تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​قەتئىي بوشاشماي ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي روھى، ئاساسىي مەزمۇنى، ئاساسىي تەلىپىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

​قەتئىي بوشاشماي ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك​

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى​

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي روھى، ئاساسىي مەزمۇنى، ئاساسىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا، چېن چۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، تيەن شياڭلى ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى باشقا يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يازما پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدىيە بايرىقى، بىزنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى تۈپ مىزان بولۇپ، قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىگە ئىگە. قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۇنىڭ بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزملىق سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، ئىستراتېگىيەچىگە خاس قالتىس نەزەرىيە جاسارىتى، ئاجايىپ سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى، كۈچلۈك بۇرچ، مەسئۇلىيەت بىلەن، بىر قاتار ئىجادىي خاراكتېرگە، دەۋر خاراكتېرىگە، يېتەكچى خاراكتېرگە ئىگە مۇھىم، زور ئىدىيەۋى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بەرپا قىلدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىنكى بىر قاتار نېگىزلىك خاراكتېرگە ئىگە مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زامانىمىزدىكى ماركسىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، ئۇ زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىردىكى ماركسىزم بولۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشنى، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاچتى، مۇھىم، زور تارىخىي تۆھپىگە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىشقا كۈچەپ، تىرىشىپ ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆگىنىپ ئىگىلەشكە پۈتۈن زېھنى بىلەن كۈچەپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش، ئومۇملاشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاش، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئۈزلۈكسىز تۈردە پۇختا ئۆزلەشتۈرۈشكە پۈتۈن زېھنى بىلەن كۈچەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش بىلەن تۇتاشتۇرۇشتا، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن تۇتاشتۇرۇشتا، ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتى بىلەن تۇتاشتۇرۇشتا، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە لوگىكىسى، تارىخ لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەمەلىي ئىشلەشكە پۈتۈن زېھنى بىلەن كۈچەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.