− «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى كۇەيشەن پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
6 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، چىرايلىق كىيىنگەن، قولىدا دۆلەت بايرىقى كۆتۈرۈۋالغان ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چاغراق يېزىسى چاغراق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى زىننەتگۈل تۇنىياز 20دىن ئارتۇق يۇرتدىشى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ناخشا ئېيتىۋاتاتتى. ئۇلار ماڭغاچ مۇنداق ناخشا ئېيتتى: «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن، مەن پارتىيەنى ئانامغا ئوخشىتىمەن، ئانام جىسمىمنىلا تۇغدى، پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى قەلبىمنى يورۇتتى...»
«مەن يېزا تەشكىللىگەن <پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى كۇەيشەن پائالىيىتىگە قاتنىشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقىلا، بىز دېھقانلار ھەممىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز بار بولدى، ھەممە كىشى پۇل تاپالايدىغان بولدى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى زىننەتگۈل.ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى ناھىيە، شەھەر تەشكىللىگەن «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى كۇەيشەن پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ناخشا ساداسى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. كۇچا شەھىرىدە «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى كۇەيشەن پائالىيىتى باشلىنىشى بىلەن، ھەرقايسى ئورۇن، ھەرقايسى يېزا ـ بازارلاردىن نەچچە يۈز پىدائىي بەس ـ بەستە تىزىمغا ئالدۇردى.
6 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى سەھەردە، ماناس ناھىيەسىنىڭ ئاسمىنى سۈپسۈزۈك بولۇپ، خۇڭجيۇ باغچىسى مەيدانىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى، لەرزان مېلودىيەنىڭ ياڭرىشىدا، نۇرغۇن كىشى قولىدىكى دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، تېز قەدەملەر بىلەن مەيداننىڭ مەركىزىگە بېرىپ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» دېگەن بۇ ناخشىنى ئېيتتى.
ناخشا ساداسى ماناس دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئۈزۈلمەي ياڭرىدى، ناھىيە بازىرىغا 58 كىلومېتىر كېلىدىغان چىندىخوزا قازاق مىللىتى يېزىسىدا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچى ئامانگۈل قايسا ئائىلىسىدىكىلەر ئېسىل كىيىملىرىنى كىيىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. ئۇ «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» دېگەن ناخشىغا جور بولۇپ، ئون ياشلىق قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ چىندىخوزا قازاق مىللىتى يېزىسى تۈەنجۇاڭ كەنتىنىڭ كەنت تارىخى سارىيىغا كىردى.
«بالام قاراڭ، مانا بۇ بىز ئىلگىرى تۇرغان كىگىز ئۆي، دائىم سىرتتا قاتتىق يامغۇر ياغسا، ئىچىگە يامغۇر ئۆتۈپ كېتەتتى، نەدىمۇ ھازىر ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيلەردەك بۇنداق ئازادە، يورۇق بولسۇن.» كەنت تارىخى سارىيىنىڭ تېمىغا ئېسىلغان كونا سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئامانگۈل قىزىغا مۇنداق دېدى: كوممۇنىستىك پارتىيە بىزنى يېتەكلەپ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. بىز پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
«چارۋىچىلارنىڭ يېرىم مۇقىم ئولتۇراقلىشىدىغان تۇرمۇشى ئۈزۈل ـ كېسىل ئاخىرلاشتى، مەكتەپتە ئوقۇش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، مال چارۋا باقمىچىلىقىنى چۆرىدەپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان خاس كەسىپلەر ھەممە ئائىلىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە كىرىمىنى ئاشۇردى، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى بارغانسېرى ئاشتى.» چىندىخوزا قازاق مىللىتى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى يۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» دېگەن سۆز ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىنىڭ ئىپادىلىنىشى. بۇنىڭدىن كېيىن، يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جاسارەت بىلەن يېڭى سەھىپىلەرنى پۈتىدۇ.
«پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن، مەن پارتىيەنى ئانامغا ئوخشىتىمەن...» يۇرتىدىكى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەن يېلنار بولاتبېك ھەمىشە بۇ ناخشىنى ئىختىيارسىزلا ئېيتىپ كېتىدۇ. 6 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ئۇ «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى كۇەيشەن پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، ناخشىنى ناھايىتى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئېيتتى. «مەن ناخشا ئارقىلىق قەلب سۆزۈمنى ئىپادىلەيمەن» دېدى ئۇ.
يېلنار قاراماي شەھىرىنىڭ قاراماي رايونى شوگەي يېزىسى شوگەي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. بۇلتۇر، ئۇ ئىشىكى ئالدىدا ئىشلىگەندىن سىرت، دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقان بولۇپ، سودىسى ناھايىتى ياخشى بولدى. بۇ يىل، ئۇ بىراقلا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئۆيىگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆيىگە ئانچە يىراق بولمىغان پاكار ئات بازىسىنى ھۆددىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە ئۆيى ئالدىدىكى بىر پارچە بوش يەرنى ئىلتىماس قىلىپ، ئۇنى ئاتا ـ ئانىلار، بالىلارنى بىۋاسىتە ھېس قىلىش شارائىتى بىلەن مەخسۇس تەمىنلەيدىغان كىچىك تىپتىكى دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئۆزگەرتتى.
«بۇ يىل <1 - ماي>لىق دەم ئېلىشتا، دېھقانلار ئارامگاھىمنىڭ كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، كەلگۈسىدە بارغانسېرى ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.» يېلنار خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بەختكە ئېرىشكەندە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن يۇرتداشلارنى بىرلىكتە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمەن».(مۇخبىرلار جاڭ جىلى، گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار زو شياۋيۈ، گو شۆمېي يازغان)