تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتقان ھەقىقەت نۇرى

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنىڭ ئىلھامى بىلەن − «ئىزدىنىش قىسمى»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، ۋاڭ زىمىڭ، گاۋ لېي، شۈ جۇاڭ

«پارتىيەمىزنىڭ تارىخى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش تارىخى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيە يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش تارىخى.» بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا چوڭقۇر قىلىپ شۇنداق كۆرسەتتى.

100 يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سالساق، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھەقىقەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئىزدىنىپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قارىماققا مۇمكىن بولمايدىغان مۆجىزىلەرنى بىر - بىرلەپ ياراتتى.

يېڭى مۇساپىگە يۈزلەنگەندە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

100 يىلدىن ھالقىپ، ھەقىقەتنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىش

1921 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، قۇياش كالېندارى بويىچە يېڭى يىل، خۇنەن چاڭشادا لەپىلدەپ قار يېغىۋاتاتتى.

ئوندىن ئارتۇق ياش زىيالىي 4 - ماي ئىلغار مەدەنىيىتىدە بارلىققا كەلگەن دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ئېقىمىدا مېڭىپ، چاۋزۇڭ كوچىسىدىكى مەدەنىيەت كىتاب ئوقۇش جەمئىيىتىگە كېلىپ، يېڭى دېموكراتىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ چاڭشادىكى ئوقۇغۇچى ئەزالار يىغىنىنى ئېچىپ، قانداق قىلىپ «جۇڭگو بىلەن دۇنيانى ئۆزگەرتىش»نى مۇھاكىمە قىلدى.

ماۋ زېدۇڭ يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇسۇل جەھەتتە، مەن رۇسىيەچە دېموكراتىيەنى قوللىنىشنى بەك قوللايمەن. چۈنكى رۇسىيەچە يول نۇرغۇن يولدا مېڭىش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان يول».

تارىخنىڭ يۆگىمىسىنى ئاچساق، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن بۇيان، ئەجنەبىيچىلەر ھەرىكىتى، ۋۇشۈ يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمى، پارلامېنت تۈزۈمى، زۇڭتۇڭ تۈزۈمى... سانسىزلىغان ئىرادىلىك ۋە غايىلىك زاتلار ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىسلاھ قىلىپ قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن جاپالىق ئىزدەنگەن، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىزدەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا ھەممىسى مەغلۇپ بولغان.

تۈرلۈك ئىدىيەۋى ئېقىملار ۋە مەسلەكتىكى داۋالغۇش ھەتتاكى خاتا سىناق داۋامىدا، ماركسىزمنى تاللاش تارىخ سەھنىسىگە چىققان.

«ئەتراپتىكى ئاق ھاكىمىيەتنىڭ قورشاۋى ئىچىدە، بىر كىچىك پارچە ياكى بىرنەچچە كىچىك پارچە قىزىل ھاكىمىيەت رايونىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھازىرقى دۇنيادا پەقەت جۇڭگودىلا بار ئىش.» جىڭگاڭشەندىكى ئۇچقۇن تۇمان ئىچىدە ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو ئىنقىلابىغا يېپيېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

«ئىشچى - دېھقانلار قوراللىق ئايرىلىپ تۇرۇش، يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش» − «تاغ جىلغىسى ئىچىدىكى ماركسىزم» دېھقانلارنىڭ نوپۇسى %80تىن ئاشىدىغان يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق بىر دۆلەتتە ئىنقىلابنى قانداق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە بىر يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب يولىنى ئاچتى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، ئۇرۇش جاراھەتلىرىنى تېزدىن داۋالاپ ساقايتىپ، خەلق ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسىدا، ئىجادىي ھالدا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك تۈپ تۈزۈمنى ئورناتتى.

«سوتسىيالىزم دېگەن نېمە؟ سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟» جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەزەلدىن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى توختاتمىدى.

يېپيېڭى تېما، جاپالىق ئىزدىنىش.

جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشتىن نامراتلىقنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك مەسىلىسى ئەمەسلىكىگە جاۋاب بېرىشكىچە؛ پەن - تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن، يېزا يەر ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشنى قوللاشقىچە؛ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشتىن ئىجادىي ھالدا سوتسىيالىزمنى بازار ئىگىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكىچە...

مەۋقەنى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە نەزەرىيە جاسارىتى بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ باردى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولى ئېچىلدى، تەرەققىيات زور دولقۇنى قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، جۇڭگو زېمىنى كۈنسېرى يېڭىلاندى.

يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جېجياڭنىڭ يۈسۈن كەنتى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، جياڭنەننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نامايان بولۇپ تۇراتتى.

ئىلگىرىكى سېمونت زاۋۇتى، تاش قېزىش مەيدانى قاپلىغان، چاڭ - توزان دەستىدىن كۆزنى ئاچقىلى بولمايدىغان ھالەتتىن، بۈگۈنكى كۈندە چېقىپ كۆچۈرۈلگەن سېمونت زاۋۇتىنىڭ كونا ئورنىنىڭ رەڭدار باغچىغا ئايلىنىشىغىچە، يۈسۈن كەنتىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى يېشىل تەرەققىيات ئەمەلىيىتى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»نىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى جانلىق شەرھلەپ بەردى.

«جۇڭگو ئارزۇسى» ئارقىلىق ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى مۇجەسسەملەش، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئارقىلىق ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاش، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئارقىلىق خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش...

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى.

ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش

يەنئەن ئىنقىلابى خاتىرە سارىيىدا، ئىككى چى چوڭلۇقتا كېلىدىغان تۆت پارچە تاش تاختا 70نەچچە يىللىق ئىسسىق - سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈپ مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا، تاش تاختا ئۈستىدىكى «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» دەپ ئالاھىدە يېزىلغان چوڭ خەتلەردىن باشتىن - ئاخىر ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ.

بۇ تاش ئويما يەنئەندىكى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ چوڭ زالىدىكى ئىشىك بېشىدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ، يولداش ماۋ زېدۇڭ 1943 - يىلى ئۆز قولى بىلەن يازغان بېغىشلىما ئىدى.

بۇ تۆت خەتتە 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر نەزەرىيە جەھەتتىكى ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادكارلىقىنى ساقلاشتىكى ئاچقۇچلۇق مەخپىي شىفىرى ساقلانغان.

يەنئەن شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى چياۋئېرگوۋ ئىنقىلابى يادىكارلىق ئورنىدا بىر گوتچە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدىكى كاتولىك دىنى چېركاۋى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. 1938 - يىلى، پارتىيە 6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى بۇ جايدا ئېچىلغان.

«ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇلۇشى ئۇنى ھەربىر ئىپادىسىدە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدى.» يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا بۇ ئاچقۇچلۇق ھۆكۈمنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىلمىي نەزەرىيەنى قوللىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان بىر خىل ئاڭلىقلىق، ئىشەنچنىڭ يېپيېڭى مۇقەددىمىسى باشلاندى.

جۇڭگوچە يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب يولى مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنى «ئۈچ چوڭ تاغ»نى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا يېتەكلەپ، تۇنجى قېتىم خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى؛ سوتسىيالىزمنىڭ ئالدىغا «جۇڭگوچە» دېگەن ئېنىقلىغۇچىنى قوشۇش دۇنيا سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ تۆۋەن دولقۇنىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان «جۇڭگو ئەندىزىسى»نى يېزىپ، ئىنسانلارنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان «جۇڭگو مۆجىزىسى»نى ياراتتى...

«بىز يەرلەرنى ئائىلىلەرگە بۆلۈپ بېرىمىز، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقى ئىمزا قويۇپ تامغا باسىدۇ، ئەگەر كېيىن شۇنداق قىلالىساق، ھەربىر ئائىلە پۈتۈن بىر يىللىق دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان ئاشلىق ۋە ۋەزىپە ئاشلىقىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، دۆلەتتىن پۇل، ئاشلىق تەلەپ قىلمايدۇ».

1978 - يىلى، ئەنخۇينىڭ شياۋگاڭ كەنتىدىكى بىر ئېغىز ۋەيرانە، كونا كەپە ئۆيدە، 18 دېھقان «قورسىقىنى تويغۇزۇش» ئاددىي خىيالىدا تەۋەككۈل قىلىپ «ھايات - ماماتلىق كېلىشىم»گە قىزىل بارماق ئىزىنى باسقان.

بىر ۋاراق «كېلىشىم»نىڭ كۈچى قانچىلىك بولىدۇ؟ شياۋگاڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە، «چوڭ ھۆددىگەرلىك» يولغا قويۇلۇپ 2 - يىلى، شياۋگاڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 1955 - يىلىدىن 1970 - يىلىغىچە بولغان ھوسۇلنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىغا باراۋەر بولغان.

«چوڭ ھۆددىگەرلىك»تىن كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىغىچە، «ئۈچ پىششىقلاش، بىر تولۇقلىما»دىن يېزا - بازار كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە... پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ باش ئىجادىيەتچىلىك روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، مۇۋاپىق پەيتتە ھەربىر «نۇقتا»دا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ۋە ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، تاۋلاپ، يۈكسەلدۈرۈپ، ئاندىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا پايدىلاندى.

1935 - يىلى 1 - ئايدا، زۇنيى خۇڭخۇاگاڭ رايونى زىيىن يولى 96 - نومۇرلۇق قورۇدىكى 27 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان، جىنچىراغ بىلەن يورۇتۇلغان بىر ئېغىز كىچىك ئۆيدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە رەھبەرلىك قىلغۇچىلار جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە پارتىيەنى قۇتقۇزۇۋالدى، قىزىل ئارمىيەنى قۇتقۇزۇۋالدى، جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتقۇزۇۋالدى.

«گەر ئېرىشسە ئەجدىھا توپى يولباشچىغا، قىيىپ كەتمەي سەپ تۈزۈپ ماڭار، بۇلۇتلار توسسىمۇ ئادىشىپ كەتمەي، كۆكتە ئەركىن پەرۋاز قىلىپ ئۇچار.» جۇ دېنىڭ بۇ بىر كۇپلېت شېئىرى زۇنيى يىغىنىدىن كېيىنكى يېپيېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى.

ئون يىلدىن كېيىن، يەنئەن ياڭجيالىڭدىكى مەركىزىي چوڭ زالدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تۇنجى قېتىم ئۆزى سالغان ئۆيدە مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ئاچتى، بۇ قېتىمقى يىغىندا ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى.

ئەينى يىلىدىكى يىغىن مەيدانىدا، ئىككى تەرەپتىكى تامغا ئالتە لوزۇنكا ئېسىلغان بولۇپ، ھەربىرىگە «ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتەيلى» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى ھەم غەلىبىگە سىمۋول قىلىنغان «V» ھەرپى بار ئىدى.

زۇنيى يىغىنىدىن پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيىغىچە، ئىككى قېتىملىق يىغىندا بىر يىمىرىلمەس داۋلى ئېچىپ بېرىلدى: ھەقىقەتكە ئىنتىلىش يولىدا، پەقەت ھەر ۋاقىت ئۆزىنى يېڭىلايدىغان پەزىلەت، باتۇرلۇق بىلەن خاتالىقنى تۈزىتىدىغان جاسارەتنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىختا سانسىزلىغان مۇھىم ئۆتكەللەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەربىر قېتىملىق بۆسۈش داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆزىنىڭ سىياسىتى ياكى تەدبىرىنى تەڭشەش ئارقىلىق، ئىنقىلاب، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى» دېدى لىۋان كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى خاننا گارىب.

ئىدىيە جەھەتتە يېتەكلەپ، گۈللىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇجەسسەملەش

2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالى.

«ماقۇللاندى!» پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان 2300دىن ئارتۇق ۋەكىل ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر تەنتەنىلىك قول كۆتۈردى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەنە بىر قېتىم يېتەكچى ئىدىيەنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، خەلق سارىيى يەنە بىر قېتىم تەنتەنىلىك پەيتكە گۇۋاھ بولدى.

2018 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىدا، كۈچلۈك ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلدى.

دەۋر ئىدىيەنىڭ ئانىسى، ئەمەلىيەت نەزەرىيەنىڭ مەنبەسى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ھەم چوڭقۇر جەمئىيەت ئۆزگىرىشى ئەڭ ئۇلۇغۋار ھەم ئۆزگىچە نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى بارلىققا كەلتۈردى.

«سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» «14تە چىڭ تۇرۇش» ھەم يۇغۇرۇلۇپ بىرلىككە كەلگەن، ھەم بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور دەۋر تېمىسىغا ئىلمىي جاۋاب بەردى، پۈتۈنلەي يېڭىچە نەزەر بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

«شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، 21 - ئەسىرنىڭ ماركسىزمى، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، بىزنىڭ ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدىكى ئىلمىي يېتەكچى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى» دېدى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چۈ چىڭشەن.

تارىخنىڭ مۇساپىسى قەيەردىن باشلانسا، ئىدىيەنىڭ مۇساپىسىمۇ شۇ يەردىن باشلىنىدۇ.

2020 - يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخى، دۇنيا تارىخىدىكى بىر مۇھىم «سۇ بۆلگۈچ» ھېسابلىنىدۇ. 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز پارتلاپ، دۇنيا ئىقتىسادى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر چېكىنىشكە پېتىپ قالدى، جۇڭگو ئىقتىسادى مىسلى كۆرۈلمىگەن كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى.

2020 - يىلى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جېجياڭ نىڭبو، ئەتىيازنىڭ سوغۇقى بولۇۋاتقان مەزگىل.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يامغۇرغا قارىماي جوۋشەن پورتى چۇەنشەن پورت رايونىدىكى پىرىستانغا كېلىپ، ماشىنا گۈرۈلدەۋاتقان كارخانا سېخىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدە، مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 7 - قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىگە دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، «دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش» دېگەن بىر مۇھىم ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش − تارىختىكى ئاچقۇچلۇق پەيتتە، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى «14 - بەش يىل»نى باشلاش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە بەردى.

نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش بىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلەيدۇ.

2020 - يىلى 11 - ئاي، باش قىش كىرگەن گەنسۇدا سوغۇق بارغانسېرى كۈچەيگەنىدى.

دىڭشى شەھىرى لىنتاۋ ناھىيەسى لۇڭمېن بازىرىنىڭ داجەيزى كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە يەنىلا ئىللىق كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇراتتى. يۇرتداشلار بۇ يەردە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، بېيجىڭدىن كەلگەن «ئوقۇتقۇچى»نىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى.

ئامما ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇنداق لېكسىيە چوڭ داۋلىنى ئاممىباب سۆزگە ئايلاندۇردى، كەلگۈسىدىكى بەش يىل، 15 يىلدا دۆلىتىمىز قانداق تەرەققىي قىلىدۇ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، بىز بىر ئاڭلاپلا چۈشەندۇق».

بۇ يىل 6 - ئايدا، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، يەنە بىر نەزەرىيەۋى ئاممىباب ئوقۇشلۇق «يېڭى مۇساپىگە يۈزلىنىش» پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىتابخانىلارنىڭ جازىلىرىغا تىزىلىپ، كادىرلار، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قانداق قاراش، يېڭى مۇساپىنى قانداق باشلاش قاتارلىق 14 مۇھىم، زور مەسىلە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك چۈشەندۈرۈلدى.

«جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۆگىنىشكە تايىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى، شۇنداقلا مۇقەررەر ھالدا ئۆگىنىشكە تايىنىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىدۇ».

يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، تېخىمۇ مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، تېخىمۇ مۈشكۈل ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى چىڭىتىشتىكى كۈچ مەنبەسى، باشتىن - ئاخىر بىزنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىلمىي قورال.

ئىدىيەنىڭ كۈچى زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ ئۆتىدۇ، ھەقىقەت نۇرى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتىدۇ. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كەڭ كادىرلار، ئامما ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرسىلا، چوقۇم غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.