تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلغان نەمۇنىلىك كوماندىر

«باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىلىڭى» ياڭ يېگۇڭ:

بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلغان نەمۇنىلىك كوماندىر

ياڭ يېگۇڭنىڭ سۈرىتى (ماتېرىيال سۈرەت). □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گاۋ يۈجياۋ

ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭشەن شەھىرىگە جايلاشقان ياڭ يېگۇڭ خاتىرە سارىيىغا كىرگەندە، مۇقەددىمە زالىنىڭ دەل مەركىزىدە ياڭ يېگۇڭنىڭ ئاق مەرمەردىن ياسالغان پۈتۈن گەۋدىلىك ھەيكىلىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھەيكەلنىڭ ئارقىسىدىكى «ھەيۋەتلىك قوشۇن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە» ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان چوڭ رەسىمىدە جەڭ ئاپتوموبىللىرى قاتار تىزىلىپ، پولات قوشۇن ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بولۇپ، گۈمبەز شەكىللىك 59 چىراغ ياڭ يېگۇڭنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان 59 يىللىق شانلىق ھاياتىغا سىمۋول قىلىنغانىدى.

ياڭ يېگۇڭ خۇبېي يىڭچېڭدىن. 1945 - يىلى 2 - ئايدا تۇغۇلغان، 1963 - يىلى 8 - ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، 1966 - يىلى 2 - ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، ھايات ۋاقتىدا ئىلگىرىكى 2 - زەمبىرەكچىلەر قىسمىنىڭ مۇئاۋىن سەنمۇجاڭى بولغان. 2004 - يىلى 7 - ئايدا، زىيادە چارچاش سەۋەبىدىن كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغان.

«جاھان تىنچ بولغاندا، ئۇرۇشنى ئۇنتۇپ قېلىش مۇقەررەر خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، ھەربىيلەر ئۇرۇش قىلىشنى ئويلىمىسا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ.» بۇ، ياڭ يېگۇڭ دائىم دەيدىغان بىر ئېغىز سۆز. جۇمھۇرىيەتنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك پولات بازغىنى» ۋە «كوزىر» قىسىم قۇرۇش ئىشلىرىدا، ياڭ يېگۇڭ بۇرچىغا سادىق بولۇپ، غەلىبە قىلىشقا قەتئىي ئىرادە باغلاپ، دۆلەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان ھاياتىنى شەرھلىدى.

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ بېشىدا، ياڭ يېگۇڭ ئارمىيەمىزنىڭ تۇنجى يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمىنى قۇرۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ قىسىمدىن 11 نەپەر غوللۇق خادىمنى تاللاپ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش ئەترىتى تەشكىللىگەن. خىراجەتنى تېجەش ئۈچۈن، ئۇلار يەرلىكتىكى تاشلاندۇق زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ سېخلىرىنى قىسىمنىڭ يىڭى قىلغان. كەسپىي مەشىق قىلىش بىلەن بىللە، ئەترەت ئەزالىرى يول ياساپ، يەرنى تۈزلەپ، قاشا تام سېلىپ، ئىككى قولى بىلەن ئۆزىنىڭ «چوڭ لاگېرى»نى قۇرغان.

ئەينى چاغدا، يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخى تەتقىق قىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلمىغان بولغاچقا، يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش ئەترىتىدە دەرسلىك پىروگراممىسى يوق ئىدى، ياڭ يېگۇڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش ئەترىتىدىكىلەرنى باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئايلىنىپ، ئۇلاردىن تەلىم ئېلىپ ئۆگەنگەن. كۈندۈزى، ئۇلار سېختا ئۇستىلارغا ياردەمچى بولۇپ چېرتيوژ ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلىسە، كەچتە يەنە ئەستايىدىل خىزمەت خاتىرىسى قالدۇرغان. مۇشۇ ئاساستا، ئۇلار بىر يۈرۈش كەسپىي دەرسلىك تۈزۈپ چىققان.

1993 - يىلى، ياڭ يېگۇڭ ئارمىيەمىزنىڭ تۇنجى يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا لۈيىنى قۇرۇشقا مەسئۇل بولغان، قىسىم شۇ يىلى قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى جەڭگىۋارلىق شەكىللەندۈرۈپ، شۇ يىلىلا 2 - زەمبىرەكچىلەر قىسمى تارىخىدىكى تۇنجى مەلۇم يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن.

1995 - يىلى يازدا، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مۇھىم، چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋىردا، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى تەشكىللەنگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىققان، بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش مانېۋىرىدا ئالتىنى قويۇپ بېرىپ ئالتىنى دەل جايىغا تەگكۈزۈشتەك جەڭ نەتىجىسىگە ئېرىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىرادىسى ۋە مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان. ياڭ يېگۇڭ مانېۋىردا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەرەپ بىلەن 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.

2002 - يىلى، 57 ياشلىق ياڭ يېگۇڭ ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئىمتىھانى بەرگەن، گەرچە خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىرادە بىلەن بارلىق دەرسلەرنى تولۇق ئوقۇپ تۈگەتكەن. ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرنەچچە ئېيىدا، ئۇ كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ، «بىرلەشمە جەڭگە قوماندانلىق قىلىش ئاپپاراتى قۇرۇشتا ئىگىلەشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر» دېگەن تېمىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسىنى تاماملىغان.

2004 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۇدا نەچچە كۈن ھوشسىز ياتقان ياڭ يېگۇڭنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتتى. خوتۇنى ياڭ يۈجېن ياڭ يېگۇڭنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئۆز ئاغزى بىلەن تاپشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغانىدى، لېكىن، ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر ئاغزىدىن چۈشۈرمىگىنى يەنىلا «مەشغۇلات قىلىش»، «يولغا چىقىش» دېگەن سۆزلەر بولدى...

7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سەھەر سائەت 3تە، ياڭ يېگۇڭ ۋاپات بولدى.

ھەربىي سەپكە قاتناشقان 41 يىل مابەينىدە، ياڭ يېگۇڭ ھاياتى ئارقىلىق پارتىيەگە كىرگەندە يازغان قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى − «مەن ھەرقانداق ۋاقىتتا شەخسىي مەنپەئەتىمنى پارتىيەنىڭ مەنپەئىتىگە شەرتسىز بويسۇندۇرۇپ، تىرىشچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، بارلىقىم، ھەتتا ھاياتىمنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتماسلىققا كاپالەتلىك قىلىمەن».

2005 - يىلى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ياڭ يېگۇڭغا «بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلغان نەمۇنىلىك كوماندىر» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە «1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى ئوردېنى»نى تولۇقلاپ بەردى. 2006 - يىلى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ياڭ يېگۇڭ پۈتۈن ئارمىيە بويىچە رەسىمى ئېسىلغان قەھرىمان نەمۇنىچى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، شۇ يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ياڭ يېگۇڭغا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دېگەن نامنى تولۇقلاپ بەردى.

«ياڭ يېگۇڭ خاتىرە سارىيى 2012 - يىلى ئېچىلغاندىن بۇيان، 2 مىليون 700 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئادەم كۈتۈۋالغان». ياڭ يېگۇڭ خاتىرە سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى لو يۇڭ مۇنداق دېدى: ياڭ يېگۇڭ خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش بىر خىل روھ تاۋلاشتۇر.

خاتىرە سارىيىدىكى تەڭ نىسبەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ياڭ يېگۇڭنىڭ كونا تۇرالغۇسىدا نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىلەر قەدىمىنى توختىتىپ، ئىشىك بېشىدىكى ياڭ يېگۇڭ يازغان «سوۋغات ئېلىپ كىرمەڭ» دېگەن خەتنى؛ ياڭ يېگۇڭ ئەر - خوتۇن ئۇخلايدىغان تۆت چوڭ ياغاچ ساندۇق قۇراشتۇرۇلۇپ ياسالغان قوش كىشىلىك كارىۋاتنى؛ ياڭ يېگۇڭ 18 يىل كىيگەن بىر قۇر كۈزلۈك كىيىمنى، 30 نەچچە يىل ئىشلەتكەن بىر سىر قاچىنى كۆرگىنىدە تەبىئىي ئويغا چۆمەتتى...

«سەمىمىي ساداقەت، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىمىز؛ تۇنجى جەڭگە مېنى قاتناشتۇرۇڭلار، مېنى قاتناشتۇرساڭلار جەزمەن غەلىبە قىلىمىز...» ياڭ يېگۇڭ قىسىم ئۈچۈن ئىجاد قىلغان بۇ ھەربىي ناخشا ھازىرغىچە راكېتا ئارمىيەسىنىڭ بازىسىدا ياڭرىماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.