تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

دېڭفېڭدىكى «قالتىس ئايال ساقچى» پۇقرالارنىڭ سىردىشى

رېن چاڭشيا:

دېڭفېڭدىكى «قالتىس ئايال ساقچى» پۇقرالارنىڭ سىردىشى

بۇ، رېن چاڭشيانىڭ سۈرىتى (ماتېرىيال سۈرەت). □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خەن چاۋياڭ

رېن چاڭشيانىڭ قۇربان بولغىنىغا 17 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممىنىڭ سېغىنىشى سۇسلاشمىدى. 17 يىلدىن بۇيان، چاڭشيا روھى بىر ئابىدىگە ئايلىنىپ، سۇڭشەن تېغى ئېتىكىدە قەد كۆتۈردى، كىشىلەر قەلبىدە قەد كۆتۈردى.

رېن چاڭشيا 1964 - يىلى تۇغۇلغان، خېنەن ئۆلكىسى سۈيشيەن ناھىيەسىدىن. 1983 - يىلى ساقچى مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، جېڭجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جۇڭيۈەن شۆبە ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنىپ، تەييارلىق سوراق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1992 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ھايات ۋاقتىدا دېڭفېڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ئىدى.

ساقچى بولغان 21 يىلدا، ئۇ باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ دەرد - ئەلىمى، ئامانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئامانلىقىنى قوغداپ، ئاممىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرىپلىشىگە ئېرىشكەن. رېن چاڭشيا كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسىتىپ تەقدىرلىنىپ، شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك مېدالى، مەملىكەتلىك ياشلار ئىش ئورنى ماھىرى، مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدارى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.

قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كەسپىي ساپا، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ھەرقانداق جىنايەت گۇماندارىنىڭ رېن چاڭشيانىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشىغا ئىمكانىيەت بەرمەيتتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، رېن چاڭشيا جۇڭيۈەن شۆبە ئىدارىسى تەييارلىق سوراق بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، جەمئىي 1072 قېپقالغان جىنايەتنى قېزىپ، بېسىلىپ قالغان دېلونى پاش قىلىپ، 950تىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قوغلاپ تۇتۇپ، خېنەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تەييارلىق سوراق تارىخىدا تەڭداشسىز نەتىجە ياراتقان.

2001 - يىلى 4 - ئايدا، رېن چاڭشيا دېڭفېڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، خېنەن ئۆلكىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى تارىخىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ تۇنجى ئايال باشلىقى بولغان. شۇ جايدا تۈرلۈك دېلولارنىڭ بېسىلىپ قېلىش ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقتىن، رېن چاڭشيا «100 كۈنلۈك دېلو پاش قىلىش بىرلەشمە جېڭى» تەشكىللىگەن. بولۇپمۇ دېڭفېڭ بەيشاخۇ كۆلى بويىدا قانۇنسىز قاماپ قويۇپ، قاقتى - سوقتى قىلىپ، گۇناھسىز كىشىلەرنى ئۇرۇپ، ئۆلتۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈچلۈك غەزەپ - نەپرىتىنى قوزغىغان ۋاڭ سۇڭ قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى جىنايەت شايكىسىغا قارىتا، رېن چاڭشيا ئەتراپلىق رازۋېدكا قىلىش، ئەپچىل چارە - تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، كادىر - ساقچىلارنى تەشكىللەپ ۋاڭ سۇڭ ۋە ئۇنىڭ شايكىسىدىكى 65 ئەزانىڭ ھەممىسىنى قانۇن تورىغا چۈشۈرگەن.

دېڭفېڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى بولغان قىسقىغىنا ئۈچ يىلدا، ئۇ خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق 20 شايكىنى بىتچىت قىلغان، تۈرلۈك جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 3420نى پاش قىلغان، ئاممىدىن ھال ئېيتىپ كەلگەنلەر ۋە ئەرز خېتىدىن 3467 ئادەم (پارچە) قېتىمنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلغان، بېسىلىپ قالغان 100 نەچچە دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرغان... شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ھەممىسى دېڭفېڭغا بىر «قالتىس ئايال ساقچى» كەلدى، دېيىشكەن.

2004 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچتە، رېن چاڭشيا جېڭجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدە خىزمەتلەرنى دوكلات قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئېغىر، زور دېلونى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كېچىلەپ دېڭفېڭغا قايتىۋاتقاندا، يولدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ بەختكە قارشى قۇربان بولغان، شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 40 ياشتا ئىدى. شۇم خەۋەر يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئامما ئۆزلۈكىدىن تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويغان. رېن چاڭشيا قۇربان بولغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلگەن. 2019 - يىلى 9 - ئايدا، ئۇنىڭغا يەنە شەرەپ بىلەن «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن.

بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، سۇڭشەن تېغى ئېتىكىدىكى دېڭفېڭ شەھىرى ليەنتيەن قەبرىستانلىقىدىكى رېن چاڭشيانىڭ ھەيكىلى ئالدىدا، ساقچى بايرىقى لەپىلدەپ تۇراتتى، ياش خەلق ساقچىلىرى شېئىر ئوقۇش، ئىش ئىزلىرىنى بايان قىلىش، گۈل تەقدىم قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق رېن چاڭشيانى ياد ئەتتى، چاڭشيا روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلدى.

17 يىلدىن بۇيان، يولداش رېن چاڭشيانىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىسى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن 1 مىليونغا يېقىن ئاممىنى كۈتۈۋالدى، ئامما سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى جەمئىي 150 پارچىدىن ئاشتى، تەقدىم قىلىنغان گۈل سېۋىتى تەزىيەنامىسى ئۈچ چوڭ تاغاردا ساقلانماقتا.

رېن چاڭشيا ھايات ۋاقتىدا دائىم مۇنداق دەيتتى: «قەلبىمىزدە پەقەت ئومۇم بولسىلا، خەلق ئاندىن خاتىرجەم بولىدۇ. ساقچىنىڭ ئالدىغا نېمە ئۈچۈن <خەلق> دېگەن سۆز قوشۇلىدۇ؟ بۇ ئۆزىڭىزنىڭ خەلقنىڭ ساقچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇشىڭىز ئۈچۈندۇر، خەلقنىڭ ساقچىسى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشى، ھەممىدە خەلقنى رازى قىلىشى كېرەك!»

رېن چاڭشيا قۇربان بولغاندا، ئوغلى ۋېي چېنياۋ تېخى 17 ياشقا كىرمىگەنىدى. ھازىر، ۋېي چېنياۋنىڭ ساقچى بولغىنىغا 12 يىل بولدى. «مەن ئاپام ماڭغان يولنى بويلاپ داۋاملىق ماڭىمەن» دېدى ۋېي چېنياۋ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.