ پەرزەنتىنى قالدۇرۇپ كەتتى، ھەنىپە ئالىماخۇن يەنە بۇ بالىلارنى ئۆيىگە ئەكېلىۋالدى. شۇنداق قىلىپ، ھەنىپە ئالىماخۇن ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان ئون يېتىم بالىنى بېقىۋالدى، ئۇنىڭغا ئۆزى تۇغقان بالىلارنى قوشۇپ جەمئىي 19 بالىنى باقتى.

«مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، تۇرمۇشىمىز گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن ئاچ قېلىپ باقمىدۇق. ئاپام دائىم تاماق ئېتىپ بولۇپلا قازاندىن نېرى كېتەتتى، بىر سىقىم بۇغداي سېلىنغان بىر قاچا ئەتكەنچاي ئۇنىڭ بىر ۋاقلىق تامىقى ئىدى» دېدى ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ ئوغلى ۋاڭ زولىن.

بالىلارنى بېقىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن، ھەنىپە ئالىماخۇن بىلەن ئېرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز جاپا - مۇشەققەتلەرنى تارتتى: ھەبىبۇل ئىشتىن چۈشۈپلا كېسەك قۇيۇپ ساتاتتى، ئۇ يەنە كالا - قويلارنىڭ ئاز - تولا ئىچ - باغرىنى دەپ باشقىلارنىڭ كالا - قويلىرىنى سويۇشۇپ بېرەتتى؛ ھەنىپە ئالىماخۇن دائىم ئەتىيازدا ياۋا كۆكتات كولاپ، كۈزدە بۇغداي باشىقى تېرىپ، ياڭيۇ يىغىپ، ئۇنغا تېگىشىپ بالىلارغا يېگۈزەتتى.

ھەنىپە ئانا تەربىيە بازىسىدا، دىيامېتىرى 1.2 مېتىر كېلىدىغان چوڭ چويۇن قازان ھازىرغىچە ساقلانماقتا.

«ئەينى چاغدا، ئاچام بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىگە تاماق ئېتىپ بېرىش ئۈچۈن، بۇ قازاننى مەخسۇس سېتىۋالغانىدى...» دېدى ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ ئىنىسى غاپپار ئالىماخۇن ئەسلەپ.

ھەنىپە ئالىماخۇن مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزدە مىللەت ئايرىمىسى يوق، ھەممىسى يۈرەك پارەم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بالام، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى!»

ۋەتەننى سۆيۈش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش

«بىز ئۇلۇغ ئادەم ئەمەس، داڭلىق شەخسمۇ ئەمەس، لېكىن بىز ئاق كۆڭۈل ئادەم بولساق بولىدۇ.» ھەنىپە ئالىماخۇن دائىم بالىلارغا مۇشۇنداق دەيتتى. ئۇنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەربىيەسى ۋە بەختلىك چوڭ ئائىلىنىڭ تاۋلىشىدا، بالىلار ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان كىشىلەردىن بولۇپ يېتىلدى.

راھىخە بىلەن ئاكىسى ۋاڭ زولىن چىڭگىل ناھىيەلىك مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش جەمئىيىتىگە قاتنىشىپ، ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بەردى. باشقا بالىلارمۇ تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىپ، تىرىشىپ مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.

«ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، مەن ئاكام بىلەن بىللە چىڭگىل ناھىيەلىك پاراۋانلىق ئورنىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى كىچىك دوستلارغا كىتاب ۋە كىيىم - كېچەك ئاپىرىپ بەردۇق، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى راھىخە.

كىچىك ئوغلى ئابدۇۋايىت ھەبىبۇلنىڭ دېيىشىچە، ئانىسىنىڭ تەسىرىدە، ئۇ قۇربىنىڭ يېتىشىچە باشقىلارغا ياردەم بېرىپتۇ. 2018 - يىلى، ئۇ قوشماقلاشقان تۇغقىنىغا ياردەملىشىپ «ئانار دانىسى» دەپ ئىسىم قويۇلغان بىر دۇكان ئېچىپ بېرىپتۇ، ھازىر، بۇ دۇكاننىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋېتىپتۇ.

«مەن ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ قىزى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن، مەن ئاپامنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن» دېدى راھىخە.

ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ تەسىرىدە، چىڭگىل ناھىيەسى 70نەچچە داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىيلىرىدىن تەشكىللەنگەن «ھەنىپە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»نى قۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە مېھىر - شەپقەت يەتكۈزدى. ھەنىپە ئالىماخۇن ياشىنىپ قېلىپ، ھەرىكىتى قولايسىزلىشىپ، سىرتتىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشالمىغاچقا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان تەربىيە بازىسىدا، ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشكە كەلگەن پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىغا دەرس ئۆتۈپ، كۆپچىلىكنى ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا يېتەكلىدى.

«گەرچە مەن 82 ياشقا كىرىپ قالغان بولساممۇ، لېكىن يەنىلا بىر <ياش> پارتىيە ئەزاسى، مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن» دېدى ھەنىپە ئالىماخۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.