تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ۋاقىتتىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ۋاقىتتىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى تەتقىق قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش مۇساپىسى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۇلۇغ كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق قالتىس مۇساپىسىدىن ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچتا چىڭ تۇرۇشتىكى ئوزۇقلۇق ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى قوبۇل قىلىپ، كوممۇنىستلار خىسلىتىنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى ئۈزلۈكسىز روشەنلەشتۈرۈش كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، «تۆتنى توختاتماسلىق»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسلىق ياردەم بېرىش ـ يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ـ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش ـ يۆلەش تۈزۈم مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك؛ يېزا ـ كەنتلەردە خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردا كەسىپلەرنى ئۇزاققىچە داۋاملاشما يېتىلدۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى سىجىل يولغا قويۇش كېرەك؛ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تەرتىپلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى پۇختا يولغا قويۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى تۈزەپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، تولۇق كاپالەتلىك، ئاساسىي خاراكتېرلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىكنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇش، ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ھەمدە ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ «بىرىنچى سەپتىكى باش قوماندان»لىق ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كۈچلۈك قوشۇن قۇرۇپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز نازارەت قىلىش ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن 1 ـ تۈركۈمدىكى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا باھالاش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، تۈزىتىش، خۇلاسىلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، جاھىل كېسەلنى داۋالاش ئومۇمىي جېڭى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. 2 ـ تۈركۈمدىكى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنىڭ قانۇنىيىتى، ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىپ ئىگىلەپ، قاتلام، تۈرلەرگە ئايرىشقا دىققەت قىلىپ، سىياسىي سادىقلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نەمۇنىلىك رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قائىدە ـ تۈزۈم ئورنىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 2 ـ تۈركۈمدىكى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنىڭ تەكشى، مۇقىم باشلىنىشىغا، باشلىنىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.