ۋاڭ يىڭ:
باشەن قىزىل يوپۇرمىقى ئۆزگىچە قىزىل
بۇ، ۋاڭ يىڭنىڭ ھايات ۋاقتىدا سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ نەنجياڭ ناھىيەسىدىكى گۇاڭۋۇشەن تېغىدا چۈشكەن سۈرىتى (ماتېرىيال سۈرەت). □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ شياۋيىڭ
«مەن نۇرغۇن كىشىنى رەنجىتىپ قويغانلىقىمنى بىلىمەن، لېكىن مەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دېگەن بۇ نامنى ئەزەلدىن رەنجىتىپ باقمىدىم.» بۇ سۆزنى ۋاڭ يىڭ دېگەن، ئۇ ھايات ۋاقتىدا سىچۇەن ئۆلكىسى باجۇڭ شەھىرى نەنجياڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.
ۋاڭ يىڭ 1961 - يىلى تۇغۇلغان. 1982 - يىلى، ئۇ غەربىي جەنۇب مىللەتلەر شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، باجۇڭ ناھىيەلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان، كېيىن يەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا يۆتكىلىپ خىزمەت قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى بولغان.
باجۇڭ − قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىسسىق قېنى تۆكۈلگەن مۇنبەت تۇپراق. ئۇ، بۇ قىزىل تۇپراقتا ئېتىقادنىڭ كۈچىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىغا بولغان ساداقىتىنى مۇستەھكەملىگەن.
ۋاڭ يىڭنىڭ جۇغى كىچىك بولغىنى بىلەن ۋۇجۇدىدىن جاسارەت ئۇرغۇپ تۇراتتى. ۋاڭ يىڭنى چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىدا ئارىغا ئادەم قويۇشنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ نەنجياڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان بىرنەچچە يىلدا، تۈرلۈك چىگىش، تىپىك دېلولاردىن 50 نەچچىنى بىۋاسىتە باش بولۇپ تەكشۈرۈپ بېجىرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەلگەن توسالغۇلار ئالدىدا ئاخىرغىچە تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قالغان.
ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى ئورنىدا، ئۇ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ئارىلىق قويماسلىق، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئارازلىق بولماسلىق، نازارەت قىلىش، مەمۇرىي تەپتىش قىلىشتا بوشلۇق قالدۇرماسلىق، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا بىرىنىمۇ باستۇرۇپ قويماسلىق، قايتا ئوبراز تىكلەشتە ھەممىنى نۆلدىن باشلاشتەك «بەش خىل» خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى مۇھىت ياراتقان. ئۇ كەنت دەرىجىلىك پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خادىمى تۈزۈمىنى تەسىس قىلىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەنت دەرىجىلىك ئەرزىيەت دېلولىرىنى زور دەرىجىدە ئازايتقان.
ئۇ يۇرتداشلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ غېمىنى يېگەن. ئۇ چېپىپ يۈرۈپ ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، تۇرالغۇسى بىلەن تېرىلغۇ يېرى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان كەنت ئاھالىلىرىگە زەنجىر كۆۋرۈك سالدۇرۇپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق ۋە تۇرمۇشىغا زور قولايلىق ياراتقان؛ ئۇ «مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچىلەر بايراقدارى» بولۇپ ئېرىشكەن 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىنى يېزىلاردىكى نامرات بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلەتكەن؛ ئۇ يەنە شۇ جايدىكى يۈدۈپ يۈك توشۇشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان «يۈك توشۇغۇچى»لارغا ياتاق بىناسى سالدۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم تۇرىدىغان جايغا ئىگە قىلغان... ئاممىنىڭ قەلبىدە ئۇ خۇددى قۇياش نۇرىغا، باھار شامىلىغا ئوخشايتتى.
ۋاڭ يىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە بىرىنچى سېپىدە 20 يىل خىزمەت قىلغان، نەنجياڭ ناھىيەسىدە ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەر بولغان كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىزچىل پاك - دۇرۇس بولۇپ، يۈز - خاتىر قىلماي، كۆپ قېتىم سوۋغات پۇلىنى رەت قىلغان، ھەتتا ئۆز ئىنىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان. ئۇ دائىم: «قولىمىزدىكى ھوقۇق ئومۇمنىڭ ھوقۇقى، ئەگەر ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىسەك، خەلققە ئاسىيلىق قىلغان بولىمىز!» دەيتتى.
2006 - يىلى 7 - ئايدا، نەنجياڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغاندا، ۋاڭ يىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چارچاپ يىقىلىپ قالغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقى ئېنىقلانغان. ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلنىڭ يېنىك ئىش ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ قويۇش تەكلىپىنى رەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «كۆپ ۋاقتىم قالمىغانلىقىنى بىلىمەن، ئىشلىيەلىگىنىمچە ئىشلەپ باقاي. مەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىمەن، مەن ئىش ئورنۇمدا ئاخىرغىچە چىڭ تۇرىمەن».
2008 - يىلى ۋېنچۇەندىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتە، نەنجياڭ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان، چۇڭچىڭدا خىمىيەلىك داۋالىنىۋاتقان ۋاڭ يىڭ دەرھال داۋالاشنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇپ نەنجياڭغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ يېزا - بازارلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە ئۇدا بىرقانچە ئاي خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلمىغان.
2008 - يىلى 11 - ئايدا، ۋاڭ يىڭ كېسەل سەۋەبىدىن 47 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭغا «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» «مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدارى» «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» قاتارلىق ناملار بېرىلگەن. بىر ئۆمۈر قىزىل يوپۇرماققا ھېرىسمەن بۇ ئايال قىزىل يوپۇرماقتەك سالاپەت ۋە پەزىلەتكە ئىگە ئىدى، ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى ئىنقىلابىي كونا ئازاد رايون باجۇڭدىن ئىبارەت بۇ قىزىل مۇنبەت تۇپراققا بېغىشلىغان بولۇپ، داباشەنلىكلەر تەرىپىدىن «مەڭگۈلۈك باشەن قىزىل يوپۇرمىقى» دەپ ئاتالغان.
ۋاڭ يىڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، نەنجياڭ ناھىيەسى «ۋاڭ يىڭ روھى ماڭا ھەمراھ» پائالىيىتىنى ئىزچىل قانات يايدۇردى؛ نەنجياڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نەنجياڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى بىلەن بىرلىشىپ تەسىس قىلغان ۋاڭ يىڭ نادىر تەربىيە دەرسلىكى شۇ جايدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك ۋە پاكلىق تەربىيەسىدىكى زۆرۈر دەرسلىككە ئايلاندى.
«ۋاڭ يىڭ روھى مەڭگۈ بىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىمىز» دېدى نەنجياڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ خەيچۈەن.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)