تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

نەنخەي ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئۆچمەس ئابىدە

ۋاڭ ۋېي:

نەنخەي ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئۆچمەس ئابىدە

خاڭجوۋ شەھىرى ئەنشيەن قەبرىستانلىقىدىكى ئىنقىلابىي قۇربان ۋاڭ ۋېينىڭ مىس ھەيكىلى (3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تارتىلغان). □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى يۈن فوتوسى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى يۈن، جاڭ مىمى

خەينەن لىڭشۈي، مەلۇم ھەربىي ئايرودۇرۇم، يەنىلا ئەينى يىللاردىكى ئاشۇ ئۇچۇش - قونۇش يولى.

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ھەر خىل تىپتىكى ئالاھىدە ئايروپىلانلار ئارقا - ئارقىدىن ئۇچۇپ قونۇۋاتاتتى، دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمى مەلۇم قىسمىنىڭ ئۇچۇش مەشىقى شەرقتە تاڭ سۈزۈلگەندىن باشلاپ تاكى ئاسماننى يۇلتۇزلار قاپلىغانغا قەدەر داۋاملىشاتتى.

20 يىل ئىلگىرىكى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ ئۇچقۇچىسى ۋاڭ ۋېي قىرغۇچى - Ⅱ8 بەلگىلىك ئايروپىلاننى ھەيدەپ، مۇشۇ يەردىن جەڭ مەشىقى قىلىپ ئۇچۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايون ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 3 _ EP بەلگىلىك رازۋېدكا ئايروپىلانىنى ئىز قوغلاپ كۆزەتكەن. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئايروپىلانى يۆنىلىشنى چوڭ ئۆزگەرتىپ سوقۇلغانلىقتىن، ئايروپىلان دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ، ۋاڭ ۋېي قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

ۋاڭ ۋېي، 1968 - يىلى تۇغۇلغان، جېجياڭ خۇجوۋدىن، دېڭىز ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ ئۇچقۇچىسى بولۇپ، دېڭىز ئارمىيەسى شاۋشياۋ ھەربىي ئۇنۋانىغا ئىگە. ئەينى يىلى نۇرغۇن سەپداشلىرىنىڭ نەزەرىدە، ۋاڭ ۋېي تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن، ئۇچۇشقا ئىشتىياق باغلىغان مۇنەۋۋەر ئۇچقۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە كۆپ ئىقتىدارلىق، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان يىگىت ئىدى. كۆپ يىللاردىن كېيىن، ۋاڭ ۋېينىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سەپداشلىرى ھېلىمۇ ئەينى يىللاردىكى مەشىق ۋە تۇرمۇشنى ئەسلەپ تۇرماقتا.

«ئۇلارنىڭ جەڭ قىلىش ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى، سىگنال بېرىلىشى بىلەن ناھايىتى تېز ئۇچاتتى.» مەلۇم ئوق - دورا چوڭ ئەترىتىنىڭ 1 - دەرىجىلىك جۈنشىجاڭى جاڭ يوۋتاۋ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ ئەينى يىلىدىكى ياتىقى ئۇچقۇچىلار ئاشخانىسىنىڭ يېنىدا بولۇپ، دائىم ۋاڭ ۋېي ۋە سەپداشلىرىنىڭ تاماق قاچىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ جەڭ ئايروپىلانىغا قاراپ يۈگۈرەيدىغانلىقىنى كۆرەتتۇق. بۇ يەردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جىددىي بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش «ئادەتتىكى ئىش» ھېسابلىناتتى.

ۋاڭ ۋېي ئەينى يىلى تۇرغان ياتاقتا ھازىر دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ مەلۇم قىسىم ئايروپىلان خىزمىتى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى تۇرىدۇ. مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى جۇ سەييۈەننىڭ ئەسلەپ ئېيتىشىچە، 20 يىل ئىلگىرى ئۇ دەل تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3 - يىللىقىغا چىققان بولۇپ، ۋاڭ ۋېينىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، دەل قىسىمدىن ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلار كەلگەن، ئۇلارنىڭ يىللىقىدىن 20 نەچچە ساۋاقداش تىزىملاتقان. كېيىن جۇ سەييۈەن ئۇچقۇچىلار شۆيۈەنىگە كەلگەن، دەل يەنە ئەسلىدە ۋاڭ ۋېي تۇرغان 1 - ئەترەتكە تەقسىم قىلىنغان.

«مەن ۋاڭ ۋېي روھىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە ھەربىي سەپكە قاتناشقان، مېنىڭچە بۇ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسقانلىق» دېدى جۇ سەييۈەن. ھەر قېتىم بوشلۇقتا چەت ئەل ھەربىي ئايروپىلانى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇ ئۆزىگە: «تارىخ ھەرگىز تەكرارلانمايدۇ» دەيدۇ.

ئوخشاش ياشتىكى ئۇچقۇچىلار ئىچىدە، ۋاڭ ۋېي جەڭ مەشىقى قىلىپ ئۇچۇش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ، مۇھىم، زور ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ ئۇچقۇچى ئىدى. ئۇ ئىلگىرى 2000 قېتىمدىن ئارتۇق بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، دېڭىز بوشلۇقىدا ئۇچۇش مول تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان. ئەينى يىلىدىكى ئەڭ ئىلغار بولغان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋاڭ ۋېي تۇنجى بولۇپ 1000 سائەت تولۇق ئۇچۇپ، ناھايىتى تېزلا تۆت خىل ھاۋا رايىدا ئۇچالايدىغان «پۈتۈن ھاۋا رايىلىق» 1 - دەرىجىلىك ئۇچقۇچىغا ئايلانغان.

بۇ خىل جاپالىق مەشىق قىلىش روھى «يەر يۈزىدە جاپالىق مەشىق قىلىش، بوشلۇقتا ماھىرلىق بىلەن ئۇچۇش» دەپ خۇلاسىلەنگەن. ئۇچقۇچى چى داۋخېڭ ھازىر ھەر كۈنى دېگۈدەك ۋاڭ ۋېي ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇچقان ئۇچۇش - قونۇش يولىدا ئۇچۇش - قونۇش مەشىقى قىلىدۇ ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ. مەشىق زېرىكىشلىك ھەم تەكرار بولۇپ، «مۇسكۇل خاتىرىسى» شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. چى داۋخېڭنىڭ قەلبىدە ۋاڭ ۋېينىڭ شۇنچە ياش تۇرۇپ «پۈتۈن ھاۋا رايىلىق» 1 - دەرىجىلىك ئۇچقۇچى بولالىشى «ئىنتايىن قالتىس ئىش» ئىدى. ئۇنى تېخىمۇ قايىل قىلغىنى ۋاڭ ۋېينىڭ جىگەرلىك ئىكەنلىكىدۇر. «بۇ ئۇچۇش - قونۇش يولىدا ئۇچقاندا، ئەگەر قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىساق، قەلبىمىزدە دۆلەت بار دېيەلمەيمىز» دېدى چى داۋخېڭ.

ۋاڭ ۋېي سەۋەبلىك لىڭشۈيدىن ئىبارەت بۇ نامى چىقمىغان كىچىك ناھىيە بازىرى ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ ئارزۇيىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان جايغا ئايلانغان. مېخانىك زېڭ چياڭ، بوشلۇق رادار خادىمى شۈ ۋېيجيەنلەر تەقسىملەش تىزىملىكىدىكى «لىڭشۈي» دېگەن جاي نامىنى كۆرۈپ، مۇشۇ يەرگە كېلىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى تاللىغان. بۇ يەردە دۆلىتىمىزنىڭ ئىلغار ئالاھىدە ئايروپىلانى بار ئىدى. «مەن دائىم ئۆزۈمنى ئايروپىلاندا كاشىلا بار ئەھۋالدا ئۇچۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئۇنىڭ قۇربان بولغانلىقىغا يۈز كېلەلمەيمەن، دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىمەن» دېدى زېڭ چياڭ.

ۋاڭ ۋېي قۇربان بولغاندىن كېيىن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەرىپىدىن «دېڭىز بوشلۇقى قوغدىغۇچىسى» دېگەن شەرەپلىك نام ۋە 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى مېدالى تولۇقلاپ بېرىلدى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالى» تولۇقلاپ بېرىلدى ھەم «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» بولۇپ باھالاندى.

بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ۋاڭ ۋېينىڭ قۇربان بولغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. ئىلگىرى بۇ ئۇچۇش - قونۇش يولىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلغان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى ئەسكەر جاڭ يۈەن خاڭجوۋدىكى ئىنقىلابىي قۇربان ۋاڭ ۋېينىڭ كىيىم - كېچەكلىرى دەپنە قىلىنغان قەبرىگە مەخسۇس بېرىپ، ھەيكەل ئالدىدا ئۈچ بەتلىك ئۇزۇن خەت يازدى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا مىللىتىدە ئەزەلدىن تۈۋرۈك كەم بولمىغان، ئىلگىرى كەم بولۇپ باقمىغان، ھازىر كەم ئەمەس، كەلگۈسىدىمۇ ھەرگىز كەم بولمايدۇ».

دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە داشۆسىنىڭ ئۇچقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىمۇ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان بىر پارچە خەت يازدى، پات ئارىدا جەڭ ئورنىغا ئاتلىنىدىغان ئۇلار ۋاڭ ۋېيغا مۇنداق دېدى: «سىز ئۇچۇپ ئۆتكەن ئاسمان بوشلۇقى ھەقىقەتەن گۈزەل».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەيكوۋ، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.