تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئىرادىمىزدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئىرادىمىزدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. 6 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا (مەھەللە) پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تارىخى بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە «تۆت مىكرو» ئۆگىنىش، ئىشلىتىش، نامايان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى يىفېي پائالىيەتكە قاتناشتى.

يېزا (مەھەللە) پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تارىخى بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى پائالىيىتىدە ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى كەسكىن مۇسابىقىلەشتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرەپ بىلەن 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى، «شىنجاڭ پارتىيە ئەزالىرى تەربىيەسى» يان تېلېفون APPسى ئارقىلىق 590 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى توردا سوئالغا جاۋاب بېرىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ قىزغىن دولقۇنىنى سىجىل قوزغىدى.

ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مىكرو پارتىيە دەرسى، مىكرو دېكلاماتسىيە، مىكرو ھېكايە، مىكرو ھەمبەھرىلەشتىن ئىبارەت «تۆت مىكرو» ئۆگىنىش، ئىشلىتىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما ئەڭ ئاددىي، سەمىمىي ئاۋازى بىلەن ھېكايە سۆزلەپ، سىياسەت سۆزلەپ، ئىدىيە، تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ «تۆت مىكرو» بويىچە 17 مۇنەۋۋەر مىسالى كۆرسىتىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى تاللاپ ئەۋەتكەن «مىكرو پارتىيە دەرسى» «قانچە كۈرەش قىلغانسېرى شۇنچە ياشىرىمىز»، قاراماي شەھىرى تاللاپ ئەۋەتكەن «مىكرو ھېكايە» «كەسكىن ئىرادىلىك چېن شۇشياڭ»، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تاللاپ ئەۋەتكەن «مىكرو دېكلاماتسىيە» ئىنقىلابىي قۇربان لىن جۆمىن يازغان «ئايالىمغا مەكتۇپ»، قەشقەر ۋىلايىتى تاللاپ ئەۋەتكەن «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەمۇنىچىسى» ليۇ خۇنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدىكى «مىكرو ھەمبەھرىلەش» «سۈزۈك بۇلاق سۈيى بەخت يولى ئاچتى» قاتارلىقلار پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە تارىخىدىن تۈگىمەس كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئېتىقادى، ئەقىدىسى، ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يېڭى مۇساپىدە داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشىغا يەنىمۇ ئىلھام بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.