تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۆ يەنيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە تارىخى چوڭقۇر تەتقىق قىلىندى، ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىندى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تارىخنى ئەينەك قىلىپ، تارىخ ئارقىلىق ئىرادىنى يورۇتۇش، تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشكە يېتەكلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش قويۇق ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىلدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بىر قېتىم مەركەزلىك نامايان قىلىش ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، شەرھلەشنى ياخشى تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ چىڭ ئەگىشىپ، تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە «ئالتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا»دىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ دەل، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ پۇختا تۇتۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىن پىلانلاپ، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى، مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا يۈزلەنگەن تەشۋىقات، لېكسىيەنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا، سەككىز مۇتەخەسسىس، ئالىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، تەشكىلات بۆلۈمى، پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى، پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئاچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.