تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

«يېڭى مەزگىلدىكى قەھرىمان جەڭچى»نىڭ ھاياتلىق زەپەر مارشى

لى شياڭچۈن:

«يېڭى مەزگىلدىكى قەھرىمان جەڭچى»نىڭ ھاياتلىق زەپەر مارشى

لى شياڭچۈننىڭ سۈرىتى (ماتېرىيال سۈرەت). □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يۈ شياۋچۈەن، ليۇ يىنو

قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئالدىدا، جىڭجوۋ توسمىسىدا يەتتە كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغان لى شياڭچۈن ئوڭ قولىنى ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈپ، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان كەلكۈن سۈيىنىڭ ئاۋازى ئىچىدە تەنتەنىلىك قەسەم بەردى: «مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم...»

1998 - يىلى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ھەربىيلىك ئىستاژى 20 ئاي، پارتىيەلىك ئىستاژى سەككىز كۈن بولغان بۇ ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش جەڭ مەيدانىدا يىقىلىپ، مەڭگۈلۈك كۆز يۇمدى.

خەيكوۋ شەھىرى شيۇيىڭ رايونىنىڭ دۇڭشەن بازىرىدا، ئىنقىلابىي قۇربان لى شياڭچۈن خاتىرە مەيدانىدىكى ھەيكەل ئالدىدا، كىشىلەر پات - پات ئېھتىرام بىلدۈرەتتى. ئانچە يىراق بولمىغان بىر كوچىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى جاي دەل لى شياڭچۈن تۇغۇلغان ۋە ئۆسۈپ يېتىلگەن جاي ئىدى.

1996 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ھەربىي گازارمىغا كىرىش ئارزۇسى تولۇپ تاشقان 18 ياشلىق لى شياڭچۈن يەنە بىر قېتىم ئاتا - ئانىسىغا ھەربىيلىككە قاتنىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ ۋاقىتتا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى ۋە خەينەن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ رايون ئەۋزەللىكىدە، لى شياڭچۈن ئائىلىسى قۇرغان كىيىم - كېچەك پىششىقلاش زاۋۇتى ۋە ئىككى كىيىم - كېچەك توپ سېتىش دۇكىنىنىڭ تىجارىتى ئىنتايىن ياخشى ئىدى. لى شياڭچۈن ئائىلىسىنىڭ بىرنەچچە ئاپتوموبىلىنى باشقۇرۇشقا ياردەملىشەتتى، كىچىك تۇرۇپلا نۇرغۇن پۇل تاپالايتتى. ئاتىسى لى دېچىڭ ئوغلىنىڭ ئارزۇسىنى بىلگەچكە، ئوغلىنىڭ تىزىملىتىپ چاقىرىق بويىچە ئەسكەر بولۇشىغا ئىلھام بەرگەن.

شۇ يىلى 12 - ئايدا، لى شياڭچۈن سابىق گۇاڭجوۋ ھەربىي رايونى مەلۇم جىتۇەنجۈنى «تاشەن مۇھاپىزەتچى قەھرىمان تۇەنى» 9 - ليەنىگە كېلىپ، قەھرىمان قىسىمنىڭ بىر يېڭى ئەسكىرىگە ئايلانغان.

«يەرلىكتىكى بىر ياشتىن لاياقەتلىك ئەسكەرگىچە، يەنە مۇنەۋۋەر ئەسكەرگىچە، ئالاھىدە رايوندىن كەلگەن، ئائىلە شارائىتى باياشات بولغان لى شياڭچۈنگە يېنىدىكى سەپداشلىرى ھەۋەس بىلەن قارايتتى» دېدى «لى شياڭچۈن ليەنى»نىڭ ھازىرقى جىداۋيۈەنى ۋاڭ شىپېڭ.

1997 - يىلى، لى شياڭچۈن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۇەن، يىڭ، ليەننىڭ ئۈچ قېتىم تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن، يىل ئاخىرىدا «مۇنەۋۋەر ئەسكەر» بولۇپ باھالانغان. 1998 - يىلى 4 - ئايدا، نۇر كابېل ياتقۇزۇش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن، لى شياڭچۈن شەرەپ بىلەن 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.

«مەن سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيمەن، ئەمما مەن سىزنىڭ كىم ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن...» «كىم ئۈچۈن» دېگەن ناخشا 20 نەچچە يىلدىن بۇيان چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كەڭ تارقىلىپ ئېيتىلىپ، كىشىلەرگە 1998 - يىلىدىكى پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈندىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش داۋامىدا ئۆز ھاياتى بىلەن ھېسابلاشمىغان قەھرىمانلارنى ئەسلىتىدۇ.

ئاشۇ يىلى، لى شياڭچۈن تۇرۇشلۇق قىسىم كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان. «مەن جەزمەن قىسىمغا قايتىشىم، ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىشىم كېرەك!» ئۆيىدە دەم ئېلىۋاتقان لى شياڭچۈن ئائىلىسىدىكىلەرگە شۇنداق دېگەنىدى. بۇ ئايرىلىشنىڭ مەڭگۈلۈك ئايرىلىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېچكىممۇ ئويلىمىغانىدى.

ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، لى شياڭچۈن پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان. 14 كۈنلۈك كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، ئۇ كەلكۈن سۈيىگە سەكرەپ چۈشۈپ توسما ئاستىدىكى تۆشۈكلەرنى تەكشۈرگەن، سول پۇتى تىلىنىپ يارىلىنىپ، قان توختىماي ئاققان بولسىمۇ يەنىلا قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ بىرىنچى سەپتىن ئايرىلمىغان؛ ئۇ ئۇدا 14 سائەت جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، قىزىتمىسى يانماي، ھالىدىن كېتىپ ھوشسىزلىنىپ يىقىلىپ قالغان، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇسقا چىققان؛ ئۇ ئوكۇل يىڭنىسىنى تارتىۋېتىپ يۈگۈرۈپ توسمىغا چىقىپ، نەچچە ئون قۇم خالتىسىنى توشۇغاندىن كېيىن، يەنە توسمىدا ھوشسىزلىنىپ يىقىلىپ قالغان...

1998 - يىلى 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جىددىي يىغىلىش پۇشتەك ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى شياڭچۈن كېسەل كارىۋىتىدىن ئۆمىلەپ قوپۇپ، قەتئىيلىك بىلەن كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش قوشۇنىغا قاتناشقان. سائەت 10 ئەتراپىدا، ئۇ 3 - قېتىم ھوشسىزلىنىپ يىقىلىپ قالغان، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى يۆلەپ سالقىن جايغا ئېلىپ بارغان. ئازراق ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن لى شياڭچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلغان، لېكىن ئىنتايىن ئاجىزلاپ چارچاپ كەتكەنلىكتىن، 4 - قېتىم ھوشسىزلىنىپ توسمىدا يىقىلىپ، قايتا ھوشىغا كەلمىگەن...

«مەن توسمىغا چىقىمەن!» بۇ پارتىيەلىك ئىستاژى ئاران سەككىز كۈن بولغان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى لى شياڭچۈن قالدۇرۇپ كەتكەن ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆز.

خەينەندىن ئالدىراش يېتىپ كەلگەن لى دېچىڭ، ۋاڭ يۈچيۇڭ ئەر - خوتۇن ئوغلىنىڭ جەسەت كۈلى قۇتىسىنى قۇچاقلاپ، ئوغلى پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بەرگەن توسما بۆلىكىگە چىقتى.

«داداڭ سېنىڭ ئورنۇڭدا سەن ئورۇنداپ بولالمىغان ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تاماملايدۇ!» 50 ياشتىن ئاشقان لى دېچىڭ ئوغلىنىڭ ھەربىي فورمىسىنى ۋە ئوغلىنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 14 كۈنىگە ھەمراھ بولغان قۇتقۇزۇش كىيىمىنى كىيىپ، توسمىغا چىقىپ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە قۇم خالتىسى توشۇدى، توسمىنى مۇستەھكەملىدى. قايغۇ - ھەسرەتنى ئىچىگە يۇتقان ۋاڭ يۈچيۇڭ 9 - ليەننىڭ ۋاقىتلىق تۇرالغۇسىدا، كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ كىيىملىرىنى يۇيۇپ بەردى، يوتقان - كۆرپىلىرىنى تىكىپ بەردى، كۆكتات يۇيۇپ تاماق ئېتىپ بەردى...

خەينەنگە قايتىشتىن بۇرۇن، لى دېچىڭ، ۋاڭ يۈچيۇڭ ئەر - خوتۇن 2000 يۈەن چىقىرىپ ئوغلىنىڭ ئورنىدا پارتىيە تەشكىلىگە پارتىيەگە كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پارتىيە بەدەل پۇلى تاپشۇردى ھەم ھەرقايسى تەرەپلەر ئىئانە قىلغان 20 مىڭ يۈەن ھال سوراش پۇلىنى ئاپەت يۈزبەرگەن رايوندىكى ئاممىغا تەقدىم قىلدى.

لى شياڭچۈن قۇربان بولغاندىن كېيىن، سابىق گۇاڭجوۋ ھەربىي رايونى ئۇنىڭغا «كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش قەھرىمانى» دەپ شەرەپلىك نام بەردى ھەم ئۇ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان بەنگە «لى شياڭچۈن بەنى»، ئۇ تۇرغان ليەنگە «لى شياڭچۈن ليەنى» دەپ نام بەردى. 1999 - يىلى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت لى شياڭچۈنگە «يېڭى مەزگىلدىكى قەھرىمان جەڭچى» دەپ شەرەپلىك نام بەردى. قەھرىمان نەمۇنىچىنىڭ سۈرىتى پۈتۈن ئارمىيەدىكى ليەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردا چاپلاندى.

«ئائىلىسى بېيىغاندا دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۇنتۇماسلىق، ئىرادىدىن قايتماي خەلقنى كۆزلەش» 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، «لى شياڭچۈن ليەنى»دىكى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر «لى شياڭچۈن روھى»غا داۋاملاشتۇرۇپ ۋارىسلىق قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش قېتىم كوللېكتىپ 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، 17 قېتىم كوللېكتىپ 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى.

ليەندۈينىڭ 1 - قەۋەتتىكى كورپۇس ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە، «لى شياڭچۈن بەنى» دېگەن بەلگە ئېسىقلىق ئىدى. كورپۇس ئۆيگە كىرگەندە، قەھرىمان ھايات ۋاقتىدا ئۇخلىغان كارىۋات رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغانىدى. بەندىكى جەڭچىلەر ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن قەھرىماننىڭ يوتقىنىنى ئېچىپ قوياتتى، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا يەنە يىغىپ قوياتتى، خۇددى ئۇ ئەزەلدىن ئايرىلىپ باقمىغاندەك ئىدى.

«قەھرىمان سەپدىشىمىز قۇربان بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باشتىن - ئاخىر قەلبىمىزدە ھايات، ئەتراپىمىزدا ھايات» دېدى «لى شياڭچۈن بەنى»نىڭ ھازىرقى بەنجاڭى جاڭ يۈفېي.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەننىڭ، 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.