− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنىڭ ئىلھامى بىلەن − «تەرەققىيات قىسمى»
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى
2021 - يىلى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان شېنجوۋ 12 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن سەمىمىي تېلېفونلاشتى.
6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، شېنجوۋ 12 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، جۇڭگولۇقلار تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ بوشلۇق پونكىتىغا كىردى.
ئالەمگە ئۇچۇش ئارزۇسى − دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى.
100 يىل، تارىختىكى قىسقىلا بىر مەزگىل؛ لېكىن ئۇ ئازاب - ئوقۇبەتتىن شانلىق مەنزىلگە يېتىشكىچە بولغان ئەگرى - توقاي جەريان.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يول ئىزدەپ، نامرات، ئاجىز جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.
يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈز مىليونلىغان خۇاشيا ئوغۇل - قىزلىرىنى يېتەكلەپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشتىن ئىبارەت پارلاق قىرغاققا قاراپ ئاتلاندى!
بۇرچ بىردەك بولۇپ، شەرق مۆجىزىسىنى پۈتۈش
تومۇز ئىسسىق بولىدىغان 6 - ئاي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى.
«قۇياش شەرقتىن كۆتۈرۈلدى − شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنگىچە» تېمىسىدىكى تارىخىي يۈرۈشلۈك رەسىملەر كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى، شاڭخەي، نەنخۇ، جىڭگاڭشەن، يەنئەن، شىبەيپو، بېيجىڭ... قىزىل يەر بەلگىلىرى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق ئۇلۇغ مۇساپىسىنى قايتا نامايان قىلدى.
«بۇ يەردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قەيەردىن سەپەرگە ئاتلانغانلىقىنى، قانداق قىلىپ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلار ئىچىدە جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ گۈللىنىش، باي - قۇدرەتلىك بولۇش يولىغا ماڭغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن» دېدى لىۋاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىلىيا جابۇر كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن.
چاڭجياڭ دەرياسى دۇڭخەي دېڭىزى بىلەن ئۇچراشقان جايدا، شاڭخەي ياڭشەن چوڭقۇر سۇ پورتىدا كۆۋرۈك كىرانلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بۇ جاي پۈتۈن يەر شارىدىكى كونتېينېر مەشغۇلاتى ئەڭ ئالدىراش پورت رايونلىرىنىڭ بىرى، ھەر يىلى 20 مىليوندىن ئارتۇق ئۆلچەملىك كونتېينېر كىرگۈزۈلىدىغان، چىقىرىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشى بىلەن ئاخىرىنى ئۇلىسا يەر شارىنى ئۈچ قېتىمدىن كۆپرەك ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
ياڭشەن پورتى سۈن جۇڭشەننىڭ 100 نەچچە يىل ئىلگىرىكى «دۆلەت قۇرۇش تەدبىرى»دىكى «شەرقتىكى چوڭ پورت» ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چوڭ دۆلەت پۈتكەن شەرق مۆجىزىسىنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى نامرات، قالاق ھالەتتىن بۈگۈنكى كۈندىكى 100 تىرىليون يۈەنلىك كۆلەمدىن ئاشقان دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، 1 - چوڭ سانائەت دۆلىتى، 1 - چوڭ مال سودىسى دۆلىتى، 1 - چوڭ ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپى كۆلىمىدىكى دۆلەتكىچە؛ كىيىنىش - تويۇنۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىشتىن خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، مۇتلەق نامراتلىقتىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇشقىچە...
قەيەردىن كەلگەنلىكىنى چۈشەنگەندە، بۈگۈنكى جۇڭگونى تېخىمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ.
1840 - يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، قەدىمىي جۇڭگو ئازاب - ئوقۇبەتنىڭ چوڭقۇر ھاڭىغا پېتىپ قالدى. سانسىزلىغان ئىرادىلىك ۋە غايىلىك زاتلار ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا تاكى 100 يىل ئىلگىرىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغانغا قەدەر جاپالىق ئىزدىنىپ، خۇددى قاراڭغۇلۇقتىكى چىراغ نۇرىدەك مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىغا بولغان ئۈمىدىنى يورۇتتى.
ئىلگىرى بوزەك قىلىنغاچقا، تەرەققىياتنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ چۈشەندى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، قاتمۇقات سىناقلار ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى يېتەكلەپ، ئۇرۇش جاراھەتلىرىنى تېزدىن داۋالاپ ساقايتىپ، خەلق ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، قول سانائەت، كاپىتالىستىك سودا - سانائەتكە قارىتا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى ئىجادىي ئىشقا ئاشۇردى.
«تارىخقا شۇنى ئىسپاتلاتقۇزۇشىمىز كېرەككى، بىز ئىنقىلابىي ئۇرۇشقا ياخشى رەھبەرلىك قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە تىنچلىق مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقىمۇ چوقۇم ياخشى رەھبەرلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرەلەيمىز.» «1 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان باشلانغاندا يولداش ماۋ زېدۇڭ مەردانىلىك بىلەن شۇنداق جاكارلىغانىدى.
تۇنجى تۈركۈمدىكى داتلاشماس پولات تاۋلىنىپ چىقتى، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتوموبىل پۈتتى، تۇنجى تىراكتور زاۋۇتتىن چىقتى، تۇنجى چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى ياسالدى... «1 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كونا جۇڭگونىڭ 100 يىلدىكىسىدىن خېلى بەك ئېشىپ كەتتى.
1978 - يىلى، پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تارىخىي خاراكتېرلىك تەدبىر چىقىرىلدى.
يەرنى ئائىلىلەرگىچە تەقسىم قىلىپ، تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن، «تۆمۈر تاۋاق»نى چېقىپ تاشلاپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقىچە، يەنە دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە... ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
2012 - يىلى، دۆلەت مۇزېيى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ «گۈللىنىش يولى» كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا چىن ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «ئۆتمۈشنى ئەسلىگەندە، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن شۇنى ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەككى، ئارقىدا قالغانلار بوزەك بولىدۇ، تەرەققىي قىلغاندىلا ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدۇ».
تۆت يىلدىن كېيىن، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «تەرەققىيات پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى».
بۈگۈنكى كۈندە، 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قوشۇلۇپ كەلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى پۈتۈن يەر شارىدا ئالدى بىلەن تۇماندىن قۇتۇلۇپ چىقتى، «14 - بەش يىل» باشلانغان تۇنجى پەسىللىك GDP بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.3 ئېشىپ، كۈچلۈك تەرەققىيات ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلدى.
100 يىللىق مۇساپىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار «ئەڭ ئىرادىلىك نەتىجە يارىتىش ھېكايىسى»نى كۈچ ئۇلاپ يېزىپ چىقتى.
ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە ئىزدىنىپ، تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش
سېرىق توپىلىقنى يېشىل تاغقا ئايلاندۇرۇش −
20 نەچچە يىل ئىلگىرى، يەنئەننىڭ ۋۇچى ناھىيەسى ئىلگىرى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن جاي بولۇپ، بۇ ناھىيە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە باشلامچىلىق بىلەن تاغنى دائىرىلەپ چارۋا بېقىشنى چەكلەپ، كۆچەت تىكىپ، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈپ، ئەسلىھەلىك قوي بېقىپ، «يېشىل ئىنقىلاب»نى قوزغىغان.
چارۋا بېقىش چەكلەنگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، نۇرغۇن دېھقان شۇ چاغدىكى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ نارازى بولغان ھالدا: «ئەجدادلىرىمىز نەچچە ئەۋلادتىن بۇيان قوي بېقىپ كەلگەن تۇرسا، ئەمدى نېمىشقا باققىلى قويمايسىلەر؟» دەپ سورىغان. بەزىلەر ھەتتا قوينى ھەيدەپ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىغا بارىمىز دەپ داۋراڭ سالغان.
كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، سەۋرچانلىق بىلەن پۇقرالارغا بېيىش ھېساباتىنى ياخشى قىلىپ بەردى. جاپا - مۇشەققەتلىك تىپ ئۆزگەرتىش جەريانىدا، ۋۇچىدىن يەنئەنگىچە بولغان جايلار سېرىق توپىلىقنىڭ يېشىللىققا، يېشىللىقنىڭ گۈزەللىككە، گۈزەللىكنىڭ بايلىققا ئۆزگىرىشىنى كۈتۈۋالدى.
بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو تېخىمۇ زور ئىرادە بىلەن يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتماقتا.
كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى 2030 - يىلىدىن بۇرۇن تىرىشىپ چوققا قىممەتكە يەتكۈزىمىز، 2060 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز − 2020 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 75 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە شۇنداق دەپ تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى.
جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەش.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئىقتىساد، مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان، نوپۇسى كۆپ بولغان شەرقتىكى چوڭ دۆلەتتە سوتسىيالىزم قۇرۇش خۇددى ئادەم ئاياغ باسمىغان ئېگىز تاغقا ياماشقانغا ئوخشايتتى، ماڭىدىغان تەييار يول يوق ئىدى.
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش پىكىر يولى ۋە سىياسىتى باشتىن - ئاخىر رېئاللىق بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، ماڭغىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، ئۇ ھەم دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماسلاشقان، ھەم جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلگەن» دېدى پېرۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى(قىزىل ۋەتەن)نىڭ رەئىسى مورېنو.
دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىشتەك تەرەققىيات مەخپىي شىفىرى ئەزەلدىن دۆلەت ئەھۋالى تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان −
1930 - يىلى 5 - ئايدا، ماۋ زېدۇڭ جياڭشىنىڭ شۈنۋۇ ناھىيەسىدە ئۆزى «ئەڭ چوڭ كۆلەم» دەپ ئاتىغان جەمئىيەت تەكشۈرۈشىنى ئېلىپ بېرىپ، 80 مىڭ خەتچە كېلىدىغان «شۈنۋۇنى تەكشۈرۈش» دوكلاتىنى تاماملاپ، ئەينى چاغدىكى جۇڭگو يېزىلىرىنىڭ جەمئىيەت قىياپىتىنى نامايان قىلغان.
شۇ چاغدا، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ يولىنى «قانداق مېڭىش كېرەك» دېگەن بۇ مەسىلە پارتىيە ئىچىدىكى تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىدىكىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. ئاخىردا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىنقىلاب يولىنى ئاچقان.
دەۋر تېمىسىغا ئۈزلۈكسىز جاۋاب بەرگەندىلا، ئاندىن تەرەققىيات يۆنىلىشىنى باشتىن - ئاخىر توغرا ئىگىلىگىلى بولىدۇ −
ئىككى خانىلىق يۇقىرى ئېشىش بىلەن خوشلىشىپ، 2012 - يىلى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم %8تىن تۆۋەنگە چۈشۈپ قالدى.
ئوخشاش مەزگىلدە، ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان يىغىلغان قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەر ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى: بەزى جايلاردا تۇمان كۆپ كۆرۈلدى، قىسمەن كەسىپلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى ئېغىر بولدى...
دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ «ئۈچ مەزگىل ئۈستىلىنىپ كەتكەن» باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىن يېڭى نورمال ھالەتنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشقىچە، يەنە يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتۈش ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلغانغىچە...
يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى، ماس بولۇش ئىچكى ئالاھىدىلىككە ئايلاندى، يېشىل بولۇش ئومۇمىي ھالەتكە ئايلاندى، ئوچۇق بولۇش مۇقەررەر يولغا ئايلاندى، ھەمبەھرە بولۇش تۈپ مەقسەتكە ئايلاندى...
«چاڭئې» ئايغا چىقتى، «جۇرۇڭ» مارسنى چارلىدى، بېيدوۋ تورىنى تەشكىللەش تاماملاندى، 5Gنى سودىدا قوللىنىش تېزلىتىلدى، شياڭگاڭ - جۇخەي - ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى ئۈچ جاينى تۇتاشتۇردى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، قۇدرەتلىك دۆلەت ئىچى بازىرىنى شەكىللەندۈرۈش تېزلىتىلدى...
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنى باشلاپ دەھشەتلىك دولقۇنلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچتى.
بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئۇلۇغ گۈللىنىشكە ئاتلىنىش
جياڭشى يۈدۇ قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر ئۈچۈن يىغىلىپ يولغا چىققان جاي.
باش ياز مەزگىلىدىكى زىشەن بازىرى تەنتوۋ كەنتىدە، قاتار - قاتار زامانىۋى ئۆلچەملىك كۆكتات پارنىكلىرى، ئاق تام، قارا كاھىشلىق ئۆيلەر، سايە تاشلاپ تۇرغان ياپيېشىل دەرەخلەر، سۈزۈك كۆلچەك، مەنزىرە شىپاڭلىرى بۇ يەرگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى...
ئىلگىرىكى نامرات كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن كۈچ ئۇلاپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈپ، مول سېلىنلىق كۆكتات تېرىپ، ساياھەتچىلىك تامىقى يەپ، بۈگۈنكى كۈندە يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
«بۇلتۇر ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى 220 مىڭ يۈەن بولدى، بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتۇق.» قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانىنىڭ ئەۋلادى سۈن گۇەنفانىڭ سۆزىدىن چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان بەخت ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە، جەزمەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.
100 يىللىق مۇساپە بېسىپ ئۆتۈلدى، يەنە يېڭى مۇساپە باشلاندى.
يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يۇقۇم يەنىلا يەر شارىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە يامرىماقتا، دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك بولماقتا... نىشانغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، يول شۇنچە خەتەرلىك، دولقۇن تېخىمۇ جىددىي بولىدۇ.
«مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت جەزمەن چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك، ياخشى تۇتۇشقا تېگىشلىك خىزمەت» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.
تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەم ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا، ھەم ئۇنىڭدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشقا، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ؛
كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ھەرقايسى جايلارنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كەڭ، داغدام يولىدا ماڭماقتا.
جەنۇبىي قىسىمدىكى گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا، جۇڭگونىڭ سىپاللاتسىيەلىك نېيترون مەنبەسىگە تايىنىپ، دۇڭگۇەن سۇڭشەنخۇ ئىلىم - پەن شەھەرچىسى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىلىپ، ئىلگىرىكى ياسىمىچىلىق بازىسى چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى كوردىناتىغا ئايلاندى؛
ئوتتۇرا قىسىمدىكى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىدا، دەريا بويىدىكى 11 ئۆلكە، شەھەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماي»، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى «يېشىل ئۇزۇن ئەجدىھا»نى ئورتاق ھەرىكەتكە كەلتۈردى؛
شىمالىي قىسىمدىكى شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا، ئىش ئورۇنلىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، بىر تۈركۈم ئۇل خاراكتېرلىك مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلار پۇختا، قەدەم - باسقۇچلۇق ئالغا سىلجىتىلىپ، «تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ» ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا قەسەم قىلىندى...
قاياققا مېڭىشنى بىلگەندە، كەلگۈسىدىكى جۇڭگونى تېخىمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۆزلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق رىقابەت كۈچىنى قايتا يارىتىش −
خەينەن ئەركىن سودا پورت قۇرۇلۇشىدا ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى. يېقىندا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئېسىل بۇيۇملار مۇجەسسەملەنگەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى بۇ يەردە ئاخىرلاشتى.
گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى، جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت - سودا يەرمەنكىسى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى، جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى... پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بىر قاتار ھەمكارلىق سۇپىلىرى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت «قوش ئايلىنىش»نى راۋانلاشتۇرۇشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى ئىخچام سۈرەتلەپ بەردى.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىش −
گۇاڭدۇڭ شېنجېن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئالدىن يۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ تېز ئىلگىرىلىمەكتە؛ شاڭخەي پۇدۇڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش رايونى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى قەدەم تاشلىماقتا؛ پۈتۈن جېجياڭ ئۆلكىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە...
بۇ يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەر زىچ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز روشەنلەشتۈرۈلدى: ئالدىنقى بەش ئايدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرگە سېلىنغان مەبلەغ ئالدىنقى ئىككى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن %13.2 ئېشىپ، سېلىنغان بارلىق مەبلەغنىڭ ئېشىشىدىن تېز بولدى؛ يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار 18 مىڭ 497 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.6 ئاشتى، 2019 - يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.4 ئاشتى...
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۆزلەپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش −
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، 1800دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى نامراتلارنى يۆلەش بىرىنچى سېپىدە قۇربان بولدى؛ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا، 42 مىڭدىن ئارتۇق دوختۇر - سېسترا قارشى يۆنىلىشتە سەپەرگە ئاتلاندى، قۇربان بولغان دوختۇر - سېسترا ئىچىدە پارتىيە ئەزالىرى %70تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى... خەلق ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كېلىش، خەلق ئۈچۈن گۈللىنىش، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن بىللە بولۇش، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى.
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگونى پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا باشلاپ ماڭالىشىنىڭ يادرولۇق مەخپىيىتى كەڭ خەلق بىلەن بولغان زىچ ئالاقىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماي، خەلقنىڭ يۈكسەك ئىشەنچى ۋە كەڭ دائىرىدە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىدىن بولغان» دېدى ئەنگلىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى گىرىففىس.
يېڭى مۇساپىنىڭ بۇرغىسى چېلىندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۈز مىليونلىغان خەلق ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت قۇدرەتلىك كۈچنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ!
(مۇخبىرلار خەن جيې، جياڭ لىن، خې شىنرۇڭ، شيې شىياۋ، لى خۇا، ۋۇ خۇييىڭ)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)