تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ مەملىكەت سىرتى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى تاجىكىستاندىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار، تاجىكىستاندا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سىنلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىنجاڭ مەملىكەت سىرتى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى تاجىكىستاندىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار، تاجىكىستاندا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سىنلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئاساسىي يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىپ، چوڭ ئېكراندا تاجىكىستاندىكى 20دىن ئارتۇق چياۋمىن قېرىنداشلار، تاجىكىستاندا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى، كۆپچىلىك توردىكى سىن ئارقىلىق «بۇلۇتتا جەم بولۇپ» ۋەتىنىگە، يۇرتىغا، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىگە بولغان دوستلۇق رىشتىنى يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشلىرى توغرىسىدا ئورتاق توختالدى.

تاجىكىستاندىكى خۇارېنلار، خۇاچياۋلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى كاڭ جۇڭيۈ مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، تاجىكىستاندىكى خۇارېن، خۇاچياۋلار ۋەتەن تارقاتقان «ساغلاملىق بوغچىسى»نى تاپشۇرۇۋالدى، دۆلەت سىرتىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش «باھار ۋاكسىنىسى ھەرىكىتى» تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ.

«بوۋام - مومامنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى. بۇ يىل مەن رەسمىي خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، مەكتىپىمىز كۆپ خىل شەكىلدىكى <ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش> پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا دوستانە ئۆتۈش، سىردىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، مەن ئوقۇتقۇچى بولۇشنىڭ نەقەدەر بەختلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.» يىغىندا، كاڭ جۇڭيۈنىڭ قىزى كاڭ يىپىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇش خۇشاللىق ھېسسىياتى ۋە ئەتراپىدا يۈزبەرگەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ھېكايىلىرىدىن كۆپچىلىكنى بەھرىلەندۈردى.

تاجىكىستاندىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار، تاجىكىستاندا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئاكتىپلىق بىلەن بەس - بەستە پىكىر بايان قىلىپ، دۆلەت سىرتىدىكى خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. چياۋمىنلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئائىلە تەۋەلىرى مەملىكەت سىرتىدىكى تۇغقانلىرىغا پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە يۇرتىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى بەس - بەستە تونۇشتۇردى.

تاجىكىستاننىڭ دۈشەنبە شەھىرى كارۋان بازىرىدىكى تىجارەتچى زايىر سابىر سىن ئارقىلىق ئاتۇش شەھىرىدىكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. «بۇ يىل 9 - ئايدا، بالىمىز يەسلىگە كىرىدۇ، يەسلىدە ھەقسىز ئوقۇيدۇ، تامىقىمۇ ناھايىتى ياخشى.» زايىرنىڭ خوتۇنى سەيدىگۈل ئىمىن مۇنداق دېدى: «ئۆيدىكى ھەممە ئىشلار ياخشى، سىز سىرتتا ئۆزىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ».

«ئاپىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ پېنسىيە پۇلىمىز بار، يەنە داۋالىنىش سۇغۇرتىمىزمۇ بار، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمىز. يېڭى ئۆيىمىزنى شەھەردىكى ئۆيلەردەك قىلىپ بېزىدۇق. يېقىنقى مەزگىلدە، خەۋەرلەردە غەربتىكى بەزى تاراتقۇلارنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدا ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، ۋاسىتە تاللىماي قارا چاپلاپ، تۆھمەت قىلىپ ۋە پاكىتنى بۇرمىلاپ، ساختا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن غەزەپلەندىم. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بۇلارنىڭ ھەق - ناھەقنى قانداق ئاستىن - ئۈستۈن قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا كاشىلا قىلالمايدۇ» دېدى زايىرنىڭ دادىسى سابىر مامۇت.

تاجىكىستان دۆلەتلىك مىللەتلەر داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن ۋېن يۈجيا، تاجىكىستاننىڭ دۈشەنبە شەھىرىدىكى ئۈرۈمچى ئاشخانىسىنىڭ ئاشپىزى نۇرئەلىجان تۇرغۇن قاتارلىق تاجىكىستاندىكى خۇارېن، خۇاچياۋلار مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى سىنلىق كۆرۈشۈش ئارقىلىق ئاتا - ئانىمىز، ئائىلىمىزدىكىلەر ۋە يۇرتداشلىرىمىز بىلەن «بۇلۇتتا جەم بولۇپ» ناھايىتى خۇشال بولدۇق، ۋەتىنىمىزنىڭ دۆلەت سىرتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، شىنجاڭ مەملىكەت سىرتى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى ۋە جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ بۇنداق تېپىلغۇسىز ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

شىنجاڭ مەملىكەت سىرتى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى پۇ شۆمېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گۈللەنگەن، باي - قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى، مەملىكەت سىرتى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ «چوڭ ئۆيى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپچىلىكنى داۋاملىق ياخشى مۇلازىمەت ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ۋە يۇرتىنىڭ گۈللىنىشىگە ئىلگىرىكىدەكلا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگو - تاجىكىستاننىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىدا كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى تېخىمۇ كۆپ خەلقنى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق چۈشىنىش، شىنجاڭنى تونۇش، شىنجاڭنى قوللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سىنلىق سۆھبەت يىغىنىدا يەنە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقات فىلىمى قويۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق چياۋمىنلار ئىشلىرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنگە قايتقان خۇاچياۋلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.