يې شىن:
سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان ئاق خالاتلىق جەڭچى
يې شىننىڭ سۈرىتى (ماتېرىيال سۈرەت). □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ خۇڭيى
گۇاڭجوۋ ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى كۆپ تۈركۈم پەرۋىش قىلىش ئەترىتى ئەۋەتىپ، شۇ جاينىڭ كەڭ كۆلەملىك خېسۈەن تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ. «مەن ۋە ئەتراپىمدىكى خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەممىسى سېسترالار باشلىقى يې شىننىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئۆزىمىزنى بېغىشلاۋاتىمىز» دېدى ياردەمگە قاتنىشىۋاتقان بىر سېسترا.
1956 - يىلى، يې شىن گۇاڭدۇڭ شۈۋېندىكى بىر دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1974 - يىلى، يې شىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنى تەربىيەلەش ئەترىتىگە قوبۇل قىلىنغان. 1976 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، پەرۋىش قىلىش ئىقتىدار سىنىقى نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغاچقا، دوختۇرخانىدا قېلىپ خىزمەت قىلغان. كېيىن كەسپىي ئىقتىدارى گەۋدىلىك بولغاچقا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى ئېرشاداۋ دوختۇرخانىسى جىددىي داۋالاش بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 1996 - يىلى، يې شىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.
2003 - يىلى چاغاننىڭ ئالدى - كەينىدە، كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولمىغان سارس كېسىلى گۇاڭجوۋنىڭ بەزى رايونلىرىدا تارقىلىشقا باشلىغان. 2 - ئاينىڭ بېشى ئەمدىلا ئۆتۈشىگە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى ئېرشاداۋ دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي داۋالاش بۆلۈمى «سارس» دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ياكى گۇمانىي ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالاشقا باشلىغان. يې شىن سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر «سارس» كېسىلى ئاغرىقلىرىنى تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش، داۋالاش، پەرۋىش قىلىش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلانغان.
«بۇ يەر خەتەرلىك، مەن قىلاي!» بۇ، يې شىننىڭ «سارس» كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى قۇتقۇزغاندا دائىم دەيدىغان بىر ئېغىز سۆزى. خىزمەتداشلىرىنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئىشقا بارغاندا، ئۇنىڭ بىرىنچى قىلىدىغان ئىشى قايناق سۇ بىلەن ئالدىنى ئېلىش دورىسىنى ئېلىپ كېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ دورا يېيىشىگە ئۆزى قاراپ تۇرۇش بولغان. ئۇ كۆپچىلىككە تۈرلۈك ئايرىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى، دوختۇردىن تارتىپ پەرۋىش خادىملىرىغىچە بىرمۇ كىشىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى، تەكشۈرۈشتە ئىنتايىن ئېھتىياتچان ۋە ئەستايىدىل بولۇشنى قايتا - قايتا ئەسكەرتكەن.
«سارس» كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ تېز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۆلۈم خىزمىتىنىڭ سىجىللىقى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. يې شىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى ئىلتىماس قىلغان، ئالدىراش ۋاقتىدا ئۇ ئۆيىدىكىلەردىن كەلگەن تېلېفوننىمۇ ئېلىشنى رەت قىلىپ، تېلېفوننى ئالغان سېستراغا: «ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويۇڭ، مەن ئىشلەۋاتىمەن، ماڭا ھېچنېمە بولمىدى» دېگەن.
بىر قېتىم «سارس»قا گىرىپتار بولغان بىر خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا، يې شىن بەختكە قارشى يۇقۇملىنىپ قالغان. 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى زىيادە چارچاپ كەتكەن يې شىندا قىزىش ئالامىتى كۆرۈلۈپ، ئامالسىز كېسەلخانىغا كىرىپ قالغان، ئارقىدىن سارس كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان.
كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ قالسىمۇ، يې شىن يەنىلا چاقىرىش ئەسۋابى ئارقىلىق باشقا «سارس» ئاغرىقلىرىنى پەرۋىش قىلىش ئەھۋالىنى سوراپ تۇرغان. ئەڭ دەسلەپكى نەچچە كۈندە، دوختۇر - سېسترالار ھەر قېتىم كېلىپ تەكشۈرگەن ۋە داۋالىغاندا، ئۇ ئۇلارغا ئايرىش كىيىمىدىن بىرنى ئارتۇق كىيىپ، ماسكىدىن بىر نەچچىنى ئارتۇق تاقىۋېلىشنى قايتا - قايتا تاپىلىغان. ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «مەن پېشقەدەم سېسترالار باشلىقى تۇرسام، نېمىشقا بولمايدۇ؟» دېگەن.
ئۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە، قولىغا قەلەم ئېلىپ ناھايىتى تەستە: «ماڭا يېقىنلاشماڭلار، يۇقۇملىنىپ قالىسىلەر...» دەپ يازغان. 2003 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سەھەردە، يې شىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 47 يېشىدا ۋاپات بولغان.
«سارس» كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىشتىن تاكى ئاغرىپ يېتىپ قالغۇچە، يې شىن باشتىن - ئاخىر خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلمىغان، ئۆيىگە بىر قېتىممۇ قايتمىغان، ئۇ ھاياتى بىلەن بىر ئاق خالاتلىق جەڭچىنىڭ ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزۇشتەك تەسىرلىك سەھىپىنى پۈتۈپ چىققان. يې شىن خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» «خەلق ساغلاملىقىنىڭ ياخشى مۇھاپىزەتچىسى» دېگەن شەرەپلىك نام ۋە «بېتيون مېدالى» «نايتىڭگېل مېدالى» تولۇقلاپ بېرىلگەن؛ 2009 - يىلى، يې شىن «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 100 شەخس» بولۇپ باھالانغان. يې شىننىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنىنى «يې شىن خاتىرە كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن.
2020 - يىلىنىڭ بېشىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز تارقالغاندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ توققۇز تۈركۈمدە 88 دوختۇر - سېسترانى خۇبېيغا ياردەمگە ئەۋەتكەن ھەم ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى شياڭگاڭ، خېبېي، يۈننەن، لياۋنىڭ ھەمدە مالايسىيا قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم قىلغان.
ئىلگىرى «سارس»قا تاقابىل تۇرۇشقا قاتناشقان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى جىددىي داۋالاش بۆلۈمى چوڭ بۆلۈمىنىڭ باش سېسترالار باشلىقى دېڭ چيۇيىڭ مۇنداق دېدى: «يې شىن روھى» قەلبىمىزدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلالايدىغان، ئىدىيە، تېخنىكا جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)