تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلققە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنى ھاياتى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىر

خۇاڭ چۈنچاۋ:

خەلققە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنى ھاياتى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىر

تۆھپىكارلار ھەممە يەردە (15)

كەلپىن ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىدا، خۇاڭ چۈنچاۋ شۇ جايدىكى بالىلار بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشتى (2015 - يىلى 3 - ئايدا تارتىلغان). □سۈرەتنى خۇجوۋ شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى تەمىنلىگەن

شەخس ئارخىپى

خۇاڭ چۈنچاۋ، 1968 - يىلى 4 - ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭ دېچىڭلىق. 1989 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1993 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 2013 - يىلى 8 - ئايدا، كەلپىن ناھىيەسىگە كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. 2015 - يىلى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كەچتە، كەلپىن ناھىيەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان. شۇ چاغدا ئۇ 47 ياشتا ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا يولداش خۇاڭ چۈنچاۋغا «مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ تولۇقلاپ نام بەردى. 2017 - يىلى 6 - ئايدا، خۇاڭ چۈنچاۋغا «مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار شەخس» دېگەن شەرەپ نامى تولۇقلاپ بېرىلدى.

«بىز شۇ جايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىغا سىڭىشىپ، شىنجاڭنى ئىككىنچى يۇرتىمىز دەپ بىلىشىمىز، ئۆزىمىزنى يولۇچى ئەمەس، بەلكى كەلپىنلىك دەپ بىلىشىمىز كېرەك». − خۇاڭ چۈنچاۋ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

كەلپىن ناھىيەسىدە، ئاراتاغ ھەيۋەتلىك ھەم ئېگىز. ئەمما كەلپىنلىكلەرنىڭ قەلبىدە خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ روھىي يۈكسەكلىكى ئاراتاغدىنمۇ ئېگىز.

5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، كەلپىن ناھىيەسى گەزلىك بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋ چياڭ بىرنەچچە خىزمەتدىشى بىلەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت مەيدانىنىڭ بىر تەرىپىدىكى يولداش خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىلغار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. «خۇاڭ شۇجىنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ساپ مۇھەببىتى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، تىرىشچان، كەسىپكە ھۆرمەت قىلىدىغان ئېسىل پەزىلىتى، ھاياتلا بولىدىكەن كۈرەشنى توختاتمايدىغان ئالىيجاناب روھى مەڭگۈ بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ» دېدى شاۋ چياڭ.

«خۇاڭ شۇجى ھاياتى بىلەن ئابىدە تىكلىدى، ئۇ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۈلگىسى، بۇ يەرگە ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەنلەر ئۇنىڭ سىيماسىدىن تىيانشاندىكى قارلەيلىسى، قۇملۇقلاردىكى توغراقنىڭ پەزىلىتى ۋە روھىنى كۆردى» دېدى كەلپىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى چېن لىڭ.

خەلقنى بېيىتىش، ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق

بۇ بىر مەزگىلدە، قۇرۇلۇۋاتقان كەلپىن ناھىيەلىك قويچىلىق كەسىپ باغچە رايونى خۇجوۋ شەھىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋۇ خاۋ ھەر كۈنى كېلىدىغان جايغا ئايلاندى. 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى 1000 تۇياق خۇياڭ قويى كەلپىنگە توشۇپ كېلىندى، ۋۇ خاۋ ۋە تېخنىك خادىملار خۇددى بالىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك قويلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

«خۇياڭ قويى كەسپى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خۇجوۋ شەھىرىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق تۈرى. يەتتە يىل ئىلگىرى، خۇجوۋ شەھىرىنىڭ 8 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ چۈنچاۋ خۇياڭ قويىنى خۇجوۋدىن كەلپىنگە كىرگۈزگەن. بىز خۇياڭ قويى كەسپى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن بۇ تۈرنى زورايتىپ، ياردەمنى قوبۇل قىلىۋاتقان جايدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزدۇق» دېدى ۋۇ خاۋ.

2013 - يىلى 8 - ئايدا، خۇاڭ چۈنچاۋ جياڭنەندىكى سۇ يۇرتى بىلەن خوشلىشىپ، كەلپىنگە كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئاتلانغاندىن كېيىن، كۆز ئالدىدىكى نامرات قىياپەت، قاقاس مەنزىرىنى كۆرۈپ، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغان. ئۇ كۆڭلىدە: «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى، بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمىز شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەن چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن!» دېگەن ئىرادىگە كەلگەن.

بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، خۇاڭ چۈنچاۋ كەلپىن ناھىيەسىدىكى بارلىق يېزا - بازار ۋە كەنتلەرنى ئارىلاپ چىققان. ئۇ تېخنىك خادىملار بىلەن بىرلىكتە دېھقان ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، كەلپىن دېھقانلىرىنىڭ قوي بېقىش ئەنئەنىسى بارلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ كەسىپ بولۇپ شەكىللەنمىگەنلىكىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىدە «خۇياڭ قويى كەسپى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يول خەرىتىسى» ئېنىق شەكىللەنگەن.

2014 - يىلى، خۇاڭ چۈنچاۋ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم خۇجوۋغا قايتىپ قوي تاللاش، يۇقۇمنى ئۆلچەپ - تەكشۈرۈش ۋە يۆتكەپ توشۇشنى ماسلاشتۇرۇشقا قاتناشقان. 1600 تۇياق خۇياڭ قويى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، تەيخۇ كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىن كەلپىنگە كەلتۈرۈلۈپ، 10 مىڭ چاقىرىم يىراقلىققا يۆتكەشتە «بىرىمۇ ئۆلمەسلىك» ۋە ئۆزلىشىش مەزگىلىدە «بىرىمۇ ئۆلمەسلىك» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئارقىدىنلا، كۆپ تۆللەيدىغان خۇياڭ قويى ئارقىلىق كەلپىن دېھقانلىرىغا تېزرەك نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇ كۆپ قېتىم شۇ جايدىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە خىزمەت ئىشلەپ، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

بەزىلەر خۇاڭ چۈنچاۋغا نەسىھەت قىلىپ: «سىز باش قوماندان، ھەممە ئىشقا ئۆزىڭىز قول تىقىپ ئىشلەشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەندە، خۇاڭ چۈنچاۋ مۇنداق قارىغان: بىر كەسىپنى يېتىلدۈرۈشتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بەك كۆپ، پارتىيەلىك كادىرلار ئالدىدا ماڭمىساق، تۈرلەرنى قانداقمۇ مۇقىملاشتۇرغىلى، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ ئۇ «خۇياڭ قويى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خاتىرىسى»دە مۇنداق يازغان: 1600، بىر توپ قوي يولغا چىقتى. ئۈچ كۈندۈز، تۆت كېچە، ئادەملەر چارچىدى، ئاپتوموبىللار ئالدىراش ماڭدى. خەلقنى بېيىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش كېرەك. كەڭ كۆلەمدە كۆپەيتىپ تېز يېتىشتۈرۈشتە، ئارتۇقچىلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك...

شۇنىڭ بىلەن بىللە، چىلان ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە كۆرستىش بازىسى، قولدا توقۇش، كەلگەن ماتېرىياللارنى پىششىقلاش قاتارلىق كەلپىندىكى ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلەر، مەدەنىيەت زالى، ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى، كۇتۇپخانا قاتارلىق كەلپىن ئاممىسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا پايدا ئېلىپ كېلىدىغان تۈرلەر خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ ئالدىراش ئىشلىشى بىلەن بىر - بىرلەپ يولغا قويۇلدى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان تۈرلەر بىر - بىرلەپ يىلتىز تارتىپ چېچەكلىگەندە، يامان خەۋەر يېتىپ كەلدى: 2015 - يىلى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كەچتە، خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىش ئورنىدا يىقىلدى، ھاياتى 47 يېشىدا مەڭگۈلۈك توختاپ قالدى.

ھەقىقىي مۇھەببەت، ئۇلۇغ سۆيگۈ مول نەتىجە

«مەن توي قىلغاندا، توي مۇراسىمى كەنتتىكى يېڭىدىن سېلىنغان مەدەنىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، خۇاڭ شۇجى ئالايىتەن كېلىپ قاتناشقانىدى. كۆڭلۈمدە ئىنتايىن مىننەتدار بولغانىدىم، خوتۇنۇم بىلەن قايسى كۈنى خۇاڭ شۇجىنى ئۆيگە تاماققا تەكلىپ قىلىشنى مەسلىھەتلەشكەن، لېكىن بۇ ئىش مەڭگۈلۈك ئەپسۇسلىنىش بولۇپ قالدى.» 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، كەلپىن ناھىيەسى يۇرچى يېزىسى يۇقىرىس كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قۇربانجان پەرھات خۇاڭ چۈنچاۋنى تىلغا ئالغاندا، كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى.

پۇقرالار ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ئىش قانچە ئەمەلىي بولسا، پۇقرالارنىڭ قەلبىدىكى سالمىقى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن 700 كېچە - كۈندۈزدە، خۇاڭ چۈنچاۋ مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى زىممىگە ئېلىپ، چىن ھېسسىياتى ۋە مېھىر - مۇھەببىتى بىلەن تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە بىر ھەيۋەتلىك گۈزەل مېلودىيەنى پۈتتى.

خۇاڭ چۈنچاۋ بىلەن بىللە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان خۇجوۋ شەھىرىنىڭ 8 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرى ۋاڭ ميەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 2014 - يىلى 10 - ئايدا، ئۇدۇللاشتۇرىدىغان تۈرنى ئالاقىلىشىش ئۈچۈن، قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن خۇاڭ چۈنچاۋ توختىماي 20 نەچچە سائەت يول يۈرۈپ ئۈرۈمچىگە كەلگەنىدى.

سەھەردە يېتىپ كەلگەندە، ۋاڭ ميەن ئۇنىڭ چىرايىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ مۇنداق سورىدى: «بولمىسا ئاۋۋال دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ باقامسىز؟» خۇاڭ چۈنچاۋ مۇنداق دېدى: «ھېچقىسى يوق، ئازراق دورا ئىچىپ، بىردەم ئارام ئالساملا ياخشى بولۇپ كېتىمەن.» ئۇ يىغىن ئاچتى، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، مېھمانخانىدا ئىككى سائەتمۇ ئۇخلىماي، يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى.

خۇاڭ چۈنچاۋ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كەلپىن ناھىيەسىدىكى نەچچە يۈز كادىر، ئامما ئۆزلۈكىدىن خۇجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر كادىرنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇزىتىپ قويماقچى بولدى. كىشىلەر توپى ئارىسىدا، 13 ياشلىق يېتىم بالا، كەلپىن 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەنقەر ئەكبەر توختىماي كۆز يېشىنى سۈرتتى، ئۇ خۇاڭ دادىسىنىڭ ئۇنىڭدىن تۇيۇقسىز ھەم مەڭگۈلۈك ئايرىلغانلىقىدەك رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمىدى. 2014 - يىلى خۇاڭ چۈنچاۋ ئەنقەر ئەكبەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۇنى بېقىۋالدى، ۋاقىت چىقىرىپ پاراۋانلىق ئورنىغا بېرىپ ئۇنى يوقلاپ، ئۇنىڭغا تاغدەك ئاتا مېھرىنى ھېس قىلدۇردى.

«بۈگۈن بىر دوستلۇق ئۇرۇقى چاچساق، ئەتە قار لەيلىسىدەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىدۇ». خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ ھايات ۋاقتىدا يازغان بۇ سۆزى ھازىرمۇ يەنىلا كەلپىن ناھىيەسىدە تارقالماقتا؛ ئۇ ئەينى يىلى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى، دوختۇرلارنى تەشكىللەپ قۇرغان «خۇڭشاخې ئىشخانىسى»، تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلغان «شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاساسىي قاتلام سەپىرى» پائالىيىتى خۇجوۋ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار ئارىسىدا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلدى، ھەم خۇاڭ چۈنچاۋ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇلدى.

مەنىۋى بايلىقنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يەتكۈزۈش

قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق ھامان ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يەتكۈزۈلىدۇ. كەلپىنلىكلەرنىڭ قەلبىدە، خۇاڭ چۈنچاۋ ئەزەلدىن يىراققا كەتكىنى يوق، ئۇ يەنىلا ئۆزى سۆيگەن بۇ تۇپراقنى چىڭ ساقلاپ كەلمەكتە. خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ جەسەت كۈلىنىڭ بىر قىسمىنى خوتۇن - بالىلىرى يۇرتىغا ئېلىپ كەتتى، بىر قىسمى كەلپىن ناھىيەلىك خۇياڭ قويى تەرەققىيات مەركىزى، چىلانزارلىق خۇڭشاخې، يەنە ئىھاتە ئورمانلىقتىكى ئاق تېرەكلەر ئاستىغا چېچىلدى.

ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ روھنى چاقىرماقتا، ئۇلۇغۋار ئىشلار ئۇلۇغۋار ئىنتىلىشكە موھتاج. خۇاڭ چۈنچاۋ ئالەمدىن ئۆتكەندە، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويغانىدى، قىيىنچىلىق ئالدىدا، خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ روھى كەلپىنلىكلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، كەلپىن ناھىيەسىدە ئۇدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، سۇبېشى سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ئورنى داۋاملىق ئۆرلەپ، سۇ ئامبىرى ھەم تۆۋەن ئېقىندىكى كەلپىن ناھىيە بازىرى، سۇغىرىش رايونىدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى. بىر ھەپتە داۋاملاشقان ئومۇمىي خەلق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش جېڭى ھەيۋەتلىك زەپەر مارشىغا ئوخشايتتى. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىدىن ئادەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغىچە بەس - بەستە ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ جاپالىق جايغا بېرىپ، كېچىلەپ توسمىنى ساقلىدى، بەزىلىرىنىڭ پۇتلىرى سۇدا تۇرۇۋېرىپ ئىششىپ كەتتى، بەزىلىرىنىڭ ئاۋازى ۋارقىراۋېرىپ پۈتۈپ كەتتى...

كەلپىن ناھىيەسىنىڭ كەلپىن بازىرى قارا كۈت كەنتىدىكى 80 نەچچە ياشلىق ھاۋاخان ئەمەر بۇلارنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كەلپىن ناھىيەسى نېمە ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارنى بىر - بىرلەپ يېڭىپ، نامراتلىقتىن قەدەممۇقەدەم قۇتۇلالىدى؟ دەل خۇاڭ چۈنچاۋدەك نۇرغۇن ياخشى كادىرنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

جېجياڭدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلارمۇ بەس - بەستە خۇاڭ چۈنچاۋچە ياخشى كادىر بولۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش قوماندان جۇ لىنسېن بارلىق كادىرلارنى باشلاپ، ياردەمگە ئېرىشكەن جايلارنى تەكشۈرگەندە، تۇنجى بېكەتتىلا كەلپىن ناھىيەسىدىكى يولداش خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىلغار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىغا كېلىپ، يولداش خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى.

«ھەممىلا گۈل قارلىق تاغدا ئېچىلىۋەرمەيدۇ، قار لەيلىسى شۇنداق قىلالىدى؛ ھەممىلا دەرەخ چۆلدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ، توغراق شۇنداق قىلالىدى؛ ھەممىلا ئادەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كېلەلمەيدۇ، بىز شۇنداق قىلالىدۇق!» يولداش خۇاڭ چۈنچاۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىلغار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىدىكى بۇ سۆزلەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەربىر كىشىنى رىغبەتلەندۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.