تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

يېڭىلىق يارىتىش سەپەر يەلكىنىنى چىقىرىش

باۋ چىفەن:

يېڭىلىق يارىتىش سەپەر يەلكىنىنى چىقىرىش

باۋ چىفەننىڭ شاڭخەي پورتى پىرىستانىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ماتېرىيال سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جيا يۈەنكۇن

شاڭخەي 2 - سانائەت داشۆسى مەكتەپ رايونىغا جايلاشقان باۋ چىفەننىڭ يېڭىلىق يارىتىش يولى كۆرگەزمىخانىسىدا، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، زاۋۇتلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر... ئۇلار بۇ يەرگە كېلىپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ نېمىدىن كېلىدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەيتتى.

باۋ چىفەن پىرىستان ئىشچىسىدىن تېخنىكا تايانچى، كارخانا باشلامچىسى، ئەشيا ئوبوروتى مۇتەخەسسىسى، خەلقئارا ئۆلچەملىك باشلامچى بېكىتكۈچىسى بولۇشقىچە... كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدە، باۋ چىفەننىڭ كىشىلىك ھاياتى «ئۈندەش بەلگىلىرى» بىلەن تولغانىدى، ئەمما باۋ چىفەننىڭ قارىشىچە، ئۇ ئەزەلدىن ئاددىي خىزمەت ئورنىدا يېڭىلىق يارىتىشنى توختىتىپ قويمىغانىدى.

1987 - يىلى 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، باۋ چىفەن «15 توننىلىق سىيرىلغۇچ شەكلىدىكى تاق ئارقانلىق كۆپ پارچىلىق چاڭگال سۈكەن» تۈرى بىلەن 15 - نۆۋەتلىك جەنۋە خەلقئارا كەشپىيات ۋە يېڭى تېخنىكا كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 2015 - يىلى ئوخشاش بىر مۇكاپات بېرىش سۇپىسىدا ئۇ يەنە بىر قېتىم ئۈچ خەلقئارا ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئارىدىن 28 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، پورت ئىشلەپچىقىرىشى ئادەم كۈچىدىن ماشىنىلىشىشقا، ماشىنىلىشىشتىن رەقەملىشىشكە، ئاندىن ئاپتوماتلىشىشقا، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقا قاراپ نەچچە قېتىملىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇنىڭ سىجىل يېڭىلىق يارىتىشى ۋە قالتىس تۆھپىسى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى!

ئۇنىڭ كەشپىياتى چاڭگال سۈكەن بىلەنلا توختاپ قالمىدى. ئۇ دۆلىتىمىز پورتىدا تۇنجى ئىچكى سودا ئۆلچەملىك كونتېينېر سۇ يولىنى ئېچىشقا قاتناشتى، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى كونتېينېرنى ئاپتوماتلاشتۇرۇپ ئادەمسىز دۆۋىلەش مەيدانىنى قۇرۇشقا قاتناشتى، خەلقئارادىكى تۇنجى يۈرۈش تولۇق ئاپتوماتىك پارچە رۇدا قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئۈسكۈنىسى سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى پائال ئالغا سىلجىتتى، كونتېينېر - RFID يۈك توشۇش بەلگە سىستېمىسىنىڭ خەلقئارا ئۆلچىمىنى باش بولۇپ تۈزۈپ چىقتى.

شاڭخەي پورتى جۇڭگو سۇ تىرانسپورت ئىقتىسادىدا يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقىشنىڭ گۇۋاھچىسى، باۋ چىفەن بولسا پورت ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، باۋ چىفەن ئۇدا بەش نۆۋەت شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەن نامغا، شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزىنى بېغىشلاش ئەخلاق نەمۇنىچىسى دېگەن نامغا ئېرىشتى. ئۇ كوللېكتىپنى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەپ، ئۈچ تۈردە دۆلەت كەشپىيات مۇكاپاتىغا، ئۈچ تۈردە دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا، پارىژ، جەنۋە قاتارلىق خەلقئارا كەشپىيات كۆرگەزمىسىدە 36 تۈردە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ يەنىلا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلماقتا.

يېڭىلىق يارىتىش يولى ئاياغ ئاستىمىزدا بولسىمۇ، لېكىن بۇ يول ھەرگىز تەكشى ئەمەس، پەقەت ھارماي - تالماي ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىش، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش كېرەك.

باۋ چىفەننىڭ كونا خىزمەتدىشى ۋاڭ ۋېيپىڭ «ماي قەلەم زاۋۇتىغا ئۈچ قېتىم بېرىش» ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. باۋ چىفەن تاسادىپىي ھالدا ماي قەلەمنىڭ ئېچىلىش - يېپىلىش قۇرۇلمىسىنىڭ دەل چاڭگال سۈكەن ئېھتىياجلىق نەرسە ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ئەمما بۇ پىرىنسىپنى چاڭگال سۈكەنگە قانداق تەتبىقلاش كېرەك؟ باۋ چىفەن ماي قەلەم زاۋۇتىغا بېرىپ چېرتيوژنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى، ئەمما ئۇلار ئۇنى كىرگۈزمىدى ياكى رەت قىلدى. ئۇ ماي قەلەم زاۋۇتىغا ئۈچ قېتىم بېرىپ. ئاخىر چېرتيوژنى كۆرۈپ سىرنى يېشىپ، چاڭگال سۈكەننىڭ يېڭى ئېچىلىش - يېپىلىش قۇرۇلمىسىنى ياساپ چىقتى.

«ئەگەر يۈزەكى تەتقىق قىلىپلا توختاپ قالساق، قىيىنچىلىقنى كۆرۈپ چېكىنسەك، يېڭىلىق يارىتىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايمىز. ئەمەلىيەتتە، بارلىق تېخنىكا يېڭىلاشتا مەسىلىنى يېشىش، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ جاپالىق جەريانى بولىدۇ.» ۋاڭ ۋېيپىڭ مۇنداق دېدى: «مۇھىمى، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، سىز قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى تاللامسىز ياكى چېكىنەمسىز، باۋ چىفەن ھامان ئالدىنقىسىنى تاللايتتى».

قەيەر بىخەتەر بولمىسا، قەيەردە ئۈنۈم تۆۋەن بولسا، قەيەردە تەننەرخ يۇقىرى بولسا، قەيەردە سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كەلسە، باۋ چىفەن شۇ يەر ئۈچۈن كاللا قاتۇراتتى. كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان 40 نەچچە يىلدا، پىرىستاننى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىش ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىش خەرىتىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

2006 - يىلى 5 - ئايدا پارىژ خەلقئارا كەشپىيات كۆرگەزمىسىدە، باۋ چىفەننىڭ نۇرغۇن ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان كەشپىياتى تۆت ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇ 105 يىلدىن بۇيان بۇ كۆرگەزمىدە بىر قېتىمدىلا ئالتۇن مۇكاپاتقا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن كىشى بولۇپ قالدى.

باۋ چىفەن ئوتتۇرىغا قويغان ئاممىۋى پىرىستان بىلەن چوڭ تىپتىكى پولات - تۆمۈر كارخانىلىرى ئارىسىدا يوچۇقسىز ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يېڭى ئەندىزىسى بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر تىپىدىكى پىرىستان قۇرۇلۇشىدىكى مۇنەۋۋەر ئۈلگىگە ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن، 2009 - يىلى ئۇ دۇنيا قۇرۇلۇش تەشكىلاتلىرى بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «خەسىب سابباغ مۇنەۋۋەر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

21 - ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىز دۇنيادا كونتېينېر پورتلىرىنىڭ مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى بويىچە بىرىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى، ئەمما بۇ ساھەدە خەلقئارا ئۆلچەمنى بېكىتىشتە جۇڭگو ئاۋازى ئىنتايىن ئاز ئىدى، مۇستەقىل بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە جۇڭگو كەشپىياتىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە كىرىشى تېخىمۇ تەس ئىدى.

نەچچە يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، باۋ چىفەن كوللېكتىپى تۈزگەن جۇڭگو كونتېينېرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق بەلگىسىگە ئالاقىدار خەلقئارا ئۆلچەم − (2011) ISO18186 ئاخىر جەنۋە ISO مەركىزىي كاتىبات باشقارمىسىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ، ئېلىمىز 1978 - يىلى ISO پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئەشيا ئوبوروتى، نەرسە تورى ساھەسىدىكى تۇنجى جۇڭگو تەشەببۇس قىلىپ تەييارلىغان ۋە يېتەكچىلىك قىلغان خەلقئارا ئۆلچەم بولۇپ قالدى.

يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك. باۋ چىفەن ئىش ئورنىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۇرۇقىنى چاچتى، شۇنداقلا كوللېكتىپنىڭ يېڭىلىق يارىتىش دەرىخىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى، باراقسان قىلدى. نەتىجىلەردىن ھەمبەھرىلىنىش، ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش باۋ چىفەن ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان كوللېكتىپنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى. ئۇ مۇنداق قارايدۇ: پۇختا كوللېكتىپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسى، كوللېكتىپنى ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش ئاچقۇچ.

بىر كۈن يېڭىلاش، كۈندە يېڭىلاش، يەنە يېڭىلاش كېرەك. باۋ چىفەن تىنىقى توختاپ قالمىسىلا، يېڭىلىق يارىتىشنى توختاتماسلىقنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. ئۇ خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇردى، چۈنكى تەرەققىيات يولىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدىغان بولغاچقا، بوغما ھالەتنى تۈگىتىشكە، ھاياتىي كۈچنى قويۇپ بېرىشكە توغرا كېلەتتى. باۋ چىفەن مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ جاپالىق ئىگىلىك تىكلىشىمىزدە، جاپالىق تەر ئاققۇزۇشقا، شۇنداقلا، ئەقىل - پاراسەتنى بېغىشلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئىجادىي ئەمگىكىمىز ئارقىلىق دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك، بىز يېڭىلىق يارىتىش يولىدا داۋاملىق ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.